0:00 / 0:00
ئالماتا شەھرىگە جايلاشقان قۇددۇس خوجاميارۇپ نامىدىكى ئۇيغۇر تىياتىرى زالىدا قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئۇيۇشتۇرىشى بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنغان كىتاپلار كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.
مەزكۈر كۆرگەزمىگە قويۇلغان كىتاپلار ئارىسىدا مۇشۇ ئىككى يىلدا نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتاپلارنىڭ سانىلا سەكسەندىن ئاشىدىكەن.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى مەزكۈر كۆرگەزمىگە يۇقۇرى باھالار بەرگەن.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.