ئۇيغۇر ئېلىدە كۆچمەن ئىشچىلارغا ئىمتىياز بېرىش تەشەببۇس قىلىندى


2005.01.17

خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق "شىنجاڭ خەۋەر تورى" نىڭ دۈشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى شەھەرلەردە ئىشلەۋاتقان ئاققۇن ئىشچىلارنىڭ سانى بىر مىليوندىن ئاشقان.

خىتاي ئاققۇنلىرىغا "يېشىل كېنىشكە"

kochmen-150.jpg
بۇ رەسىم 2003-يىلى 17-سېنتەبىردە قەشقەردە تارتىلغان بولۇپ، بىر خىتاي ئايال ماۋ زېدوڭنىڭ ھەيكىلىڭ ئالدىدا مەشق قىلماقتا. خىتاي، ئۇيغۇر ئېلىنى ئىگىلىگەن 55 يىلدىن بۇيان، بۇ يەرگە ھەر خىل يوللار بىلەن خىتاي كوچمەنلىرىنى يۆتكىمەكتە. AFP

ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ئۇلارنىڭ ئىش ھەققى، ئەمگەك شارائىتى، جەمئىيەت پاراۋانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە تېگىشلىك ھوقۇقلارغا ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارغا "شەھەر يېشىل كىنىشكىسى" تارقىتىش ئارقىلىق، ئۇلارنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى شەھەر ئاھالىسىگە ئوخشاش ھوقۇقلاردىن بەھرىمان قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى شەھەرلەرگە كېلىپ جان بېقىۋاتقان كۆچمەن ئىشچىلارنىڭ كۆپ قىسمى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن كەلگەنلەر ئىكەن. ئۇلار ئاساسلىقى قۇرۇلۇش، كان، توقۇمىچىلىق، ئاشخانا مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەردە ئىشلەيدىكەن. خىتاي دائىرىلىرى خەۋەردە، كۆچمەن ئىشچىلار قىلىۋاتقان ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسى "يەرلىك خەلق جىددىي ئىھتىياجلىق بولغان، ئەمما ئىشلەشنى خالىمايدىغان خىزمەتلەر" دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئەمگەكچىلەر پاراۋانلىقى ئورۇنلىرىنىڭ سىرتتىن كەلگەن ئاققۇن ئىشچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىچۇ؟

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن ئاققۇن ئىشچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىگە بېرىپ ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلار بولسا پۈتۈنلەي ئەكسىنچە مۇئامىلىگە ئۇچرىماقتا. رادىيومىزنىڭ ھەقسىز لىنىيىسىگە كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە ساقچى ئورگانلىرى باش بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى چەتكە قاقىدىكەن ۋە قاقتى - سوقتى قىلىدىكەن. يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۇلارغا تۇرالغۇ جاي بېرىشىنى چەكلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىجارەت ئېلىپ بېرىشىغا قىيىنچىلىق يارىتىكەن.

خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى

ئامېرىكىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدىكى "بېيجىڭ باھارى" ژورنىلىنىڭ باش تەھرىرى شۆۋىي ئەپەندى، ئۇيغۇر ئېلىدە ئاققۇن ئىشچىلارغا شەھەر ئاھالىسى بىلەن ئوخشاش ھوقۇق بېرىش تەشەببۇسىنىڭ تېخى خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى بولىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ سۆزىدە مۇنداق دىدى:

"ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە خىتايلارنىڭ باستۇرۇشى ۋە بوزەك قىلىشىغا ئۇچراۋاتىدۇ. ئۇلار بولۇپمۇ خىزمەت تېپىشتا خىتايلار بىلەن تەڭ ھوقۇقتىن بەھرىمان بولالمايۋاتىدۇ. شۇڭا، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ھازىر ئىشسىز. بۇنىڭ ئەكسىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكىرىدىن بارغان ئاققۇنلار ۋە باشقا خىتاي كۆچمەنلىرىگە خىزمەت جەھەتتىن ئېتىبار بېرىۋاتىدۇ. مېنىڭچە، ئەگەر ئاققۇن ئىشچىلارغا شەھەر ئاھالىلىرىگە ئوخشاش ھوقۇق بېرىلسە، بۇ خىتاي كۆچمەنلىرى ئۈچۈن بىر ياخشى ئىش. بىراق بۇ تېخىمۇ كۆپ ئاققۇن ئىشچىلارنىڭ بۇ رايونغا كېلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىش پۇرسىتىنى تېخىمۇ ئىگىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مېنىڭچە، خىتاينىڭ بۇ تەشەببۇسى قارىماققا ياخشى بولغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىنى خىتايلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشتىكى بىر تەدبىر بولىشى مۇمكىن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلىشىشى كېرەك

شۆۋىي ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئاققۇن ئىشچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن نۆۋەتتىكى جەمئىيەت تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز يۇرتلىرىدا تېگىشلىك ھوقوقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا تېگىشلىك ھەق- ھوقۇقلىرىنى بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى خەۋىرىدە، ئىچكىرىدىن كەلگەن ئاققۇن ئىشچىلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ ئىشتا يارىلىنىش ، داۋالىنىش ، ئىشسىزلىق ۋە تۇغۇت جەھەتتىكى سۇغۇرتىلىرىنىڭ يوقلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ئاققۇن ئىشچىلارنىڭ بۇ تەرەپلەردىكى ھوقۇقىنى كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بىراق شۆۋىي ئەپەندى، ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئاققۇن ئىشچىلارنىڭلا ئەمەس، نۆۋەتتە خىتايدىكى نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭمۇ يۇقىرىقىدەك سۇغۇرتىلاردىن بەھرىمان بولالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

خىتايلاشتۇرۇشنى تىزلىتىشتىكى يەنە بىر قەدەم

تۈركىيىدىكى خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئوتتۇرىغا قويغان، شەھەرلەردىكى خىتاي كۆچمەن ئىشچىلارغا شەھەر ئاھالىسى بىلەن ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش تەشەببۇسى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى نوپۇسىنى كۆپەيتىش ۋە ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈش، ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى نوپۇسىنى ئاز سانلىق ھالغا چۈشۈرۈپ، خىتايلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەسىرى ئازايتىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بۇ تەشەببۇسلىرى، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەندىن كىيىن، ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.