ئىستانبۇل كۆرگەزمە ۋە قۇرۇلتاي مەركىزىدە تۈرك دۇنياسى كونسېرت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى
2006.08.14
8-ئاينىڭ 12-كۈنىئىستانبۇل ۋاقتى 19:00 -23:45 كىچە ئىستانبۇل كۆرگەزمە ۋە قۇرۇلتاي مەركىزىدە تۈرك دۇنياسى كونسېرت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ كېچىلىكتە تۈركىيىدىكى داڭلىق ناخشىچىلاردىن بىرى بولغان ماخسۇن قىرمىزىگۇل كونسېرت بەردى. بۇ كونسېرتنى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، كۆك بايراق ژورنىلىئىستانبۇل ۋەكىلى ۋەئىستانبۇل تۈركىستان تەنھەرىكەت كۇلۇبى قاتارلىق ئورۇنلار تەشكىللىگەن بولۇپ، ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق كۆچمەنلەر ۋە قەيسىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ھەمدە ئىستانبۇللۇق تۈرك قېرىنداشلاردىن بولۇپ كوپ ساندا كىشى قاتناشتى.
تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ باش سېكرېتارى مۇخسىن يازىچى ئوغلى، بىر قىسىم سىياسەتچىلەر ۋە ئىستانبۇل شەھرىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ھەمدەئىستانبۇل شەھەر ئاھالىسىدىن 500 گە يېقىن كىشى كونسېرتقا ئىشتىراك قىلدى. قەيسىرىدىن 1000 كىلومېترغا يېقىن يول بېسىپ كونسېرتقا كەلگەن ئۇيغۇر قىزى بەتۇل سۇيدۇنلۇ "بىز كىم؟" ناملىق تۈركچە شەئىرىنى، دىلارا سۇيدۇنلۇ بولسا "جانىم تۈركىستان" ناملىق تۈركچە شەئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىپ كونسېرت ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولدى.
تۈركىيەنىڭ كانال ئا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 12-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك دۇنياسى كونسېرت كېچىلىكىنى نەق مەيداندىن سۇنئىي ھەمرا بىلەن دۇنياغا تارقاتتى. تېلېۋىزيە رىياسەتچىسى ئەسرا خانىم كونسېرتنى شۇنداق باشلىدى:
تۈرك دۇنياسى كونسېرتىدە سەھنىگە چىققان بىرىنچى سەنئەتچى ماخسۇن قىرمىزىگۇل. قىممەتلىك مېھمانلار خوش كەپسىلەر.
ماخسۇن قىرمىزىگۇل سەھنىگە چىقىشتىن بۇرۇن، رىياسەتچى ئەسترا خانىم ناخشىچى ئىبراھىم دۇلگەرنى سەھنىگە تەكلىپ قىلدى. ئىبراھىم دۇلگەر ئەپەندى ناخشا ئوقۇشقا باشلاشتىن بۇرۇن سوز قىلىپ مۇنداق دېدى:
"شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا كۆڭۈل بولۇۋاتقان خانىملار ئەپەندىلەر، كانال ئا تېلېۋىزىيىنىڭ قىممەتلىك كۆرگۈچىلىرى، ھەممىڭلارغا ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن. مەن كېلەچەك كونسېرىمىزنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوز ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاندا بېرىشىمىزنى چىڭ كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن. مەن بىرىنچى بولۇپ تۈركىستاننىڭ مىللى شائىرى سۇلايمان ئابدۇلخامىت چولپاننىڭ "گۈزەل تۈركىستان ساڭا نە بولدى؟" ناملىق ناخشىسىنى ئوقۇپ بېرىمەن.
كېيىن داڭلىق ناخشىچى ماخسۇن قىرمىزىگۇل تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشلىشى ئىچىدە سەھنىگە چىقتى ۋە داڭ چىقارغان ناخشىلىرىدىن بىرى بولغان قېرىنداشلىق ناخشىسىنى ئوقۇدى: ناخشىسىدا تۈرك - كۇرت قېرىنداشلىقى تەكىتلەنگەن.
