دانىيە ئەركىن سەنئەتكارلار دۇنيا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا 3 - نۆۋەتلىك خەلقئارا سەنئەتكارلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئامېرىكا، كانادا، ئىسپانىيە، ئاۋسترالىيە، دانىيە، كۇبا، ماروككو، ئىران، ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەتقىقاتچى، پروفېسسورلار قاتناشتى. يىغىنغا ئۇيغۇرلاردىن قەيسەر ئەپەندىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
ئەسلىدە بۇ يىغىنغا مەرھۇم كۈرەش كۆسەن ئەپەندىمۇ تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ۋاقىتسىز كەلگەن ئۆلۈم يۈزىسىدىن يىغىنغا قاتنىشالمىدى. يىغىندا كۈرەش كۈسەننىڭ ئىش پائالىيەتلىرى، ئۇنىڭ مۇزىكا ھاياتى ئەسلەپ ئۆتۈلدى. يىغىن ئەھلى مەرھۇم كۈرەش كۇسەن ئۈچۈن تەزىيەدە تۇردى. يىغىندا ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ كېلىپ چىقىشى، تارىخى ھەققىدە سوز قىلغان قەيسەر ئەپەندىنىڭ ماقالىسى ئالاھىدە قىزىقىش قوزغىدى.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ قەيسەر ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغا سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.