خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ "پەۋقۇلئاددە ئەزلىرى" دېيىلگەن كىشىلەر ھەققىدىكى ئۇچۇرلار(1)

دۇنيادىكى مەتبۇئاتلاردا ھازىر ئېلان قىلىنىۋاتقان خىتاي ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەرگە قاراپ چىققاندا، "يېڭى ئەسر ژۇرنىلى"دا 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئېلان قىلىنغان "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 'پەۋقۇلئاددە ئەزالىرى' نىڭ بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە ئىزلىنىش" ناملىق بىر ماقالە كىشىلەرنىڭ دىققىتى قوزغىماقتا.

بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى ۋۇ يىسەن ئەپەندى ماقالىسىدە ئاساسەن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ھازىر خوڭكوڭدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان "پەۋقۇلئاددە ئەزالىرى" نىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكىتىنىڭ پاكىتلىرىنى ئاشكارىلاشقا باشلىغان. بۇ ماقالىدە يەنە گومىنداڭنىڭ "شىنجاڭ مەسىلىسى" دە تامامەن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان جاڭ جىجوڭ ئەپەندى، ھەتتا بۇرھان شەھىدى ئەپەندى ھەققىدىمۇ قىسقا بايانلار بار.

خوڭكوڭلۇقلار "پەۋقۇلئاددە كوممۇنىستلار" دىن يىرگىنىشكە باشلىدى

20 نەچچە يىلدىن بۇيان خوڭكوڭغا كېلىپ قايتىپ كەتمىگەن كىشىلەرنىڭ 20% ئى كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ جاسۇسلۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن كىشىلەر. ــ دەپ بايان قىلىنىدۇ ماقالىنىڭ كىرىش سۆزىدە، ـــ ھازىر خوڭكوڭدىكى مەلۇم بىر پارتىيىنىڭ رەئىسىدىن باشقا باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى. خوڭكوڭدىكى بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىئىنىڭ خوجايىنى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى باش شتابىنىڭ 2 - باشقارمىسى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن جاسۇس. يەنە بىر تېلېۋىزىيە ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ باش مەبلەغ سالغۇچىسى خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىدىن ئەۋەتىلگەن جاسۇس. خوڭكوڭدىكى چوڭ -چوڭ سودا بازارلىرى، قاۋاقخانا ۋە تىياتىرخانىلارنىڭ ھەممىسىدە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ كۆز- قۇلاقلىرى بار. بۇ ھادىسىلەر ھازىر خوڭكوڭلىقلارنى چۈچۈتمەكتە.

خىتاينىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، كاپىتالىست روڭ يىرىن ئەپەندى 2005 - يىلى 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئۆلگەندە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۇنى "ئۇلۇق كوممۇنىزم جەڭچىسى" دەپ ئېلان قىلغانلىقى كىشىلەرنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك. ــ دەپ قوشۇمچە ئىزاھات بېرىلگەن بۇ ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە يەنە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۆزى دۇنيا بويىچە ئەزالىرى ناھايىتى كۆپ بىر چوڭ پارتىيە بولسىمۇ، ئەمما ئۇ چوڭ قۇرۇقلۇقتا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان ئۆز پائالىيىتىنى يالغانچىلىققا تايىنىپ، بەلكى ئىنتايىن مەخپى ھالدا ئېلىپ بارماقتا. بۇ بىر ئىنتايىن خەتەرلىك فاشىست گۇرۇھ.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئەزالىرى قانداق كىشىلەر؟

