مەرھۇم كۈرەش كۈسەننىڭ 40 نەزىرىسى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

12 – ئاينىڭ 1 – كۈنى د ئۇ ق نىڭ سابىق باش تەپتىشى، شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىتىنىڭ رەئىسى مەرھۇم كۈرەش كۇسەن ئەپەندىنىڭ 40 نەزىرىسى شۋېتسىيىنىڭ ئېسكېلستونا شەھرىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نەزىر مۇراسىمىغا د ئۇ ق نىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، قۇرۇلتاي باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرى بىلەن بىرگە، ئەتراپ دۆلەتلەردىكى قۇرۇلتاي خادىملىرى، شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر كومىتېتى خادىملىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشتى.

ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق خادىملىرى ئالدى بىلەن مەرھۇم كۈرەش كۈسەننىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ، ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىدى ۋە مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇر’ ئان تىلاۋەت قىلدى. ئاندىن، د ئۇ ق رەھبەرلىرى مەرھۇمنىڭ قەبرىگاھىغا چىقىپ، ئۇنىڭ قەبرىسى ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ قايغۇ ھەم سېغىنىشلىرىنى ئىپادىلىدى.

مەرھۇم كۈرەش كۇسەن ئەپەندىنىڭ نەزىرىسى يەنىلا قۇر’ ئان – تىلاۋەت بىلەن باشلاندى. ئاندىن د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سوز قىلىپ، مەرھۇم كۈرەش كۈسەننىڭ ھايات ۋاقتىدىكى پائالىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە بولغان قايغۇسىنى ئىزھار قىلدى.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، مەرھۇمنىڭ دوستى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىمۇ كۆرەش كۈسەننىڭ ھاياتى پائالىيىتى ھەققىدە توختالدى.