'ۋاشىنگتون تايمىس' گېزىتى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، پۈتۈن دۇنيادا كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدە بىنا قىلىنىدىغان ئابىدە قۇرۇلۇشى 27 - سېنتەبىر كۈنى باشلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدە، دۇنيادا يۈز بەرگەن مەشھۇر ۋەقەلەر خاتىرىلىنىدىغان مۇنارلار، مۇزېيلار ۋە باشقا خىلمۇ-خىل مەنزىرىلەر ناھايىتى كۆپ. دۇنيادا كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، مەشھۇر ھۆرلۈك ئىلاھى ھەيكىلىگە تەقلىت قىلىپ تەييارلانغان يەنە بىر مىس ئابىدە دەل مۇشۇ مەنزىرىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.بۇ ئابىدىنى زىيارەت قىلغان كىشىلەر ' كوممۇنىزم تۈزۈمى يۈز مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى ھاياتىدىن ئايرىدى'، ' كوممۇنىزم ئاسارىتىدە تۇرىۋاتقان دۆلەت ۋە خەلقلەرگە ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق تىلەيمىز' دېگەن جۈملىلەرنى كۆرىدۇ.
كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى خاتىرىلەش فوند جەمئىيىتى 1994 - يىلى قۇرۇلغان
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، 1993 - يىلى، كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى خاتىرىلەش توغرىسىدا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەجلىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان لايىھىنى، ئەينى ۋاقىتتىكى پرېزىدېنت بىلل كىلىنتون تەستىقلىغاندىن كېيىن، كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى خاتىرىلەش فوند جەمئىيىتى ئۈچۈن 900 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بۇيرۇپ بېرىلگەن ئىدى. بۇ فوند جەمئىيىتى 1994 - يىلى قۇرۇلغاندىن كېيىنلا، كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى خاتىرىلەش قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىپ، ئۇنى 'چوڭ قىرغىنچىلىق مۇزېيى' دېگەن مۇزېيىلارنىڭ ھەجمىگە يەتكۈزۈشنى پىلانلانلىدى. ئاخىر كۆپ قېتىملىق مۇلاھىزىلەردىن كېيىن، 2003 - يىلى ھازىرقى قۇرۇلۇش شەكلى مۇقىملاندى.
بۇ ئابىدە قۇرۇلۇشى كېلەر يىلى 6 - ئايدا پۈتىدۇ
'خىتاي ئۇچۇر مەركىزى'نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيادا كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدە بىنا قىلىنىدىغان ئابىدە قۇرۇلۇشىنى باشلاش مۇراسىمى 27 - سېنتەبىر كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 دا ئېچىلغان. مۇراسىمغا پۈتۈن دۇنيادا كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى خاتىرىلەش فوند جەمئىيىتى رىياسەتچىلىك قىلغان. فوند جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئېدۋورد ئەپەندى ' بىز بۇ ئابىدىنى، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى دۇنيادا يۈز بەرگەن مەشھۇر ۋەقەلەر خاتىرىلىنىدىغان مۇنارلار، مۇزېيىلار ۋە باشقا خىلمۇ-خىل مەنزىرىلەر قاتارىغا قويۇش ئۈچۈن 10 يىل تىرىشتۇق. ئېسىمىزدە باركى، 1989 - يىلى، خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا، ئوقۇغۇچىلار قوزغىغان دېموكراتىك ھەرىكەتتە تىكلەنگەن ئەركىنلىك ئىلاھىنىڭ ھەيكىلىنى خىتاي كوممۇنىست ئارمىيىسىنىڭ تانكىلىرى يەنجىپ تاشلىغان ئىدى. مانا ئەمدى بۇنداق بىر مىس ھەيكەل پۈتۈن دۇنيادا كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ھەممە كىشىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدە بىنا قىلىنىشقا باشلىدى. بۇ ھەيۋەتلىك مەنزىرە كېلەر يىلى 6 - ئايدا پۈتىدۇ. بۇ ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى رېگان ئەپەندىنىڭ 1987 - يىلى گېرمانىيىنىڭ بېرلىن شەھىرىدىكى برەندسبۇرگ كوچىسىدا، خەلقنى ئىككىگە ئايرىۋەتكەن 'بېرلىن تېمى' ئۆرۈۋېتىلگەن ۋاقىتتا سۆزلىگەن نۇتقىنىڭ 20 يىللىق خاتىرە كۈنىگە توغرى كېلىدۇ.
بولشېۋىك پارتىيىسى باشلىغان كوممۇنىزم ئىنقىلابى 100 مىليوندىن ئارتۇق خەلقنى قىردى
پۈتۈن دۇنيادا كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئابىدە تىكلەش قۇرۇلۇشى ۋاشىنگتوندا باشلانغان بۈگۈنكى كۈندە، كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى خاتىرىلەش فوند جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدە، كوممۇنىزمنىڭ قىسقىچە تارىخى ئەسلەپ ئۆتۈلگەن. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، بولشېۋىك پارتىيىسى 1917 - يىلى ئۆكتەبىردە باشلىغان كوممۇنىزم ئىنقىلابى 1990 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى گۇمران بولغانغا قەدەر، 100 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 100 مىليوندىن ئارتۇق خەلقنى قىردى. ئۇنىڭ تەپسىلاتىدا ئېيتىلىشىچە يەنە، لېنىن يۈزمىڭلىغان كازاك ئاھالىلىرىنى ۋەيران قىلدى. ستالىن 6 مىليون ئوكرايىنلىقنى ئاچارچىلىقتا قالدۇردى. ماۋزېدوڭ ئون مىليونلىغان دېھقاننىڭ يەر-زىمىن ۋە مال-مۈلكىنى تارتىۋالدى. خۇزىمىن 850 مىڭ ئادەمنى جازالاش لاگېرىغا سۈرگۈن قىلدى. كاسترو ھۆكۈمەت بىلەن سىياسى كۆز قارىشى ئوخشىمايدىغانلىكى پۇقرانى تىرىك كۆمۈۋەتتى.1989 - يىلىغا كەلگەندىمۇ، بېيجىڭدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېموكراتىك ئاۋازى دەپسەندە قىلىندى. .... پۈتۈن دۇنيا 'كوممۇنىزم' دېگەن ئالۋاستىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ.
خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تېخى مەۋجۇت
پۈتۈن دۇنيادا كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئابىدە تىكلەش قۇرۇلۇشى ۋاشىنگتوندا باشلانغان بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىدىكى 'مىراس فوند جەمئىيىتى'نىڭ تور بېتىدە 'كوممۇنىزم پۈتۈنلەي ئۆلدى دەپ ھىساپلامسىز؟ ' دېگەن تېما ئاستىدا بىر قاتار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۇلاھزىلىرى ئېلان قىلىندى. فرانك كالزون، پاۋل گوبىل، دوكتور ئېدۋورد لى قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر نىڭ بايان قىلغانلىرىدا، دۇنيادا كوممۇنىزم تۈزۈمى ئاللىقاچان گۇمران بولغان، كوممۇنىست پارتىيىلەر تارقىتىۋېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تېخى مەۋجۇت ئىكەنلىكى، ئۇ ھازىرمۇ خەلق ئىچىدە ئەركىنلىكنى، دېموكراتىيىنى قاتتىق چەكلەۋاتقانلىقى، شۇڭلاشقا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ۋە ھازىرقى ئەمەلىيىتىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. (ۋەلى)