خەلقارا كۆچمەنلەر مەسىلىسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدا رەسمىي باشلاندى

0:00 / 0:00
kochmenler-yighini.gif
يىغىندىن بىر كۆرۈنۈش

يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىدىن ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى "شەرقىي تۈركىستاندىن تۈركىيىگە كۆچ" تېمىسىدا سۆز قىلدى ۋە بۇ كۆچۈشنىڭ پۈتۈنلەي سىياسىي سەۋەبلەردىن بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەت، زەيتۇنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىدارىسى ئورتاق ئۇيۇشتۇرغان خەلقارا كۆچمەنلەر مەسىلىسى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدا باشلاندى.

بۇ يىغىن ئىستانبۇل شەھىرىدىكى جەمال رەشىت رەي زالىدا ئېچىلدى. بۇ يىغىنغا سىياسەتچىلەر، ئىلمىي خادىملار، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار باشقارمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى مەسۇللىردىن بولۇپ نۇرغۇن كىشى قاتناشتى. يىغىندا ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئەنگىلىيە، فرانسىيە ۋە دانىيە قاتارلىق 20 گە يېقىن دۆلەتتىن تەكلىپ قىلىنغان 59 نەپەر كىشى قىلغۇچى يىغىندا سوز قىلىدىكەن.

يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىدىن ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى "شەرقىي تۈركىستاندىن تۈركىيىگە كۆچ" تېمىسىدا سۆز قىلدى ۋە بۇ كۆچۈشنىڭ پۈتۈنلەي سىياسىي سەۋەبلەردىن بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.