خىتاي ھۆكۈمىتى مارالبېشىدىكى توي قىلماقچى بولغان ئۇيغۇرلارنى كوللىكتىپ توي قىلىشقا مەجبۇرلىدى


2006.10.03

قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ناھىيىسىدە، ناھىيىلىك پارتىيە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 12 كەنتتىن يىغىلغان 88 جۈپ ئۇيغۇر ياش كوللېكتىپ توي قىلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ ئادىتى ھەمدە مەدەنىيىتىگە يات بولغان بۇ كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ناھىيىلىك پارتكومنىڭ خىتاي سېكرىتارى تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇپ پۈتۈنلەي خىتايچە يوسۇندا بولدى. ئەجىبا ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە توي قىلىش ئۆرپ ئادىتى ھەمدە مەدەنىيىتىنىمۇ ئۆزگەرتىۋاتامدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ كوللېكتىپ توي قىلىش ئادىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۆرۈلۈشىدىن ناھىيىدىكى خەلق غەيرىيلىك ھېس قىلمىدىمۇ ؟ بۇنىڭ جاۋابلىرىنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ مارالبېشىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىدىن ئاڭلاڭ.

ناھىيدىكى تۇنجى قېتىملىق كاتتا كوللىكتىپ توي

ئۇيغۇر ئېلىدە دېھقانلار كۈزدە ھوسۇلدىن كېيىن قولىغا پۇل كىرگىنىدە بالىلىرىنى ئۆيلەشكە ئوخشاش چوڭ ئىشلىرىنىڭ غېمىنى قىلىشقا باشلايدۇ، شۇڭا كۈز ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۈچۈن توي قىلىشنىڭ ياخشى پەيتى. بۇ مەزگىل ئۇيغۇر ئېلىدە تازا توي قاينىغان مەزگىل. مارالبېشىدا شەنبە كۈنى 88 جۈپ ياشنىڭ بىراقلا تويى بولدى. شۇنداق ئۇلار كوللېكتىپ توي قىلدى. قەشقەر ھۆكۈمەت تورىدا بېرىلگەن خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر كوللېكتىپ توي مۇراسىمىغا قاتناشقان ياشلار مارالبېشىنىڭ 12 كەنتىدىن كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ناھىيىدە تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق كاتتا توي بولۇشى ھېسابلىنىدىكەن.

ناھىيىلىك پارتكوم ھەمدە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەزكۇر كوللېكتىپ توي قىلىش ھادىسىسى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن يېڭى ھادىسە بولغاندىن سىرت مارالبېشىدىكى بۇ توي خىتاينىڭ كوللېكتىپ توي قىلىش ئۇسۇلى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان.

بۇ كوللىكتىپ توي ئۈستىدە غۇلغۇلا بولماقتا

مەزكۇر خەۋەر ئۇيغۇرلاردا تۈرلۈك قىياس ھەمدە غۇلغۇلىلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەب بولدى. بەزىلەر بۇ ئۇيغۇرلار توي قىلىشقا قۇربى يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئىقتىسادچانلىق بىلەن توي ئۆتكۈزۈشنى ئويلىغان بولسا كېرەك دېسە ، يەنە بەزىلەر بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرغىنى، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىشنى، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغان دېيىشمەكتە.

بىز مارالبېشى ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى كوللېكتىپ توي قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ مەقسەت ھەمدە سەۋەبلىرى ھەققىدە جاۋابلار ئېلىش ئۈچۈن ناھىيىلىك پارتكوم ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق، تېلېفوننى ئالغان بىر كۆزەتچى مەسئۇللارنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرۈپ مەزكۇر كوللېكتىپ توي ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

ھۆكۈمەت كوللىكتىپ توي ئورۇنلاشتۇرۇشنى قوللايدۇ

بىز يەنە مەلۇم كەنت باشلىقى بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەتلەشتۇق ، ئۇ كىشى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى كوللېكتىپ توي قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى:

توي قىلىش ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىشى، ئەلۋەتتە ھەر قانداق ئادەم ئۆزىنىڭ تويىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك، خوشال خورام، بەخت ئىچىدە ئۆتۈشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما مارالبېشىدىكى بۇ كوللېكتىپ تويغا قاتناشقان بىر دېھقان بۇ كوللېكتىپ توينىڭ خەلقنىڭ ، توي ئىگىلىرىنىڭ ئارزۇسى بىلەن ئەمەس بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولغانلىقىنى ئېيتتى:

مارالبېشى ناھىيىسى 98% تىن كۆپرەك ئۇيغۇرلار ياشايدىغان ،ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇق مىللىي ئۆرپ ئادەتلىرى بىلەن ئىسلام دىنى مەدەنىيەتلىرىنى چىڭ ساقلاپ كېلىۋاتقان يۇرتلارنىڭ بىرى، ئەمما بۇ يۇرتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كوللېكتىپ توي قىلىشقا مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ مەقسىدى نېمە ؟ بۇ ھەقتە ناھىيىلىك پارتكوم ئىشخانىسىدىن جاۋاب ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما تېلېفوننى ئالغان كاتىپ بۇ ھەقتە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى :

قانداق توي قىلىشنى تاللاش ھوقۇقىمۇ تارتىۋېلىنغان مارالبېشىدىكى بۇ 88 جۈپ يېڭى توي قىلغان ياش گەرچە قەشقەردە كوللېكتىپ توي قىلغان تۇنجى تۈركۈم ئۇيغۇرلار ھېسابلانسىمۇ، ئەمما ئۈرۈمچى ۋە باشقا شەھەرلەردىمۇ خىتايلارنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كوللېكتىپ توي قىلىش سىپىگە بەزى ئۇيغۇر ھەمدە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن قاتناشتۇرۇلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.