ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر رەسسام گۈلباھار خانىمنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسى ئالماتىدا ئېچىلدى

0:00 / 0:00

17 – ماي كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدىكى دۆلەتلىك سەنئەت مۇزىيىدا تالانتلىق رەسسام گۈلباھار ھاشىموۋانىڭ شەخسى كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. گۇلباھار ھاشىموۋا ئون نەچچە يىلدىن بېرى ئامېرىكىنىڭ نيو-يورك شەھىرىدە ياشاپ ئىجادىيەت قىلىۋاتقان تالانتلىق ياش رەسسام بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى گۈزەل - سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى نۇرغۇن تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللا رەسسام گۇلباھار ھاشىموۋا خانىمنى زىيارەت قىلىپ، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئىگىلىدى.