سىپېرۇس لەفكە ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي تۇركىستان تېمىسىدا كۆرگەزمە ئېچىلغان
شىمالىي سىپېرۇس تۇرك جۇمھۇرىيىتى لەفكە ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشنى ۋە بۈگۈنى تېمىسىدا كۆرگەزمە ئاچتى. كۆرگەزمىنى سىپېرۇستىكى تۈركىيە بۇيۇك ئەلچىلىك خادىملىرى، سىپېرۇس تۇرك جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار زىيارەت قىلغان بولۇپ زىيارەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە قىزىقىشىنى قوزغىغان.
بۇ كۆرگەزمىنى ئۇيۇشتۇرغان ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بەركان دېلىئورمانلىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ شىمالى سىپېرۇس تۇرك جۇمھۇرىيىتىدە شەرقىي تۇركىستان ھەققىدە ئېچىلغان تۇنجى قېتىملىق كۆرگەزمە ئىكەن. بىز بۇ كۆرگەزمە ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن لەفكە ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى بەركان دېلىئورمانلى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
©
2006 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تۇرك دۇنياسى فېستىۋالغا قاتناشتى
- ئۇيغۇر ۋەكىللىرى توكات تۈركمەن فېستىۋالغا قاتنىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى
- شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى 17 كىشىلىك ھەيئەت بىلەن خەلقئارا فېستىۋالغا قاتناشتى
- شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بىرلا ۋاقىتتا 2 فېستىۋالغا قاتناشتى
- ئۇيغۇرلار مونتېئارالدىكى "دۇنيا خەلقلىرىنىڭ تويلىرى" فېستىۋالىدا