7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى يەكشەنبە، گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى "West park" دېگەن چوڭ ساياھەت باغچىسىدا مىللەتلەر مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتنى ميۇنخېندىكى چەت`ئەللىكلەر مەجلىسى ئىدارىسى ئورۇنلاشتۇرغان.
پائالىيەتكە ئونمىڭلىغان كىشى قاتناشقان بولۇپ، ميۇنخېندىكى ھەر مىللەت كىشىلىرى ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت - سەن`ئەت سوۋغلىرىنى ۋە ئەن - ئەنىۋى تائاملىرىنى ئېلىپ كەلگەن.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئۇيغۇرلار ئالاھىدە تەييارلىق بىلەن قاتناشقان بولۇپ، بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر سەن`ئىتى كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىنى قاماشتۇرۇپ دىللىرىنى يايراتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن لەززەتلىك ئۇيغۇر تائاملىرى كىشىلەرنىڭ تىللىرىنى يېرىپ، ئەقىللىرىنى لال قىلدى. بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يالغۇز مەدەنىيەت ۋە ئەن - ئەنە كۆرگەزمىسىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئونمىڭلىغان كىشىگە ئۆز مىللىتىنى تونىتىشنىڭ بىر پۇرسىتى بولۇپ قالدى.