مۇتەخەسسىس مارتىن: خەلقارا تېررورچىلىققا قارشى ھەرىكەت سىياسىي پاناھلانغۇچىلارغا زەربە بېرىپ قويماقتا


2007.10.31

ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى مارتىن شېينىن ئەپەندى، بۇ يىل 29 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى نيۇيوركتا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ھەرىكەت داۋامىدا، ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇش ئەھۋالى ھەققىدە تەييارلىغان دوكلاتىدىن مەلۇمات بەردى؛ ئۇ مەلۇماتىدا، تېررورچىلىققا قارشى دولقۇندا، ئەڭ كۆپ زىيانغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

سىياسىي پاناھلىق بېرىش، كىشىلىك ھوقۇق مۇداپىئە قورغىنىنىڭ ئۇل تېشى

مارتىن شېينىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ھەرىكەت داۋامىدا، دۇنيادىكى ئىرقىي، دىنىي ۋە ئېتنىك گۇرۇپپىلار ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قېلىش بىلەن بىللە، تېرورچى گۇماندارلارمۇ ئېغىر ئىسكەنجىگە ۋە غەيرىي ئىنسانىي مۇئامىلىگە دۇچ كەلگەن. بولۇپمۇ سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ئەڭ كۆپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. مارتىن ئەپەندى دوكلاتىدا، خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ھەرىكەتتە، گۇماندارلارنى ئىسكەنجە ۋە ئۆلۈم تەھدىتى مەۋجۇت دۆلەتلەرگە قايتۇرماسلىق ئاساسلىق بىر پرىنسىپ بولسىمۇ، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ بۇ پرىنسىپقا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ دوكلاتىدا، "باشقا دۆلەتلەرگە بېرىپ پاناھلىنىش، ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندە بولۇۋاتقان ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن ئاساسلىق بىر قۇتۇلۇش يولى، بۇ يول ئەينى ۋاقىتتا خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى مۇداپىئە قورغىنىنىڭ ئۇل تېشى" دەپ كۆرسەتكەن.

قارارنى ھۆكۈمەت ئەمەس، مۇستەقىل سوت ئورۇنلىرى بەرسۇن

مارتىن ئەپەندى، دۆلەتلەرنى تاموژنا ئىشلىرىنى بېجىرىۋاتقاندا، كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقىنىدا ۋە تېررورلۇققا قارشى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىنى بېجىرىۋاتقاندا، ئىنسان ھەقلىرىنى تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتنىڭ قۇربانى قىلىۋېتىشتىن ساقلىنىشقا چاقىرغان.

مارتىن ئەپەندى، ب د ت نىڭ 62 ‏- نۆۋەتلىك ئومۇمى يىغىنىغا مۇنداق تەكلىپ سۇنغان: تېررور گۇماندارلىرىنى دۆلىتىگە قايتۇرغاندا، گۇماندارنى ئۆتكۈزۈپ بەرگۈچى دۆلەت، ئۆتكۈزۈۋالغۇچى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك ۋەدىلىرىگە ئىشەنمەسلىكى كېرەك؛ گۇماندارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت بار ‏- يوقلۇقى چوقۇم ئالدى بىلەن مۇستەقىل سوت ئورۇنلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈشى كېرەك.

گۇانتانامودىن قويۇۋېتىلگەنلەرنى ب د ت يەرلەشتۈرىشى كېرەك

مارتىن شېينىن ئەپەندى دوكلاتىدا، ئامېرىكىنىڭ گۇئانتانامو تۈرمىسىنى تاقاش پىلانىنى ئالاھىدە مەدھىيىلىگەن ۋە گۇئانتانامودىكى مەھبۇسلارنى تارقىتىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشتا، ئۇلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ يەنە ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىتېتى كۆچمەنلەر ئىشخانىسىغا تەكلىپ سۇنۇپ، گۇئانتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەنلەر سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان ئەھۋالدا ئۇلارنى بىخەتەر ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مارتىن شېينىن ئەپەندى، ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلىرىدىن بولۇپ، ئۇ ھازىرغا قەدەر كۆپ قېتىم، ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى ئۈستىدە دوكلات تەييارلىغان. دوكلاتىدا سۇنغان تەكلىپلەرنى ب د ت نىڭ ئالاقىدار كومىتېتلىرىنىڭ يۈكسەك ئېتىبارىغا ئېرىشكەن. ئۇ يېقىندا تەييارلىغان كۇرد ئىنسان ھەقلىرى ھەققىدىكى دوكلاتىدا سۇنغان تەكلىپلەر، ب د ت تېررورچىلىققا قارشى كومىتېتىنىڭ ئىجرائەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينىغان.

ب د ت تېررورچىلىققا قارشى كومىتېتى: ئىنسان ھەقلىرى يەنىلا ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ

مارتىن ئەپەندىنىڭ، تېررورچىلىققا قارشى دولقۇندا، سىياسىي پاناھلانغۇچىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدىكى بۇ دوكلاتى، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى تېررورلۇققا قارشى كومىتېتىنىڭ دۇنيادىكى 70تىن ئارتۇق ئاممىۋىي تەشكىلاتنىڭ ئىشتىراكى بىلەن، چېگرا بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ھەققىدە كېنىيەدە يىغىن ئېچىۋاتقان كۈنىگە توغرا كەلدى.

مەزكۇر يىغىندا تېررورچىلىققا قارشى كومىتېتنىڭ باشلىقى، رىچاردو ئالبېرتو سۆز قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتنى خەلقئارالىق قانۇنلار رامكىسى ئىچىدە، بولۇپمۇ، ئىنسان ھەقلىرى ۋە كۆچمەنلەر قانۇنىنىڭ رامكىسى ئىچىدە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلارنىڭ ئىشى ئاسانلىشىشى مۇمكىن

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى، 11 ‏- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاينىڭ تېررورچىلىققا قارشى ھەرىكەتنى سۈيئىستىمال قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغانلىقىنى كۈپ قېتىم تەنقىد قىلغان ئىدى؛ خىتايغا قايتۇرۇلغان شىرئەلى، ئىسمائىل سەمەت، ھۈسەنجان جېلىل قاتارلىق سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ تەقدىرى بۇنىڭغا پاكىت قىلىپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىممۇ، ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە دۇنيانىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ھازىرلاۋاتقان ئىدى. شۇڭا كۆزەتكۈچىلەر مارتىن شېينىن ئەپەندىنىڭ تەكلىپلىرى قوبۇل قىلىنغان تەقدىردە، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە يېشىل چىراق يېقىلىش ئېھتىماللىقىنى پەرەز قىلىشماقتا. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.