خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ "پەۋقۇلئاددە ئەزالىرى" دېيىلگەن كىشىلەر ھەققىدىكى ئۇچۇرلار(2)


2006.01.10
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

"يېڭى ئەسر ژورنىلى" دا 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئېلان قىلىنغان "خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 'پەۋقۇلئاددە ئەزالىرى' نىڭ بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە ئىزدىنىش" ناملىق بىر ماقالە كىشىلەرنىڭ دىققىتى قوزغىدى. ھازىر سىلەرگە تونۇشتۇرىۋاتقىنىمىز بۇ ماقالىنىڭ داۋامى.

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ "پەۋقۇلئاددە ئەزالىرى" دىن يې جەنيىڭ، شې جۆزەيلەر ھەققىدىكى بايانلار

"خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 'پەۋقۇلئاددە ئەزالىرى'نىڭ بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە ئىزلىنىش" ناملىق بۇ ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، جۇڭخۇئا مىنگو ۋۇخەن ھۆكۈمىتىنىڭ 2 - يۈنىلىش ئارمىيىسىنىڭ 4 - كورپۇس شىتاپ باشلىقى يې جەنيىڭ ئەپەندى خىتاي كوممۇنستىك پارتىيىسنىڭ پەۋقۇلئاددە ئەزاسى ئىدى. ئۇ 1927 - يىلى، ۋاڭ جىڭۋېي ھۆكۈمىتى كوممۇنىستىك پارتىيە قوللاۋاتقان خې لوڭ، يې تىڭ دېگەن كىشىلەرنى قولغا ئالماقچى بولغان ئۇچۇردىن خەۋەر تاپقان ھامان، ئۇلارنى نەنچاڭغا قاچۇرىۋەتكەن.

گومىنداڭنىڭ 8 - ئۇرۇش رايون سىياسىي بۆلۈمىنىڭ باشلىقىغا كاتىپ بولۇۋالغان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ "پەۋقۇلئاددە ئەزاسى" شې جۆزەي ئەپەندى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لەنجۇ شەھىرىدە بىر خەۋەر ئاگېنتلىقى قۇرۇپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىكى "بالۇجۈن بەنسىچۇ" دەپ ئاتىلىدىغان ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى ئارقىلىق ئاخبارات توپلاش، ئاغدۇرمىچىلىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئەزاسى شۈڭ شاڭخۇي 1991 -يىلى نەشر قىلىنغان "مىنىڭ خەۋەرچىلىك ۋە دىپلومات ھاياتىم" دېگەن ئەسلىمىسىدە، ئۆزىنىڭ جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللانغان ھېكايىلىرىنى، بولۇپمۇ گومىنداڭنىڭ ئىچىدە يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ قانداق ھەرىكەت قىلغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنى پەۋقۇلئاددە ئىشلارنى قىلالىغان "تالانتلىق تارىخىي ئەرباب" دەپ كۆرسەتكەن.

