غۇلجىدا قەدىمىي ئۇيغۇر مەھەللىلىرى ئورنىغا خىتاي كوچىلىرى بەرپا قىلىنماقتا


2005.03.22

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غۇلجا شەھرىنىڭ ئومۇمى قىياپىتىدە ياساۋاتقان ئۆزگىرىشلەر نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىدىن، ئېكېلوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقلارنىڭ بۇزۇلۇشىدىن، مەھەللىلەر ئورنىغا ئىگىز - ئىگىز بىنالىق ئولتۇراق جايلارنىڭ قوپۇرىلىشىدىن كۆرۈنۈپلا قالماي، بەلكى قۇيۇق مىللىي تۈسكە ئىگە، ھەممىگە تونۇش بولغان قەدىمى كوچا، مەھەللە ئىسىملىرىنىڭمۇ خىتايچە ئاتىلىشقا باشلىغانلىقى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ قەدىمى مەدەنىيەت ھەم ئىنقىلابى يۇرتنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئۆزگىرىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.

ئۈچ دەرۋازىدىن "جاڭسۇ يولى" غا

يېقىندا غۇلجىنىڭ كونا مەھەللىلىرىدىن ئۈچ دەرۋازىمۇ ھازىر جاڭسۇ يولى قىلىپ رەسمى ۋېۋىسكا ئېسىلىپ ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ كوچا جاڭسۇ خەلقىنىڭ ئىلى خەلقى بىلەن بولغان دوستلىقىنىڭ سىمۋولى ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن مانا يەنە بىر ئۇيغۇر مەھەللىسىنىڭ تارىخى ئىسمى بۇ ئەسىردە ئۆچۈرۈلدى.

ئەمدى بۇ مەھەللىدە نەچچە ئەۋلاد ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى پەرزەنتلىرى بۇ مەھەللىنى جاڭسۇ كوچىسى دەپ ئاتايدۇ.

ئىگىلىشىمىزچە، ئۈچ دەرۋازىنىڭ جاڭسۇ يولىغا ئىسىم جەھەتتىن ئۆزگەرتىلىشىدىن ئۇنىڭ شەكلى جەھەتتىكى ئۆزگەرتىلىشى تېخىمۇ ھەيران قالارلىق بولۇپ، ئۆتكەن يىلى ئەتىيازدىن بۇيان بۇ مەھەللىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرى " يولغا چۈشۈپ قالدى " دېگەن باھانە بىلەن ئۆرۈلگىنى ئۆرۈلۈپ، كۆچۈرىلىدىغىنى كۆچۈرۈلگەن.

ئۇيغۇر مەھەللىسىدىن خىتاي مەھەللىسىگە

بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ پىكرىگە قارىغاندا، ھەتتا بەزى يولغا چۈشمىگەن مەھەللە ئىچى تەرىپىدىكى ئۆي ھەم دۇكانلارنىڭ ئىگىلىرىمۇ يەر باشقۇرۇش، شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىلىرىنىڭ كۆچۈش ياكى دۇكانلىرىنى تاقاش بۇيرۇقىنى تاپشۇرىۋالغان، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى نارازى بولۇپ قارشىلىقمۇ كۆرسەتكەن. ئەمما يەرلىك ئۇيغۇرلار يەنىلا مەھەللىنى سېتىۋالغان شاڭخەي شىركەتلىرىنىڭ ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ بېسىمى بىلەن ئۆيلىرىدىن كۆچۈشكە، دۇكانلىرىنى تاقاشقا مەجبۇر بولماقتا ئىكەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر، ئۈچ دەرۋازىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رازى بولۇش-بولماسلىقىغا قارىماي كۆچۈرۈلگەنلىكى، ئىككى، ئۈچ يۈز مىڭ سوم پۇلغا يارايدىغان ئۆيلەرگە بىرەر يۈز مىڭ پۇل بېرىلگەنلىكى، ساقچى ۋە ئەدىلىيە ئورگانلىرىنىڭ بۇ ئىشلاردا ئاكتىپ رول ئوينىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ ئۇيغۇرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئۈچدەرۋازىدا يەنى ھازىرقى ئۆزگەرتىلگەن جاڭسۇ يولىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تىجارەت قىلىشى چەكلىنىپ، دۇكانلىرىلىرىنى سېتىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بىلىشىچە، بۇ جاينى كۆتىرە ئالغان مەلۇم شاڭخەي شىركىتى كەلگۈسىدە بۇ يولنىڭ ئىككى قېتىدىكى دۇكانلارنى ھازىرقىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى باھادا خىتاي سودىگەرلەرگە ئىجارە بېرىشنى پىلانلاۋاتقان ئىكەن. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان ھەمدە نەچچە كۈن ئاۋال ھەتتا، غۇلجا شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئادەملىرى بىلەن بىر قانچە ئۇيغۇر دۇكاندارلار ئوتتۇرسىدا دەتالاشمۇ بولغان.

