سىپېرۇس لەفكە ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي تۇركىستان تېمىسىدا كۆرگەزمە ئېچىلغان

0:00 / 0:00

شىمالىي سىپېرۇس تۇرك جۇمھۇرىيىتى لەفكە ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشنى ۋە بۈگۈنى تېمىسىدا كۆرگەزمە ئاچتى. كۆرگەزمىنى سىپېرۇستىكى تۈركىيە بۇيۇك ئەلچىلىك خادىملىرى، سىپېرۇس تۇرك جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار زىيارەت قىلغان بولۇپ زىيارەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە قىزىقىشىنى قوزغىغان.

بۇ كۆرگەزمىنى ئۇيۇشتۇرغان ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بەركان دېلىئورمانلىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ شىمالى سىپېرۇس تۇرك جۇمھۇرىيىتىدە شەرقىي تۇركىستان ھەققىدە ئېچىلغان تۇنجى قېتىملىق كۆرگەزمە ئىكەن. بىز بۇ كۆرگەزمە ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن لەفكە ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى بەركان دېلىئورمانلى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.