شۇڭ شاڭخۇينىڭ ئەسلىمىدە بايان قىلىنىشىچە، جۇ ئىنلەي ئۇنى 1937 - يىل خۇ زوڭنەن قىسىملىرى ئىچىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، ئۇ كوممۇنىستلارنى تۇتۇپ بېرىش ئارقىلىق خۇ زوڭنەنگە كۆپ "ساداقەتلىك" بىلدۈرۈپ، ئاخىر خۇ زوڭنەننىڭ مەخپى ئىشلار كاتىبى بولۇۋالغان. 1943 - يىلى، جاڭ كەيشى خەلقئارادا كوممۇنىزم ئىنتېرناتسىئونالى تارقىتىۋېتىلگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، خۇ زۇڭنەنگە يەنئەنگە ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قوزغاش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. خۇ زوڭنەن ھۇجۇم قوزغىغاندا، يەنئەندىكى كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ قوراللىق كۈچلىرى ئاللىقاچان قېچىپ كەتكەن بولغاچقا، خۇ زوڭنەن قىسىملىرى يەنئەندە بىرمۇ كوممۇنىستىك ئەسكىرىنى تاپالمىغان. ماۋ زېدوڭ "بىزنىڭ شۇڭ شاڭخۇي بىر ئادەم جاڭ كەيشىنىڭ بىر نەچچە كورپۇسىغا تەڭ كەلدى" دەپ ماختىغان. كوممۇنىست قوشۇنلىرى يەنئەندىن بېيجىڭ شەھىرىگە كىرگىچە بولغان ئارىلىقتىكى "ئازادلىق ئۇرۇشى" دەپ ئاتالغان ئۇرۇشلارنىڭ ھەممىسىدە، ماۋ زېدوڭنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيسىنىڭ "پەۋقۇلئاددە ئەزالىرى" نىڭ جاسۇسلۇق ۋە ئاغدۇرمىچىلىق ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىش چارىسىنى ئاساسىي ئورۇنغا قويغان.

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ "پەۋقۇلئاددە ئەزالىرى" دىن گومورو، بۇرھان شەھىدىلەر ھەققىدىكى بايانلار

"خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 'پەۋقۇلئاددە ئەزالىرى' نىڭ بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە ئىزلىنىش" ناملىق ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، گومورو ئەپەندى 1927 - يىلىدا يۈز بەرگەن "نەنچاڭ قوزغىلىڭى" دىن كېيىن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولۇپ كىرىپ، شۇنىڭدىن باشلاپ پارتىيە تۇرمۇشى ئۆتكۈزمەي ھەرىكەت قىلىپ كەلگەن. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ "پەۋقۇلئاددە ئەزاسى" گومورو ئەپەندى ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، جەمئىيەتتە "پارتىيىسىز، مەزھەپسىز زاتلار" دېگەن نام ئاستىدا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ نام قازانغان، ھەتتا جۇڭخۇئا مىنگو ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي بۆلۈمىدە 3 - نازارەت باشلىقى مەنسىپىگە ئېرىشكەن.

1933 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولغاندىن كېيىن شىنجاڭغا كىرگۈزۈلگەن بۇرھان شەھىدى ئەپەندى، 1949 - يىلى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيسىنىڭ "پەۋقۇلئاددە ئەزاسى" جاڭ جىجوڭ بىلەن بىرلىشىپ "ھەقىقەتكە ئۆتۈش" دېگەن نام بىلەن ھەرىكەت ئېلىپ بارغان. بۇرھان ئەپەندى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە "پەۋقۇلئاددە ئەزا" بولۇپ كىرگەندىن كېيىن، ـــ دەپ ئالاھىدە تەسۋىرلىنىدۇ "خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 'پەۋقۇلئاددە ئەزالىرى' نىڭ بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە ئىزدىنىش" دېگەن بۇ ماقالىدە، ــــ باشتىن - ئاخىر ئۆزىنىڭ كىملىكىنى يۇشۇرۇپ كەلگەن بۇرھان شەھىدى ئەپەندى كوممۇنىستىك خىتاي ھاكىمىيىتىدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇۋېلىپ، تا ئۆلگىچە مۇسۇلمانلارنى ئالداپ كەلدى.

"ليۇ شاۋچى ھۆججەتلىرى" دېگەن توپلامدىكى مەزمۇنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى 1945 - يىلىدىن كېيىن، سىنگاپور، مالايشىيا، بېرما، تايلاند، ھىندونېزىيە، ۋېيتنام قاتارلىق دۆلەتلەردە، شۇ جايدا تۇرۇشلۇق خىتاي مۇھاجىرلىرىدىن پايدىلىنىپ جاسۇسلۇق، ئاغدۇرمىچىلىق ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى تەيۋەننى بېسىۋېلىش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈنمۇ، "تەيۋەننى ئازاد قىلىش" دېگەن نام ئاستىدا، پۈتۈنلەي خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ "پەۋقۇلئاددە ئەزالىرى" نىڭ ماسلىشىشىدىن ئۈمىد كۈتۈپ كەلمەكتە.