مېھماندىن ساھىپخانلىققا

بىز بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ھەمدە ئۇيغۇر دۇكاندارلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن كۆچۈشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن جاڭسۇ مەھەللىسى ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق. ئەمما ساقچى خادىم: "بۇ جايدا دەتالاش بولغانلىقىدىن خەۋىرىم يوق، بىراق بۇ كوچىدا سودا دۇكانلىرىنى ئېچىش مەنئى قىلىنىدۇ. چۈنكى بۇ جاي پەقەت ئولتۇراق رايونى قىلىپ قۇرۇلماقچى" دېدى.

ئۈچ دەرۋازا، جاڭسۇ مەھەللىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن بۇ جايغا يېڭى قوپۇرۇلغان بىر ئولتۇراق بىناسىغا جېجاڭدىن كۆچۈپ كەلگەن بىر خىتاي، غۇلجىنى بەكمۇ ياقتۇرغانلىقىنى ئىپادىلەپ "بۇ جاينىڭ ھاۋاسى، ھەممە شارائىتى شۇنداق ياخشى، مەن ھازىر بۇ جايدا رەسمىي ئىگىلىك تىكلەپ، ئائىلەم بويىچە جايلىشىپ قالدىم ئەمدى بۇ يەردە ياشايمىز" دېدى.

يۇرتىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بولىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ ئىچى ئېچىشقان بىر غۇلجىلىق ياش، غۇلجىدىكى تەرەققىيات ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈرۇگەنلىكى، يەرلىك نامنىڭ ئورنىغا خىتايچە ئىسىم قويۇلغانلىقى ئېيتىپ، "خىتايلار ئۇيغۇرلارنى يەپ كېتىۋاتىدۇ" دېدى.

پايتەختتىن ……

غۇلجا ئەنئەنىۋى مەرىپەت باغچىسى ھەمدە چېگرا ئېغىزى بولۇشتەك ئالاھىدە جۇغراپىيىلىك ئورنى بىلەنلا ئەۋزەل بىر جاي بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە -1944يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇريىتىنىڭ پايتەختى بولغان شەھەر. ئۇ ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ ئوچىقى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مۇستەقىللىق پىدائى ھەركەتچىلىرىنى تەربىيىلىگەن مۇقەددەس يۇرت بولۇش بىلەن، ئۇيغۇرلار قەلبىدە سىمۋول خاراكتېرلىك بىر سۆيۈملۈك ماكاندۇر.

مانا بۇ دىيارنىڭ قىياپىتىدە بولىۋاتقان سۈنئىي ئۆزگىرى شلەرنى گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرەققىيات دەپ چۈشەندۈرگىنى بىلەن، غۇلجا خەلقى بۇنى يۇرتىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇزغۇنچىلىق، قەدىمى تارىخ ۋە مەدەنىيەت ئىزىنى يوقىتىش، دەپ بىلىپ، ئېچىنماقتا، ئازابلانماقتا. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.