رۇسىيە قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارىتا كەڭ كۆلەمدە تازىلاش ھەرىكىتىنى باشلىدى


2006.07.31

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، يېقىندا رۇسىيە بىخەتەرلىك ئورگانلىرى بىلەن فېدېرال كۆچمەنلەر ئىدارىسى بىرلىكتە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى تازىلاش ئالاھىدە ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغان.

ئۇلار موسكۋا شەھىرىدىكى تۇرالغۇ جاي، مېھمانخانا، ياتاق ئۆيلەر، بازار، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى ۋە كارخانىلاردىن بولۇپ 7500 دىن ئوشۇق جايدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە 27‏- ئىيول كۈنى موسكۋا شەھىرىدە ئېلىپ بارغان 24 سائەتلىك تازىلاش ھەرىكىتىدە 3000 دىن ئوشۇق قانۇنسىز كۆچمەن تۇتقۇن قىلىنغان. شۇنداقلا بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 1700 گە يېقىن چەتئەللىك رۇسىيىدە قانۇنسىز تۇرغانلىقى سەۋەبىدىن قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىپ، 302 كىشى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىدىكەن.

يىراق شەرقتە ئادەم ئازلىماقتا

بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسى بىلەن چېگرالىشىدىغان رۇسىيىنىڭ يىراق شەرقتىكى چېگرا رايونىدىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار " چەتئەللىكلەر 2006 ‏" دېگەن نام بىلەن قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى تازىلاش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان. بۇ جايدىمۇ قولغا ئېلىنغان قانۇنسىز كۆچمەنلەردىن 136 سى ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇلغان. بۇ ھەرىكەتتە رۇسىيىنىڭ خىتاي بىلەن چېگرالىشىدىغان چەت-ياقا رايونىدا قولغا ئېلىنغان قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۆزىلا 60 تىن ئاشقان. گەرچە يىراق شەرق چېگرا رايونىدىكى بۇ قېتىملىق تازىلاش ھەرىكىتى 8‏-ئايغىچە داۋام قىلسىمۇ، لېكىن بۇ يەردىكى بىخەتەرلىك ئورۇنلىرى داۋاملىق تۈردە چەتئەل كۆچمەنلىرىگە بولغان نازارەتنى كۈچەيتىدىكەن. شۇنداقلا كۆچمەن ئىشچىلارنى ئىشلىتىدىغان كارخانىلارنىمۇ يېقىندىن كۆزىتىپ تۇرىدىكەن. رۇسىيىنىڭ يىراق شەرقتىكى ئىچكى موڭغۇل بىلەن چېگرالىشىدىغان رايونىدىكى چىتا ئوبلاستىنىڭ باشلىقى ئالېكساندىر جىمىسوف مەتبۇئاتقا مەزكۇر تازىلاش ھەرىكىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئۇ سۆزىدە، " بىز قانۇنسىز كۆچمەنلەر بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆرىشىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇرمىز. چۈنكى رۇسىيىنىڭ يىراق شەرق رايونلىرى يېقىن كەلگۈسىدە ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك ئەھۋالىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. بۇ ئەلۋەتتە چەتئەللىكلەرنىڭ بۇ رايونغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغايدۇ " دېدى.

'رۇسىيە يېقىن كەلگۈسىدە يىراق شەرق ۋە سىبىرىيىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن' دېگەنگە ئوخشاش قاراشلارمۇ ئوتتۇرىغا چىقماقتا

رۇسىيىنىڭ چېگرا قوغداش ئورۇنلىرىدىكى ئەمەلدارلار يەنە، ئۇلارنىڭ يېقىندا خىتاينىڭ چېگرا قوغداش ئورۇنلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، خىتايلارنىڭ چېگرا قانۇن-تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ رۇسىيە تۇپرىقىغا كۆپلەپ كىرىشىگە ئائىت خەۋەر ۋە مۇلاھىزىلەر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا كۆپلەپ بېسىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى بەس-مۇنازىرىلەرمۇ كۈچەيمەكتە. ھەتتا 'رۇسىيە يېقىن كەلگۈسىدە يىراق شەرق ۋە سىبىرىيىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن' دېگەنگە ئوخشاش قاراشلارمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىن قارىغاندا، يېقىنقى 7-8 يىللار ئىچىدىلا خىتايلارنىڭ رۇسىيىدىكى سانى پارتلاش خاراكتېرلىك كۆپەيگەن بولۇپ، بەزىبىر مەلۇماتلاردا 250 مىڭ دېيىلگەن بولسا، يەنە بەزىلىرىدە 2 مىليون ئەتراپىدا دەپ ئېيتىلغان. بۇ سان مەيلى قانچىلىك بولسۇن، بەرىبىر نوپۇس جەھەتتە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر مىللىتى بولۇشقا توشمىغان خىتايلار بۈگۈنكى كۈندە رۇسىيىدىكى جۇمھۇرىيەت ھوقۇقىنى داۋا قىلالايدىغان ساندىن كۆپ ئېشىپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتايلارنىڭ يىراق شەرق ۋە سىبىرىيىنىڭ شەھەر-يېزىلىرىدا كۆپىيىپ، ئۇ يەرلەرگە ماكانلىشىپ كېتىشى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تۈرلۈك ئەھۋاللار رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىغا "كېلەچەكتە يىراق شەرقنىڭ تەغدىرى زادى قانداق بولىدۇ؟" " بۇ تۇپراقنىڭ مەڭگۈ رۇسىيىنىڭ تەۋەسىدە قېلىشى مۇمكىنمۇ؟" دېگەندەك سۇئاللارنىڭ قويىلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.

رۇسىيە دائىرىلىرى شۇ سەۋەبتىن پۇقرالىرىنى يىراق شەرق ۋە سىبىرىيە رايونلىرىغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىشقا ئۈندىدى. شۇنداقلا رۇسىيە مەتبۇئاتىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە ھۆكۈمىتى ھەتتا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىدىكى ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەردىن 25 مىليون ئەتراپىدا رۇس پۇقراسىنى يىراق شەرق ۋە سىبىرىيە رايونىغا يۆتكەشنى پىلانلىماقتا ئىكەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.