كونسېرت جەريانىدا ماخسۇن قىرمىزىگۇلگە تون كىيگۈزۈلدى. تون كەيدۈرۈش ئۈچۈن سەھنىگە چىققان كۆك بايراق ژورنىلىنىڭ ئىستانبۇل ۋەكىلى مەخمەت دونمەز ئەپەندى مۇنداق دېدى:
"1949-يىلىدا بىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمىز، بوۋىلىرىمىز، ئات ئېشەك ۋە تۆگىلەرگە مىنىپ 3 يىلدا تۈركىيىگە يېتىپ كەلگەن ئىكەن. بىز بۈگۈن تۈركىيىدە تۇنجى قېتىم كۆكبايراك ژورنىلى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن داڭلىق ناخشىچى ماخسۇن قىرمىزىگۇلنى تەكلىپ قىلىپ بۇ كونسېرتنى قىلدۇق، مەن ماخسۇن قەرىندىسىھىمگا شەرقىي تۈركىستانلىلار نامىدىن رەھمەت ئېيتىمەن، بىزنىڭ بۇ كونسېرتنى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى نەق مەيداندىن دۇنياگا تارقىتىۋاتقان كانال ئا تېلېۋىزىيىسى مەسئۇللىرىغىمۇ رەھمەت ئېيتىمەن. گرېتسىيە گرېكلارنىڭ تۇپرىقى، بۇلغارىيە بۇلگارلارنىڭ يېرى، شەرقىي تۈركىستان تۈركلەرنىڭ زېمىنىدۇر. مەن ئاخىرىدا داڭلىق ناخشىچى ماخسۇن قىرمىزىگۇلگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللى قىياپىتى چاپان، يەنى توننى كۆيدۈرىمەن".
بۇ كونسېرتقا ئىشتىراك قىلغان بۇيۇك بىرلىك پارتىيىسى باشلىقى مۇسىن يازىجىئوغلىغا كۆك بايراق تەقدىم قىلىندى. ئۇ كۆكبايراقنى سويۇپ ئالغاندىن كېيىن سوز كىلىپ مۇنداق دېدى:
"تۈرك دۇنياسى كونسېرتىگە قاتناشقانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى ناھايىتى بەختلىك ھىس قىلىۋاتىمەن. شەرقىي تۈركىستان تۈركلەرنىڭ ئۆز ۋەتىنى، شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز ئۇزۇن يىلدىن بۇيان زۇلۇم چېكىۋاتىدۇ، بۇ زۇلۇمنىڭ بالدۇرراق تۈگىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
كېيىن داڭلىق ناخشىچى ماخسۇن قىرمىزىگۇل قولىغا مىكروفوننى ئېلىپ مۇنداق دېدى:
مەن تۈركمەنىستاندا، قازاقىستاندا، ئازەربايجاندا كونسېرت بەردىم. باشقا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردىمۇ كونسېرت بەرمەكچىمەن. مەن بۇ جۇمھۇرىيەتلەردە شۇنى كۆردۈمكى، ئۇلار تۈركىيەنى بەكلا ياخشى كۆرىدىكەن بىزمۇ ئۇلارنى ياخشى كۆرىمىز. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ جايلاشقىنىمۇ ياخشى بوپتۇ، دۆلىتىمىز ھەر مىللەت خەلقى بىلەن گۈزەلدۇر. مەن ناخشىلىرىمدا خەلقنىڭ ئىنسانلارنىڭ قېرىنداشلىقىنى مەدھىيلەيمەن. دۇنياغا تىنچلىق كەلسۇن، كۈچلۈك مىللەتلەر كۈچسىز مىللەتلەرنى ئەزمىسۇن".
كونسېرتتا ماخسۇن قıرمıزıگۈلدىن باشقا سەنئەتچىلەرمۇ ئۇيغۇرچە، تۈركچە مۇڭلۇق، جەڭگىۋار ناخشىلارنى ياڭرىتىپ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودرومى يېنىغا جايلاشقان 10 مىڭ كىشىلىك بۇ سارايدا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ تىرىشچانلىقى،ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىكى رەھبەرلەرنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ئارقىسىدا كونسېرت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. كونسېرتقا كېلەلمىگەن شەرقىي تۈركىستانلىقلار ۋە شەھەر ئاھالىسى تېلېۋىزور ئىكرانلىرىدىن نەق مەيدان ئەھۋالىنى تاماشا قىلدى. بۇ كونسېرتنىڭ ئىسمى تۈرك دۇنياسى كونسېرتى بولسىمۇ، مەزمۇنىدىن قارىغاندا شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلغاندەك قىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، بۇ كونسېرتنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيىدە تېخىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تۈركىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەرجىيەس زەفەر قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلدى
- شەرقى تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى نامايىشقا قاتناشتى
- شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى مۇكاپاتلاندى
- ئۇيغۇرلار خەلقئارا يەرمەنكىدە
- دۇنياۋى فوتوگراف كۆرگەزمىسىدە شەرقىي تۈركىستان تېمىسى
- ئۇيغۇرلار ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن مىللەتلەر مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى
- بېشكېكتە ئۇيغۇر رەسسام تەلئەت مىررەخىموفنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
- سىپېرۇس لەفكە ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي تۇركىستان تېمىسىدا كۆرگەزمە ئېچىلغان