قەشقەردە ئۇيغۇرلار ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلماقتا

0:00 / 0:00

قەشقەرگە پويىز قاتنىغان ئىككى يىلدىن بۇيان كۆچمەن خىتايلارنىڭ كۆپلەپ ئېقىپ كىرىشى نەتىجىسىدە ئەسلىدە 90% تىن يۇقىرى نوپۇسنى ئىگىلەيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ يېرىمىغا قەدەر چۈشۈپ قالغان.

ھۆكۈمەت مەخسۇس پىلانلاپ شەھەر ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆيلىرىدىن كۆچۈرۈپ، تارقاقلاشتۇرۇپلا قالماستىن، كونا ئۆي ئورنىغا ئۆي سېلىپ بېرىش ۋە يەر بېرىش ۋەدىلىرىنى بېرىپ ئالداش ئارقىلىق، كۆپلىگە ئۇيغۇرلارنى ئۆلىرىدىن ئايرىغان.