تاغغا يامىشىش تەنتەربىيەچىلىرى شەرقىي تۇركىستاننىڭ كۆك بايرىقىنى ئەرجىيەس تېغىغا تىكتى

0:00 / 0:00
kok-bayraq.jpg
كۆك بايراق ئەرجەيىس تېغىدا

تۈركىيىنىڭ كىچىك تەڭرىتېغى دەپ بىلىنىدىغان ئەرجىيەس تېغىنىڭ 3917 مېتىر ئىگىلىكتىكى چوققىسىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆك بايرىقى تىكىلدى. ئىككى يىلدىن بۇيان تۈركىيىدە چىقىۋاتقان ئىستىقلال گېزىتىنىڭ ئىككى ياشقا تولغانلىقى شۇنداقلا 17-نوۋەتلىك ئەرجىيەس قۇرۇلتىيى مۇناسىۋىتى بىلەن 8-ئاينىڭ 6-كۇنى تاغا يامىشىش تەنتەربىيىچىسى بەكىر دەمىراگ باشچىلىقىدىكى 5 نەپەر تەنتەربىيىچى كۆك بايراقنى ئەرجىيەس تېغىغا ئېچىققان ۋە ئۇ يەرگە تىككەن. بۇ تاغچىلار بەكىر دەمىراگ، نازىم پەھلىۋان، شۇكرى تۇرە، نۇرەتتىن يىلدىز ۋە شەنول جەڭىزلەردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، كۆك بايراقنى تىككەندىن كېيىن تاغ چوققىسىدىكى خاتىرە دەپتىرىگە ئوز تۇيغۇلىرىنى يېزىپ قالدۇرغان.

تاغا يامىشىش تەنتەربىيىچىسى بەكىر دەمىراغ ئەپەندى ئەرجىيەس تېغىغا كۆك بايراقنى قاداش پىكرى قانداق ئوتتۇرىغا چىقتى، دېگەن سۇئالىمىزغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى:

"مەن تەبىئەتنى ۋە تاغا يامىشىشنى بەك ياخشى كۆرىمەن. ھازىرغىچە ئەرجىيەس تېغىغا 44 قېتىم چىقتىم. ئەرجىيەس تېغى تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان 3917 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ھەيۋەتلىك بىر تاغ. مەن تۈرك تارىخىغا ۋە مەدەنىيىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر كىشىمەن. شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمنىڭ قانداق قېيىن ئەھۋاللاردا ياشاۋاتقانلىقىنى بىلىمەن. بۇ تاغا چىقىش پىكرى ئىستىكلال گېزىتنى چىقىرىۋاتقان مەمەت ئىمىن باتۇر، ئابدۇمىجىت ئاۋشار ئەپەندىلەرنىڭ تەكلىپى بويىچە بولدى. 5 كىشى سېھرىي تۈركىستاننىڭ كۆك بايرىقىنى ئەرجىيەس تەغىنىڭ چوققىسىغا ئېلىپ تىكتۇق. بۇنىڭدىن ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەختلىك ھەس قىلىۋاتىمەن".

تاغ چوققىسىدىكى خاتىرە دەپتىرگە نىمىلەرنى يازدىڭىز، دېگەن سۇئالىمىزغا جاۋاپ بەرگەن بەكىر دەمىراغ ئەپەندى مۇنداق دېدى:

"مەن ئۇ دەپتەرگە ئوز ھېسسىياتلىرىمنى يېزىپ قالدۇردۇم. قەيسىرىدە ياشايدىغان شەرقىي تۈركىستانلىق قەرىنداشلىرىمنىڭ ئوز يۇرتىغا بولغان سەغىنىشىنى يازدىم. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇستەقىللىققە ئەرىشىشىگە بولغان تىلەكلىرىمنى يازدىم ۋە بۇ يولدا جان بەرگەن شەھىتلەرنىڭ روھىغا شادلىق تىلىدىم".

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئەگەر شەرقىي تۈركىسانلىقلاردىن تەلەپ كەلگەن تەقدىردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆك بايرىقىنى تۈركىيىنىڭ باشقا تاغلىرىغىمۇ تىكىشنى خالايدىغانلىقىنى دېدى.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.