شەندوڭدىن كەلگەن 300 دىن ئارتۇق خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلماقچى


2005.07.22

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىشسىزلىق كىرىزىسى ھەققىدە چىقىرىلغان ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇمكى، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشسىزلار نىسبىتى بارغانچە ئېشىپ بارماقتا.

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ بۇ يىل ئاپرىل ئېيىدا ئېلان قىلغان بىر ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا ئەمگەك كۈچى يىلىغا 400 مىڭدىن كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، 2001 - يىلىدىن 2005 - يىلىغىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شەھەر، ناھىيە، بازارلىرىدىكى ئېشىنچە ئەمگەك كۈچى بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن.

مۇشۇنداق بىر شارائىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەكسىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە تۈركۈملەپ ئىش ئىزدەپ كەلگۈچىلەرگە بولسا، غەربىي رايونلارنى ئېچىش پىلانى بويىچە، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە خىزمەتكە ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن كەڭرى سىياسەت قوللانماقتا.

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتىنى، يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.