كلىنتون خانىم ناتونىڭ رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئىزدەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتىنىڭ شەرققە قاراپ كېڭىيىش ئېھتىماللىقى رۇسىيىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىم دۈشەنبە كۈنى، ناتونىڭ رۇسىيە خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرمەيدىغانلىقىنى، ئەكسىچە ناتونىڭ رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئىزدەيدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-02-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﻫﯧﻠﻼﺭﯨﻲ ﻛﻠﯩﻨﺘﻮﻥ ﺑﯩﺮ ﻫﻪﭘﺘﯩﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯘ، ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﺭﯛﯞﯦﻠﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ.
ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﻫﯧﻠﻼﺭﯨﻲ ﻛﻠﯩﻨﺘﻮﻥ ﺑﯩﺮ ﻫﻪﭘﺘﯩﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯘ، ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﺭﯛﯞﯦﻠﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ.
AFP Photo

يېقىندا رۇسىيە پرېزىدېنتى رۇسىيىنىڭ يېڭى ھەربىي مەسلىكىگە ئىمزا قويغان. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر يېڭى مەسلەكتە ناتو -رۇسىيە فېدېراتسىيىسى خەۋپسىزلىكىگە "ئەڭ زور تەھدىت سالغۇچى كۈچ" سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن.

جەيمىس تاۋۇن فوندى جەمئىيىتى ياۋروئاسىيا كۆزەتچىلىكى ژۇرنىلىدا كۆرسىتىشىچە، ناتو دائىرىلىرىمۇ رۇسىيە ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى مەسلەكتىكى پىكىرلەرنىڭ رېئال ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىممۇ ناتونىڭ رۇسىيە بىلەن ھەربىي ۋە خەلق ئىشلىرىدا ھەمكارلىق ئورنىتىشىنى خالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كلىنتون خانىم بۇ ھەقتىكى سۆزلەرنى 22 - فېۋرال ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان ئاتلانتىك كېڭىشىدە چاقىرىلغان ناتونىڭ ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىسى ناملىق يىغىندا ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ، ناتو -رۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ يادرو قوراللىرىنى قىسقارتىش، تېررورلۇق ۋە ئىنتېرنېت ھۇجۇملىرىدىن ئىبارەت كۈندىن ‏ - كۈنگە كۈچىيىۋاتقان تەھدىتلەرگە ئورتاق قارشى تۇرۇشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

كلىنتون خانىم رۇسىيىنى ناتو بىلەن ھەمكارلىشىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: " مەن شۇنى ئوچۇق ئېيتالايمەنكى. رۇسىيە بىخەتەرلىكى ھەر خىل رىقابەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە، ناتو بۇ رىقابەتلەر قاتارىدا يوق. بىز ناتو بىلەن رۇسىيىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدىغان ناتو ‏ - رۇسىيە ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىگە موھتاج."

ھالبۇكى، رۇسىيە دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل مەيدانىغا گۇمانىي قارىماقتا.

رۇسىيىنىڭ ناتودىكى ئەلچىسى كلىنتون خانىمنىڭ ناتو ‏ - رۇسىيە ھەمكارلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق كونكرېتنى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىنىشىچە، رۇسىيىنىڭ ناتودىكى ئەلچىسى دمىترىي روگوزىن: " مەنچە، كلىنتون خانىم ئامېرىكا، ناتو ۋە رۇسىيە ھەمكارلىقى مەسىلىسىدە موسكۋا دائىرىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان سوئاللارغا جاۋاب بەرمىدى" دېگەن. ئۇ يەنە، نۆۋەتتە ناتو ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ياۋروپا خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيىسى ۋە ناتونىڭ شەرققە قاراپ كېڭىيىش ئىستراتېگىيىسىدىن رۇسىيىنىڭ نارازى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ناتو ۋە رۇسىيە ئارىسىدىكى ئىختىلاپ ئۈستىدە توختالغان ئاسىيا ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، ناتونىڭ ئەسلى سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا قارشى قۇرۇلغان بىرلىك ئىكەنلىكى، مەزكۇر بىرلىكنىڭ سوۋېتلەر ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، ھەتتا ئەسلىدىكى سوۋېت تېررىتورىيىسىدىكى رايونلارغا قاراپ كېڭىيىشى رۇسىيە دائىرىلىرىنى ئەزەلدىن بىئارام قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، رۇسىيىنىڭ ناتودىكى ئەلچىسى روگوزىن، ناتونىڭ رۇسىيىگە تەڭ ‏ - باراۋەر مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە، ئامېرىكىنىڭ ياۋروپادا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا رۇسىيىنى باراۋەر شېرىك دەپ تونۇيدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە 2009 يىلى يېڭىدىن ياۋروپا خەۋپسىزلىك كېلىشىمىنى تونۇشتۇرۇپ، ياۋروپا بىخەتەرلىكى مەسىلىدە ناتو بىلەن باراۋەر ئىمتىياز تەلەپ قىلغان.

ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ناتو دائىرىلىرى رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما رۇسىيىگە ناتودا يۇقىرى ئىمتىياز بېرەلمىگەچكە رۇسىيە دائىرىلىرى ناتونىڭ ھەمكارلىق تەلەپلىرىنى رەت قىلغان. شۇ سەۋەبتىن ناتو ‏ - رۇسىيە ئارىسىدا كۆڭۈلدىكىدەك بىر ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ئىنتايىن قىيىن ئىكەن.

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ناتو قىسىملىرىنىڭ 2001 - يىلدىكى 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئافغانىستانغا كىرىشى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغانلىقى، ئىلگىرى ناتونى پەقەت سوۋېتنىڭ كۈشەندىسى دەپ قاراپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىمۇ ئەنسىرىتىشكە باشلىغان.

ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، خىتايمۇ ناتونىڭ كەلگۈسىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئېلىپ بارىدىغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى مۆلچەرلىيەلمەي تىت ‏ - تىت بولماقتا ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت