ئوقۇغۇچىلارنى پاختا تېرىشكە كىم ئورۇنلاشتۇرغان؟


2005.09.27

بىز ئاتا - ئانا ۋە ئوقۇغۇچى - ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نارازىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاختا تېرىشى ھەققىدە مەخسۇس بەلگىلىمە تۈزۈپ چىققان ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىغا تېلېفون قىلدۇق.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خادىم "ئاتا - ئانىلارنىڭ بۇ خىل كۆڭلىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. لېكىن يەنە بىر نۇقتىدىن قارىغاندا، ئوقۇغۇچى بالىلارنىڭ بۇنداق ئەمگەكلەرگە قاتنىشىشى ئۇلار ئۈچۈن بىر خىل چىنىقىش. بۇ خىل ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەش پائالىيىتى ھەر يىلى داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ" دەپ بىلدۈردى.

يەرلىك: مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مائارىپ كومىتېتىنىڭ بۇ خادىمى مۇخبىرىمىزنىڭ "ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەش" دېگەن ھەرىكىتىڭلارنى ئوقۇغۇچىلارغا پاختا تەرگۈزۈش بىلەن ئەمەس، بەلكى باشقا تۈرلۈك يېنىكرەك ئەمگەكلەرنى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئېلىپ بارساڭلار بولمامدۇ ؟” دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

"كېۋەزلىككە بىزمۇ بارغان، ھەقىقەتەن ناھايىتى جاپالىق، لېكىن بۇ يۇقىرىدىن كەلگەن ھۆججەت بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىش. بىز بۇنى ئۆزگەرتىمىز دەپلا ئۆزگەرتەلمەيمىز. بىزنىڭمۇ ئۇلارنى بۇنداق ئېغىر ئەمگەككە سالغىمىز يوق. بىزنىڭ بۇنىڭغا ئامالىمىز يوق. بىز ھۆججەت بويىچە ئىش قىلمىساق بولمايدۇ. ئەگەر باشقا تۈردىكى ئەمگەككە ئالماشتۇرىدىغان ئىش بولسا، ئالدى بىلەن يۇقىرىنىڭ تەستىقى بويىچە بولىدۇ. يۇقىرى تەستىقلىماي تۇرۇپ، بىز ئۆز ئالدىمىزغا ئۆزگەرتەلمەيمىز. شۇڭا ئەگەر بۇ ھەقتە پىكىرىڭلار بولسا، مەركىزىي مائارىپ كومىتېتىغا بىۋاستە تېلېفون قىلىپ ئىنكاس قىلساڭلار بولىدۇ".

مەركەز: يەرلىكنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى

بىز ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىنىڭ دېگىنى بويىچە، بېيجىڭدىكى مەركىزىي مائارىپ كومىتېتىغا تېلېفون قىلدۇق. لېكىن تېلېفونىمىزنى ئالغان مەلۇم بىر ئىشخانا باشلىقى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ "مائارىپ كومىتېتى پەقەت ماكرولۇق سىياسەتنىلا بېكىتىدۇ. كونكرېت ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى، يەنىلا يەرلىك ئۆزى باشقۇرىدۇ" دەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاختا تېرىش ئەمگىكىگە قاتنىشىشىغا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى ئۆزى مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىنىڭ ئېغىر ھەم ئۇزۇن مۇددەتلىك پاختا تېرىش ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار بولغان ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى چىن كۈيدﯤ ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

"مەنچە بۇ، ياش - ئۆسمۈر بالىلارنى خورلاپ، ئۇلارنى نابۇت قىلغانلىق. ئەمەلىيەتتە بۇ بالىلارنى ئۇقۇغۇچى ئورنىدا ئەمەس، بەلكى بالا ئىشچى ئورنىدا قۇل قىلىپ ئىشلەتكەنلىك. بۇنداق قىلىش خەلقئارا قانۇندا قاتتىق چەكلەنگەن. خىتاينىڭ بالىلارنى بۇنداق ئېغىر ئەمگەككە سېلىشى بەكمۇ چوڭ بىر مەسىلە. بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ سەل قارىماسلىق كېرەك. ئۇلار بالىلارنىڭ قان تەرى ئارقىلىق ئۆزىگە ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئېلىپ كېلىشنىلا ئويلاپ، بالىلارنى مەيلى جىسمانىي جەھەتتە بولسۇن ياكى روھى جەھەتتە بولسۇن، قاتتىق ئازابلىماقتا. بۇ، خىتاينىڭ مائارىپ سىستېمىسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئېغىر مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خىتاي مائارىپ سىستېمىسىدا، ھەرقانداق بىر بەلگىلىمىنى بېكىتكەندە، ھەرگىزمۇ ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى ياكى مەكتەپ، ئاتا -ئانا قاتارلىقلارنىڭ پىكىرىنى ئاساسىي ئورۇنغا قويمايدۇ. ئۇلار پەقەت يۇقىرىنىڭ يوليورۇقى بويىچە بۇيرۇق ئىجرا قىلىشنىلا بىلىدۇ". (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.