ئۆلگەندە ئاندىن پارتىيىگە كىرىش رەسمىيىتى ئۆتەلگەن كىشىلەر ھەققىدە بايانلار

"خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 'پەۋقۇلئاددە ئەزالىرى' نىڭ بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە ئىزلىنىش" ناملىق ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، 1930 - يىللاردىن باشلاپ خىتاي كوممۇنىستىك ئارمىيىسى بىلەن كۆرۈنۈشتە ئۇرۇش قىلىش قىلىپ كەلگەن يەن شىسەن، فۇزويى، ماجەنسەن دېگەندەك گومىنداڭنىڭ مەشھۇر قوماندانلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ "پەۋقۇلئاددە ئەزاسى" ئىكەنلىكى 1947 - يىلىدىن كېيىن ئاشكارا بولدى. بەزىلىرى جان ئۈزۈش ئالدىدا تۇرغاندا ياكى ئۆلگەندىن كېيىن، كوممۇنىستىك پارتىيە ئاندىن ئۇلارنىڭ "پەۋقۇلئاددە پارتىيە ئەزاسى" ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

"خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 'پەۋقۇلئاددە ئەزالىرى' نىڭ بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە ئىزلىنىش" ناملىق ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشتىن بۇرۇن خوڭكوڭنى ئۆزىنىڭ "پەۋقۇلئاددە ئەزالىرى" نىڭ "گومىنداڭغا قارشى تۇرۇش بازىسى" قىلىۋالغان ئىدى. ئۇنى "ئىككىنچى سەپ" ياكى "بىرلىكسەپ" دەپ ئاتايتتى. 1985 - يىلى خوڭكوڭدا ئاساسىي قانۇن لايىھىسى مۇزاكىرە قىلىنىشقا باشلىغاندا، بىراقلا قانۇن لايىھىلەش كومىتېتىنىڭ باش كاتىبى دەپ ئېلان قىلىنغان، كوممۇنىستىك پارتىيە خوڭكوڭنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن "شىنخۇئا ئاگېنتلىقى" نىڭ خوڭكوڭدىكى باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن ماۋ فامىلىلىك ئەربابنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خوڭكوڭدا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ جىم - جىت يۈرگەن "پەۋقۇلئاددە كوممۇنىستىك" ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.

"خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 'پەۋقۇلئاددە ئەزالىرى' نىڭ بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە ئىزلىنىش" ناملىق ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، لى چاڭچۈن گۇاڭدۇڭغا باشلىق بولغاندا، ئۇنىڭ جاڭ زېمىنگە يازغان دوكلاتىدا "گۇاڭدۇڭدا 22 ئىشخانا تەسىس قىلىنغانلىقى، 1 -، 2 - ئىشخانا ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ، 3 - ئىشخانا خوڭكوڭ خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ، 4 -ئىشخانا ئازادلىق ئارمىيە باش شىتابىنىڭ، 5 - ئىشخانا گۇاڭجۇ ھەربىي رايوننىڭ، 16 - ئىشخانا مەنپەئەت قوغدىغۇچى گۇرۇھلارنىڭ، 17 - ئىشخانا ليۇ خۇئاچىڭنىڭ قىزىنىڭ، 22 - ئىشخانا ليۇ خۇئاچىڭنىڭ كېلىنىنىڭ ئىشخانىسى" ئىكەنلىكى قاتارلىقلار بايان قىلىنغان. بۇ ئىشخانىلارنىڭ ھەممىسى خەلققە يۇشۇرۇن تەھدىت سالغۇچى گۇرۇھلارنىڭ ئىش ئورگانلىرى.

كانادا غا قېچىپ كەلگەن "فۇجەن يۇئەنخۇئا شىركىتى" نىڭ باشلىقى لەي چاڭشىڭ خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ، ھەربىي قىسىملارنىڭ، خوڭكوڭدىكى پەۋقۇلئاددە ئەربابلارنىڭ جەمئىيەتتە، بولۇپمۇ قاۋاقخانىلاردا، مىھمانخانىلاردا ھەرىكەت قىلىدىغان جاسۇسلىرىدىن ئۆزى ئېنىق بىلدىغان 50 نەچچە كىشىنى پاش قىلغان.

"خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 'پەۋقۇلئاددە ئەزالىرى' نىڭ بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە ئىزدىنىش" ناملىق ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، ليۇ شاۋچى 1949 - يىلى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى نامىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىغا، ستالىنغا يوللىغان مەخسۇس دوكلاتىدا "ھازىر بېيجىڭدە مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ قۇرۇلمىسى تۈزۈلۈپ بولدى، جەمئى 134 ئەزا سى بار، بۇنىڭ ئىچىدە رەسمىي پارتىيە ئەزالىرى 43، بىزگە ئەگىشىدىغان ئىلغار كىشىلەر 48، ئوتتۇرىدىكىلەر 43، مۇشۇ ئوتتۇرىدىكىلەرنىڭ ئىچىدە پەۋقۇلئاددە پارتىيە ئەزالىرى 15. بۇ ئورگاننىڭ يېتەكچى قاتلىمىدىكى 21 ئادەم ھەممىسى پارتىيىمىزنىڭ ئادىمى، ئومۇمەن بۇ قېتىم تەشكىللەنگەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پۈتۈنلەي پارتىيىمىزنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا. بۇ كېڭەشنىڭ يىغىنىغا پارتىيىمىزنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى 14 پارتىيە ‏-گۇرۇھنىڭ ۋەكىللىرى كېلىدۇ. ھەربىيلەرنىڭ ۋەكىللىرى مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ. كىشىنى تېخىمۇ خاتىرجەم قىلىدىغىنى شۇكى، پۈتۈنلەي بىزگە ئەگىشىدىغان ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرىدىن 206 ئادەم بار" دەپ بايان قىلغان. بۇ نېمىدىگەن نۇمۇسسىزلىق ۋە ئالدامچىلىق. " شىنجاڭ 5 كىتاب ئىشخانىسى" تۈزگەن تارىخي ئەسلىمىلەردە بايان قىلىنىشىچە، 1949 -يىلى جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش ھەققىدە "كېڭەش قىلغان" شۇ قېتىمقى تۇنجى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا شىنجاڭدىن 3 ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرى دەپ ئاتالغان سەيپىدىن ئەزىزى قاتارلىق كىشىلەر قاتناشقان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى شۇ ۋاقىتا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن.

"خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 'پەۋقۇلئاددە ئەزالىرى' نىڭ بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە ئىزدىنىش" ناملىق بۇ ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى "دېموكراتىك ئىنقىلاب دەۋرى" دېگەن دەۋردە "پەۋقۇلئاددە ئەزا" بولۇپ مەخپى خىزمەت قىلغان كىشىلەرنىڭ ياخشى ئاقىۋەت كۆرگەنلىرى ناھايىتى ئاز، ئۇلارنىڭ قايسى بىرى تەختتە تۇرىۋاتقان قايسى بىر ئەربابنىڭ مەنپەئەتىگە زىت كەلسە، ئۇ دەرھال "خائىن" دەپ يوقىتىلدى. 1949 - يىلىدىن كېيىن "پەۋقۇلئاددە ئەزا" بولغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ياخشى مەنپەئەتلەرگە ئېرىشتى. ھازىر خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ خوڭكوڭدىكى "پەۋقۇلئاددە ئەزالىرى" مەخسۇس دېموكراتىيە تۈزۈمىنى تىكلەشكە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ھۈرمەتلەشكە قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. (تۈگىدى) (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.