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ دەسلەپكى رەھبەرلىرىدىن جاڭ ۋېنتيەن 1938 - يىلى 10 - ئايدا ئېچىلغان 6 - قۇرۇلتاينىڭ 6 – ئومۇم يىغىنىدا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئەزالىرى دېگەننى "مەخپى ھالدا خەۋەرچىلىك، جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، ئۆزى پەۋقۇلئاددە شارائىتتا تۇرغاچقا، ئەزالىق رەسمىيىتى مەخپى بېجىرىلگەن، ئادەتتە پارتىيە تۇرمۇشى ئۆتكۈزمەيدىغان، پەقەت پارتىيىنىڭ مۇھىم كىشىلىرىدىن مەلۇم كىشىلەر بىلەنلا ئالاقىلىشىپ تۇرىدىغان پەۋقۇلاددە كىشىلەر" دەپ تەبىر بەرگەن ئىدى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ بۇنداق جاسۇسلىرى خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدا، بولۇپمۇ چەتئەللەردە تۇرۇپ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ھەربىي قوماندانلىرىنى ھەرخىل ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ تۇرماقتا. يوشۇرۇنغان بۇنداق "پەۋقۇلئاددە كوممۇنىست" لارنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى قانداق ئىدارە قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنى قانداق شەكىل بىلەن يۇقىرى مائارىپ تەربىيىسىگە ئىگە قىلدۇرۇپ ئىشقا سالىدىغانلىقى ھەققىدە "چوڭچېڭ ئىجىمائى پەنلەر ژۇرنىلى "نىڭ 2005 - يىل 7 - ئايلىق سانىدا ئاللىقاچان مەلۇمات بېرىلگەن.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ "پەۋقۇلئاددە ئەزالىرى" ئاغدۇرمىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنى ئوچۇق سىياسىي سەھنىلەردە كۆزەتسە، كىشىلەرنىڭ كۆزىگە ماۋزېدۇڭنىڭ زومىگەر، تەلۋە ئوبرازى، جۇئېنلەينىڭ يۇشۇرۇن سۈيىقەستچى ئوبرازى، جاڭ چىڭنىڭ بىشەم خوتۇن ئوبرازى، ئەپيۇن ئىشلەپچىقىرىدىغان جاڭ سىدېنىڭ بىجانىدىل خەلق ئۈچۈن ئىشلەيدىغان قەھرىمان دېگەن ئوبرازى، جاڭ زېمىننىڭ چىرىكلىك ئوبرازى، ۋېن جاباۋنىڭ نەيرەڭۋازلىق ئوبرازى بىۋاستە كۆرىنىدۇ. ئەمما خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ "پەۋقۇلئاددە ئەزالىرى" بولسا كىشىگە كۆرۈنمەي ھەممە ئىشنى يۇشۇرۇن قىلىپ ئىز قالدۇرۇماسلىققا تىرىشىدىغان، ئاساسەن نەگە بارسا شۇ جايدا خەۋەرچىلىك، گېزىتچىلىك، دىن، بىرلىكسەپ دېگەندەك ناملار ئاستىدا ئاغدۇرمىچىلىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر.

مەخسۇس شىمالغا يۈرۈش ئۇرۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ھەربىي ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش، مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان، ئاخىر كوممۇنىست پارتىيىنىڭ دۆلەت رەھبىرى ۋە ھەربىي قوماندانى دەپ ئاتالغان، ئۆمۈر بويى يەنە نازارەت ئاستىدا ياشىغان جۇدﯤ ئەپەندىنىڭ ئۆزىلا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ دەسلەپكى پەۋقۇلئاددە ئەزاسى. ئۇنى جۇئېنلەي 1922 - يىلى گېرمانىيىدە تۇرۇپ تۇنۇشتۇرۇپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ تىزىملىكىكە ئالدۇرغان. 1929 - يىلى جاڭشى ئۆلكىسىنىڭ جىئەن ناھىيە ساقچى ئەترىتىنىڭ 600 ئادىمىنى باشلاپ چىقىپ قىزىل ئارمىيىگە ئۆتكەن لوبىڭخۇي؛ 1931 - يىلى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ تۇرغان گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ 26 - كورپۇس شىتاپ باشلىقى جاۋبوسېڭلار كوممۇنىست پارتىيىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئەزالىرى. جاڭ شۆلياڭنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئەزاسى ئىكەنلىكىمۇ 1936 - يىلىدىكى " شىئەن ۋەقەسى" دە جاڭ جاڭ كەيشىنى تۇتىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن ئاشكارا بولدى.

جاڭ كەيشىنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بارغان ۋەكىللەر ئۆمىكى مەخپىي ھالدا كوممۇنىست پارتىيىسىگە ئۆتۈپ كېتىپ، ئاخىر جاڭ كەيشى تەيۋەنگە چېكىنىشكە مەجبۇر بولغاندا، ئاندىن جاڭ كەيشىنىڭ ئۆمەك باشلىقى جاڭ جىجوڭنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئەزاسى ئىكەنلىكى ئاشكارا بولغان. ئۇيغۇر ئىلىدە شەرقىي تۈركستان ھۆكۈمىتى بىلەن 11 بېتىم تۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق ‘شىنجاڭ’ دېگەن نام ئاستىدا تۇرغۇزۇپ، ئاخىر خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان كىشىمۇ دەل شۇ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئەزاسى جاڭ جىجوڭ ئەپەندى. (داۋامى بار)