كىلىنتون خانىمنىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى توغرىسىدىكى نۇتقىدىن كېيىنكى ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىگە نەزەر

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېلارىي كلىنتون تۈنۈگۈن ئۇچۇر مۇزىيىدا ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى ھەققىدە سۆزلىگەن نۇتقىدا 'بەزى دۆلەتلەر خەلقنىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتىدۇ' دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.01.22
Klinton-xanimning-axbarat-muzeyida-sozligen-sozi-305.jpg 21 - ﻳﺎﻧﯟﺍﺭ ﻛﯜﻧﻰ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﻫﯧﻼﺭﻯ ﻛﻠﯩﻨﺘﻮﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﻣﯘﺯﯦﻴﯩﺪﺍ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺗﻮﺭﻏﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﻪ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﻮﺭ ﺧﺎﻛﻠﯩﻐﺎﻥ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻫﻪﻡ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺋﯩﻤﺒﺎﺭﮔﻮ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﺷﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻛﻠﯩﻨﺘﻮﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺳﯚﺯﺩﻩ.
www.newseum.org ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ما جاۋشۈ 'ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۆزىدە جۇڭگوغا دارىتىپ ھۇجۇم قىلدى، ئۇنىڭ سۆزى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە خەتەر كەلتۈرىدۇ' دەپ نارازىلىق بىلدۈردى. مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە باھا ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېلارىي كلىنتون تۈنۈگۈن ۋاشىنگتوندىكى ئۇچۇر مۇزىيىدا ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى ھەققىدە سۆزلىگەن نۇتقىدا ' بەزى دۆلەتلەر ئېلىكترونلۇق توسما بىنا قىلىپ، ئۆز دۈلىتىدىكى خەلقنىڭ پۈتۈن دۇنياغا ئورتاق بولغان ئىنتېرنېت تورلىرىدىن پايدىلىنىشىنى چەكلەۋاتىدۇ. بۇ، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتاپبامىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىق. دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتاپبامىسىدا، ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ دۆلەت چېگرىسى بىلەن چەكلەنمىگەن ھالدا ئۇچۇر ۋە ئىدىيە تارقىتىش ھوقۇقى بار، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن ' دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

ھېلارىي كلىنتون نۇتقىدا يەنە، 'خەلقنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى بۇغۇۋاتقان بەزى دۆلەتلەر ۋە تېررورچىلار شۇنى بىلىپ قويۇشى كېرەككى، ھازىرقى دۇنيا خەلق ئىنتېرنېتكە تايىنىپ ئۆز -ئارا ئالاقە قىلىدىغان دۇنيا، بىر جايدا ئىنتېرنېتكە ھۇجۇم قىلغانلىق پۈتۈن دۇنياغا ھۇجۇم قىلغانلىق. ئامېرىكا 'دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتاپنامىسى' غا ۋە سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى فرانكلىن روزۋېلت 1941‏ - يىلى جاكارلىغان تۆت خىل ئەركىنلىك (دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكى، دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى، نامراتلىققا قالماسلىق ئەركىنلىكى، تەھدىتكە ئۇچرىماسلىق ئەركىنلىكى دېگەن تۆت خىل ئەركىنلىك) بۇيىچە ئىش كۆرۈپ كېلىۋاتىدۇ، ھازىرمۇ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇ پرىنسىپلار بۇيىچە ئىنتېرنېتنى قوغدايدۇ، ئىنتېرنېتكە ھۇجۇم قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىدۇ' دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ما جاۋشۈ بۈگۈنكى باياناتىدا، ھېلارىي كلىنتون خانىمنى 'جۇڭگوغا دارىتمىلاپ ھۇجۇم قىلدى، بىز بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز'، 'جۇڭگودا 380 مىليون ئادەم قوللىنىدىغان 3 مىليون 600 مىڭ ئىنتېنېت تور بېتى ھەر دائىم ئوچۇق، بىز ئۇنىڭ بۇ پاكىتقا ھۆرمەت قىلماستىن تۇرۇپ، ئاتالمىش 'ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى' دېگەننى باھانە قىلىپ، جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلىشغا ھەرگىز يول قويمايمىز' دەپ جاكارلىدى.

