" تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق كىتاب تۈركچىدە نەشىر قىلىندى
2007.09.28
1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى غۇلجىدا ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئەلىخان تۆرە ساغۇنى يازغان "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق كىتاب تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىندى. كىتاب گېرمانىيىنىڭ ئىستانبۇلدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، گېرمانىيىنىڭ لۇرسبۇرگ شەھىرىدە نەشىردىن چىققان.
كىتابنى ئەلىخان تۆرىنىڭ ئوغلى قۇتلۇقخان تۆرە تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ نەشىرگە تەييارلىغان بولۇپ، كىتابتا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابى مەزگىلىگە ئائىت بولغان نۇرغۇن قىممەتلىك رەسىملەر يەر ئالغان. ئەسلىمە خاراكتېرىدىكى بۇ كىتابتا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-30- يىللىرىدىكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە ئەلىخان تۆرىنىڭ 1938-يىلى كۇچادا تۇتقۇن قىلىنىشىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تارىخى جەريان بايان قىلىنغان.
بۇ كىتابنىڭ گېرمانىيىدە نەشىر قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم ئەلىخان تۆرىنىڭ ئوغلى قۇتلۇقخان تۆرە بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، بۇ سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى سىلەرگە سۇنىمىز. (ئەركىن تارىم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- سابىت داموللامنىڭ كىتابى تۈركىيىدە نەشىر قىلىندى
- بەختىگۇل خانىم دۇنيا ئايال قەلەمكەشلەر يىغىنىدا (1)
- ئالىم سابىت داموللامنىڭ "ئەقائىد جەۋھەرى"ناملىق ئەسىرى ھەققىدە
- ئەلىخان تۆرىنىڭ تۈركىستان قايغۇسى ناملىق كىتابى ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىندى
- "يۈسۈپ ماماي ۋە ماناس داستانىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋارىيانتى" ناملىق كىتاب تۈركىيىدە نەشىر قىلىندى
- قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار رابىيە قادىر ھەققىدىكى كىتابتىن شادلاندى
- شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئانا تىل مەكتىپىنى تەبرىكلىدى
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەرجىمىھال خاراكتېرلىك ئەسىرىنىڭ نەشىردىن چىقىش مۇناسىۋىتى بىلەن، دولقۇن ئەيسا سۆھبەتتە
- رابىيە قادىرنىڭ تەرجىمىھالىنىڭ نەشىردىن چىقىش مۇراسىمى توغرىسىدا
- ئابدۇقادىر داموللامنىڭ مەشھۇر 3 ئەسىرى توغرىسىدا
- "ئاخىرقى دۇنياۋى كوزۇر - ئامېرىكا تۇرانى " ناملىق كىتاب ھەققىدە
- مەرھۇم دوكتور ئابدۇقادىر تاشنىڭ بىر پارچە ماقالىسى ھەققىدە
- ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ "ئەسىر شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن" ناملىق كىتابىنىڭ داۋامى يورۇق كۆردى