مەرھۇم كۈرەش كۈسەن مىراسلىرى شىۋىتسىيە دۆلەت مۇزىيىغا تاللاندى

مەرھۇم ئۇيغۇر كومپۇزىتورى كۈرەش كۈسەننىڭ رەپىقىسى، ھازىر شىۋىتسىيىدە ئوقۇۋاتقان بەختىگۇل خانىم، مەرھۇمنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى شىۋىتسىيە دۆلەت مۇزىيىغا تاللانغانلىقىنى، 5 ‏- ئاينىڭ 19 ‏- كۈنى باشلىنىدىغان كۆرگەزمىدىن كېيىن، مەرھۇمنىڭ مۇزىكا مىراسلىرى ھەققىدە مەخسۇس ئىلمىي مۇھاكىمە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-05-15
Share
Kuresh-kosen-rfada-305 ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎﻧﺖ ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻛﯚﺳﻪﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺭﺍﺩﺋﻮﻣﯩﺰﻧﻰ 2006 - ﻳﯩﻠﻰ 4 - ﻳﺎﻧﯟﺍﺭﺩﺍ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍﭖ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
RFA Photo

ياۋروپادا 19‏- ۋە 20 ‏- ئەسرلەردە باشلانغان تەكلىماكان ۋە تارىم ۋادىسى ھەققىدىكى تەتقىقات توختاپ قالمىدى

بەختىگۇل خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، ياۋروپادا 19‏- ۋە 20 ‏- ئەسردە باشلانغان تەكلىماكان ۋە تارىم ۋادىسىنى تەتقىق قىلىش قىزغىنلىقى ھازىرغا قەدەر توختاپ قالغىنى يوق. بۇ خولاسە ئەمەس، بەلكى يەنىلا داۋاملىشىۋاتقان تەتقىقات. كەلگۈسىدە بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىز بۇ نەمۇنىلاردىن، يادىكارلاردىن ئۆزىگە خاس بولغان مەزمۇنلارنى بايقاپ چىقىىشى تۇرغان گەپ.

مەرھۇم كۈرەش كۈسەننىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى 'كۈرەش سۇلتان' دېگەن ئىبارە ئارقىلىق گۇگۇلدىن تېپىش مۇمكىن

بەختىگۇل خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ يىل 4 ‏- ئايدا دۆلەتلىك ئاۋاز ئارخىپلىرى كۆرگەزمىسىگە مەرھۇمنىڭ چالغۇ مىراسلىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى، 'ئويغان تۈركستان' ناملىق بەش ئەلبۇمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇزىكا ئىجادىيەتلىرى ۋە خىتاينىڭ ئاتوم سىناقلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا كەلتۈرگەن زىيان - زەخمەتلىرىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى، ئۇيغۇر - شىۋىت ‏- ئېنگىلىز تىللىرىدىكى ئۇيغۇرچە ئېلىپبە قاتارلىق مەدەنىيەت مىراسلىرى قويۇلغان ۋە كۆرگەزمىدىن كېيىن 'كۈرەش سۇلتان ۋە شەرقىي تۈركستان' دېگەن تېمىدا ئىلمىي مۇھاكىمە ئۆتكۈزۈلگەن ئىكەن.

مەرھۇمنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ مەزمۇنلىرىنى 'كۈرەش سۇلتان' دېگەن ئىبارە ئارقىلىق گۇگۇلدىن ئىزدەپ تېپىش مۇمكىن.  

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت