كانادا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە مەدىنىيەت مىنستىرى جېيسون كېننېي تورونتو شەھىرىدە، كوممۇنىزمنىڭ دەردىنى تارتقان شەرقى ياۋروپادىكى پولشا، چېخ، سلوۋاكىيە، لاتۋىيە ھەمدە نۆۋەتتە بۇ تۈزۈمدە تۇرۇۋاتقان كۇبا، شىمالىي كورىيە،ۋيېتنام ۋە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن زاتلار قاتناشقان يىغىندا سۆز قىلغاندا، كوممۇنىستىك مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان نەچچە مىليونلىغان ئىنسان ئۈچۈن كانادادا خاتىرە مۇنارىسى تىكلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
كوممۇنىستىك تۈزۈمنىڭ جىنايەتلىرى ئۇنتۇلماسلىقى كېرەك
جېيسون كېننېينىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ خاتىرە مۇنارىسى قاباھەتلىك تۇزۇمنىڭ قۇربانلىرىنى خاتىرىلەشتىن باشقا، ياش ئەۋلادلارغا تارىخنى ئەستىن چىقارماسلىق شۇنداقلا كوممۇنىستىك دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ دۇنياغا كەلتۈرگەن بالايى-ئاپەتلىرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق دەرسى بېرىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە،كوممۇنىزمنىڭ قۇربانلىرى ئۈچۈن خاتىرە مۇنارىسى تىكلەش خىيالى ئۇنىڭدا 1989- يىلى پەيدا بولغان.
ئۇ سۆزىدە، 1989 -يىلى تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ماڭا كۈچلۈك تەسىر قىلغانىدى.ئەينى ۋاقىتتا شەرقى ياۋروپادىكى تۆمۈر پەردىلىك ھاكىمىيەتلەر تېخى ئاغدۇرۇلمىغانىدى. بالىلىق ۋاقىتلىرىمدا بەزى ئادەملەر بۇ قاباھەتلىك تۈزۈمنى پەدەزلەپ كۆرسەتكەنلىرىدە ئازاپلىناتتىم ۋە كوممۇنىستىك مۇستەبىت تۈزۈملەرنىڭ جىنايەتلىرىنى كىشىلەرنىڭ قەلبىدە قانداق ساقلاش ھەققىدە كۆپ ئويلىناتتىم. مەن پارلامېنت ئەزاسى بولغاندىن كېيىن، كانادادا كوممۇنىزمنىڭ قۇربانلىرى ئۈچۈن دۆلەتلىك خاتىرە مۇنارىسى تىكلەش تەكلىپ لايىھىسىنى پارلامېنتقا سۇندۇم،- دېدى.
كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتلەر كىشىلەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىدۇ
جېيسون كېننېي دۇنيادىكى كوممۇنىستىك تۈزۈملەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى كىشىلەرنىڭ ۋىجدان ۋە غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىش، ئەركىنلىككە بولغان ئېتىقادىنى بوغۇش شۇنداقلا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان گۇرۇپپىلارغا زىيانكەشلىك قىلىشنى بىرىنچى ۋەزىپىسى قىلغانلىقىنى، بۇنداق ئۆرنەكلەرنىڭ رۇسىيە ۋە باشقا سابىق كوممۇنىستىك تۈزۈمدىكى دۆلەتلەردە كۆپ كۆرۈلگەنلىكىنى، بۈگۈنكى كۈندە بۇ خىل پاجىئەلەرنىڭ خىتايدا ئېغىر ھالدا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
جېيسون كېننېي: "مەن تەكىتلەۋاتقان كوممۇنىزمنىڭ قۇربانلىرى تارىختىكى قۇربانلار بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئەڭ مۇھىمى بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنىلا تۈرمىلەردە، تۇتۇپ تۇرۇش ئورگانلىرىدا قامىلىپ، زىيانكەشلىككە ۋە تەن جازاسىغا ئۇچراۋاتقان، ھەتتا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىۋاتقان كىشىلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ خاتىرە مۇنارىسىنىڭ تىكلىنىشى، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ كىشىلەرنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشدۇر " دېدى.
جېيسون كېننېي : ئۇيغۇرلار خىتاي تەرىپىدىن پىلانلىق شەكىلدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىماقتا
بۇنىڭدىن ئىلگىرى جېيسون كېننېي خىتاي تەرىپىدىن ئۆزبەكىستاندىن زورلۇق ۋاستىلار ئارقىلىق ئېلىپ كېتىلىپ،مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن كانادا پۇقراسى، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى ھەققىدە توختالغاندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: "ئۇيغۇرلار خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن پىلانلىق شەكىلدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن كانادا ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندىگە سىياسىي پاناھلىق سالاھىيىتى بەرگەنىدى، مانا بۈگۈن خىتاي دائىرىلىرى دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ھوقۇقلىرىنى قايتىدىن دەپسەندە قىلماقتا " دېگەن ئىدى.
تۇيغۇن ئابدۇۋەلى : بۇ قارار ئۇيغۇرلارنى خوشال قىلىدۇ
خىتاينىڭ تۈرمىسىدە 4 يىل يېتىش جەريانىدا ئېغىر سىياسىي ۋە جىسمانىي زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىغان،كانادادىكى سىياسىي پائالىيەتچى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى كوممۇنىزمنىڭ قۇربانلىرى خاتىرە مۇنارىسىنىڭ كانادادا تىكلىنىشىنىڭ خىتاينىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ئىڭراۋاتقان ئۇيغۇرلارنى سۈيۈندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، "شەرقى تۈركىستاندا ئونمىڭلىغان ئۇيغۇر خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراپ تۈرمىلەردە ياتماقتا. بۇ ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقلىرى، كىشىلىك ھوقۇقلىرى ۋە ئۆز ۋەتىنىنى خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلماقتا شۇنداقلا ئۇلار ئېغىر زۇلۇملارغا ئۇچرىماقتا. كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ كانادادا كوممۇنىزمنىڭ قۇربانلىرى خاتىرە مۇنارىسى تىكلىمەكچى بولۇشى مەن ۋە ماڭا ئوخشاش خىتاينىڭ سىياسىي زىيانكەشلىكلىرىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈرىدۇ،" دېدى.
كانادا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرى جېيسون كېننېينىڭ تىلغا ئېلىشىچە، ئۇنىڭ بۇ پىلانى كانادادا كۈچلۈك قوللاشقا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش يېقىندا رەسمىي ئىشقا چۈشىدىكەن. (كامىل تۇرسۇن)