0:00 / 0:00
يېقىندا موسكۋادىكى روسىيە دۆلەتلىك شەرق مۇزىيى "شەرق مۇسۇلمان ئەللىرى گىلەملىرىنىڭ ئۈلگىلىرى" ناملىق چوڭ ھەجىملىك رەسىملىك كىتابنى رۇس تىلىدا نەشر قىلغان. بۇ كىتاب ئىككى بۆلۈمدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بىرىنچى بۆلۈمى ئىران ۋە ئازاربەيجان گىلەملىرى، ئىككىنچى بۆلۈمى بولسا شەرقىي تۈركىستان گىلەملىرى، دەپ ئاتالغان.
يېقىندا، ئاتاقلىق رەسسام ئابدۇكېرىم ئەيسا شەخسى كۆرگەزمىسىنى ئېچىش ئۈچۈن موسكۋادا زىيارەتتە بولغان بولۇپ، ئۇ سەپىرى جەريانىدا روسىيە دۆلەتلىك شەرق مۇزىيىدا ئېچىلغان ئۇيغۇر گىلەملىرى كۆرگەزمىسىگە ۋە "شەرق مۇسۇلمان ئەللىرى گىلەملىرىنىڭ ئۈلگىلىرى" ناملىق چوڭ ھەجىملىك رەسىملىك كىتابنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇ ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە توختالدى.