ھازىر ئامېرىكىنىڭ نيۇجېرسى شىتاتىدا تۇرۇۋاتقان جەمئىيەتشۇناس، مۇستەقىل تەتقىقاتچى چېن شاۋنۇڭ بۇ ھەقتە باھا ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ كۆز قارىشىنى رەت قىلدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، دۇنيادا خەلقنىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى بوغىدىغان بىر نەچچىلا دۆلەت بار، بۇنىڭ بىرى خىتاي، خىتاي ھۆكۈمىتى 'شەھۋانىيلىقنى توساش' دېگەن نام بىلەن ئىنتېرنېتنى توسۇپ، ئىنتېرنېت ئەھلىنىڭ ئارزۇ قىلىدىغان ئەركىنلىك ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەردار بولۇشىنى چەكلەۋاتىدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ تور بەتلىرىدە شەھۋانىي ئۇچۇرلار، بەد - بەشىرە فوتو رەسىملەر بار، ھەتتا شەھۋانىيلىقنى تەپسىلىي تونۇشتۇرىدىغان مۇلازىمەتمۇ بار. خىتاينىڭ باياناتچىسى بۇ پاكىتتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.

چېن شاۋنۇڭنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگودا ئىنتېرنېت ئوچۇق دېگىنى، ھۆكۈمەت ئەركىنلىك ئۇچۇرلىرىنى توسىۋەتكەندىن كېيىنكى ئىنتېرنېت ئوچۇق، خەلق خالىمايدىغان بىمەنە ئۇچۇرلار ئوچۇق دېگەنلىك. خىتاينىڭ باياناتچىسى بۇ پاكىتتىنمۇ ئۆزىنى قاچۇرغان.

چېن شاۋنۇڭنىڭ قارىشىچە، خىتاي باياناتچىسىنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرىنى خىتايغا دارىمىلاپ ھۇجۇم قىلدى، دېگىنى خاتا. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتاپنامىسىدە بەلگىلىنىشىچە، ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە باھا بېرىش، تەنقىد ئوتتۇرىغا قويۇش ھوقۇقى بار. خىتاينىڭمۇ شۇنداق قىلىش ھوقۇقى بار. ئەمما كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ھەر يىلى باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەنقىدىنى كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلغانلىق دەپ تۆھمەت قىلىۋاتىدۇ. خىتاي ئۆزى تۈزۈۋالغان بۇنداق ئۆلچەملەرنى دۇنيادا ھېچقانداق بىر دۆلەت قوبۇل قىلغىنى يوق.

چېن شاۋنۇڭنىڭ قارىشىچە، خىتاي باياناتچىسىنىڭ ھەر قانداق دۆلەتنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەنقىدلىگەنلىكىنى، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى بۇزىدۇ، دېگەن گەپلىرى ئۆكتەملىك قىلغانلىق ۋە بىرخىل تەھدىت.

مۇستەقىل تەتقىقاتچى چېن شاۋنۇڭ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىسى ئوچۇق دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە يەنىلا توسۇق، بۇ خىتايدىكى بىر خىل چېكىنىش، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇنداق سىناقنى، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭ ۋەزىيىتى يامانلاشقاندا، ئىچكى ئۆلكىلەردىمۇ قوللىنىشى مۇمكىن.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا ئۇچۇر پاكولتېتىنىڭ پروفېسسورى جۇ فېڭمۇ بۇ ھەقتە باھا ئېلان قىلىپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ما جاۋشۆنىڭ ھىلارىي كلىنتونغا قارىتا دېگەن گەپلىرى، ئەمەلىيەتتە خىتايدىكى خەلققە قىلىنغان پوپوزا، بۇ گەپ ئامېرىكىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، دېگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

پىكىر

Anonymous
Jan 23, 2010 09:36 AM

Haywan Xitay Hokümiti Uyghur Diyarining Internetla emes,Telfun,ziyaretkiche taqap qoyghinini untup qaldimu,yaki Uyghur Diyari Xitay terturyesi bolmighanliqi üchün shundaq dewatamdu