"كۆك بايراق" جورنىلى 11 يىللىقىنى تەبرىكلىدى


2004.10.27

تۈركىيىنىڭ قەيسىرى ۋىلايىتىدىكى "شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق مەركىزى" تەرىپىدىن 1994-يىلدىن بۇيان چىقىرىلىپ كېلىۋاتقان "كۆك بايراق" جۇرنىلىنىڭ چىقىرىلىۋاتقانلىقىغا 11 يىل بولغان بولۇپ، ھازىرغىچە جەمىي 60 سان چىقىرىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەخشۇش بېغىشلىما يېزىپ، "كۆك بايراق" نىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئويناپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەبرىكلىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، "كۆك بايراق" بايراق جۇرنىلىنىڭ باش تەھرىرى ۋە تارقىتىش بۆلۈمىنىڭ مەسۇلىنى زىيارەت قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.