ئاقسۇ شەھەر يېڭى بازاردىكى ئۇيغۇرلار مەجبۇرى كۆچۈرۈلمەكتە
2006.07.18
يېقىندا بىر ئۇيغۇرنىڭ مەلۇمات يەتكۈزۈشىچە، ئاقسۇ شەھرىدە بىر قانچە يىلدىن بۇيان ھۆكۈمەت بىر قىسىم خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن بىرلىشىپ، شەھەر ئىچىدە ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن يەرلىك ئۇيغۇرلارنى ئۆيلىرىدىن مەجبۇرى كۆچۈرۈپ، قەدىمى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى چېقىپ ئۇنىڭ ئورنىغا ئېگىز ئىمارەت ياكى باشقا سودا ئورۇنلىرىنى قۇرماقتا ئىكەن. شۇنداقلا بۇ خىل مەجبۇرى ئۆي كۆچۈرۈش چېقىش ھەرىكىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي داۋام قىلماقتا ئىكەن.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا يەنە ئاقسۇنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونى بولغان يېڭى بازاردا ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى كۆچۈرۈۋاتقان بولۇپ، ھۆكۈمەت يەرلىك ئاممىنىڭ ئۆيلىرىنى ئەرزان باھالاپ ئېلىۋالغاندىن سىرت يەنە ئۇلارنى، تۇرمۇش، قاتناش ئەسلىھەلىرى قولايسىز بولغان شەھەر سىرتىدىكى كونا ئايرودروم تەرەپكە كۆچۈرمەكتە ئىكەن.
ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ ئۆي كۆچۈرۈشكە ماسلاشقانلارنى مۇكاپاتلاپ، قارشى چىققۇچىلارغا بولسا خىزمىتىدىن ھايداپ ھەتتا سولاپ قويۇش ئارقىلىق بېسىم ئىشلىتىپ كۆچۈرمەكتە ئىكەن.
تەخىرسىز ئىنكاس
بىزگە مەلۇمات بەرگۈچى كىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى زىمىنلىرىدىن مەجبۇرى كۆچۈرۈۋاتقانلىقىغا ناھايىتى نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ "بۇ ئۆيلەرگە چىقارغان باھا ئىنتايىن تۆۋەن، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئۆيلەرگە بەرگەن پۇلىغا ئاقسۇ شەھرىنىڭ ھېچقانداق بۇلۇڭىدىن ئۆي سېتىۋالالمايمىز، بىراق ھۆكۈمەت بىزدىن ئالغان يەر - زېمىنلارنى ئىچكىرىدىن كەلگەن خىتايلارغا ئۆزگەرتىپ قۇرۇش ئۈچۈن يۇقىرى باھادا ساتىدۇ. ھازىر ئاقسۇنىڭ كوچىلىرىدىن ئۇيغۇرنى تاپماق تەس بولۇپ كەتتى چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپۈكچىسى شەھەرنىڭ سىرتىدىكى ناھايىتى چەت، مۇھىتى ناچار، قولايسىز جايلارغا كۆچۈرۈلمەكتە. مۇشۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن ئائىلىلەر ۋەيران بولدى. "دېدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئويلىرىنىڭ چېقىلىشىدىكى ھەقىقىي سەۋەب نىمە؟
بىز ئىگە بولغان بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن ئاقسۇ شەھىرى يېڭى بازاردىن مەلۇمات ئېلىشقا تىرىش تۇق. يېڭى بازاردا تېخى چىقىلمىغان بىر قانچىلا ئۆيلەر قالغان بولۇپ، بىر ئۇيغۇر قىز، بۇ مەھەللىدە داۋاملىشىۋاتقان ئۆي چىقىش ئىشلىرى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.
گەرچە ئۆي ئىگىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقى بىلەن كۆچۈرۈۋاتقان بولسىمۇ نېمە ئۈچۈن كۆچۈرۈلىۋاتقانلىقى ئۆزلىرىگىمۇ مۇجىمەل بولۇپ، بىر قانچە كىشىدىن ئوخشىمىغان جاۋابلارنى ئالدۇق. يەنە بىر ئائىلىدىن بىر قىز، ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى بازارنىڭ ئورنىغا بىر ساياھەت رايونى قۇرماقچى بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۆيلەرنى مەجبۇرى چېقىش ھۆكۈمەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئۈچۈنلا قانۇنلۇقمۇ؟
بىز ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئۆيلەرنى قانداق باھالاۋاتقانلىقى، خەلقنىڭ بۇنىڭغا قارىتا پىكرى، ئۇلارنىڭ ئۆي كۆچۈشكە قانداق ئۇسۇللاردا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر يەنىمۇ ئېنىق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ۋاقتىنچە بۇ مەھەللىدە چېقىشنى ساقلاپ تۇرغان بىر نەچچە ئائىلىلىككە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئۇلار بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بەرسە ھۆكۈمەت تەرەپتىن بىرەر ئاۋارىگەرچىلىككە يولۇقۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ زىيارىتىمىزنى رەت قىلدى. بىز كېيىنكى پروگراممىمىزدا ئاقسۇدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن يېڭى بازاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرى كۆچۈرۈلىشىگە دائىر يەنىمۇ تەپسىلى مەلۇماتلار ئېلىشقا تىرىشىمىز.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- غۇلجىدىكى مەجبۇرىي ئۆي كۆچۈرۈشكە قارشىلىق قىلىپ يارىلانغان ئابدۇكېرىم خەتەر باسقۇچىدىن ئۆتتى
- خىتاي ساقچىلىرى غۇلجىدا مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈشكە قارشى چىققان بىر ئۇيغۇرغا ئوق چىقاردى
- غوجىنىياز ھاجى قەبرىستانلىقىنىڭ كۆچۈرۈلۈشى ئۇيغۇرلاردا نارازىلىق پەيدا قىلماقتا
- غوجىنىياز ھاجى قەبرە تاشلىرىدىن ئابىدىلەر
- خىتاي دائىرىلىرى غوجانىياز ھاجى قەبرىستانلىقىنى يوقاتماقچى(2)
- خىتاي دائىرىلىرى غوجانىياز ھاجى قەبرىستانلىقىنى يوقاتماقچى(1)
- ئۇيغۇر ئېلىگە قۇرۇق قول كەلگەن بىر خىتاي ئايال ئون يىلدا 100 مو يەرگە ئىگە بولغان
- ئاتۇشتا ئۇيغۇرلار يەر-ماكانلىرىدىن ئايرىلماقتا
- قەشقەردە ئۇيغۇرلار ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلماقتا
- بايدىكى كان ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالغان 14 ئىشچىنىڭ ھەممىسى ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىن