ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارا كۆرگەزمىدە
2006.10.24

كۆرگەزمىدىن كۆرۈنۈش
تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدىكى بىر باغچىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 1 - نۆۋەتلىك خەلقئارا ئاناتولىيە مەدەنىيەتلەر كۆرگەزمىسى 29 - ئۆكتەبىرگىچە داۋاملىشىدۇ.
كۆرگەزمىدە تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلىرىدىن كەلگەن يۈزلەرچە ئورۇن ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى تونۇشتۇرماقتا. كۆرگەزمىدە ئۇيغۇرلارمۇ ئايرىم بۆلۈم ئاچقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا خاس سوغا سالام، مىللىي چالغۇ ئەسۋاپلار، كىيىم - كېچەك ۋە گېزىت جورناللارنى كۆرگەزمىگە قويدى.
كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنىڭ ئىچىدە يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەبئىي بايلىقى، ئەسەرى - ئەتىقىلەر، كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكى قاتارلىق مەزمۇنلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەرنى كۆرگەزمىگە قويدى.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.
©
2006 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- يېقىندا موسكۋادا ئۇيغۇر گىلەملىرى كۆرگەزمىسى ئېچىلغان
- "2023 - يىلىغىچە ئىستراتېگىيىلىك تەخمىن" ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى
- چەتئەللىكلەرنىڭ قارىشىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى (2)
- چەتئەللىكلەرنىڭ قارىشىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى (1)
- ئىستانبۇل كۆرگەزمە ۋە قۇرۇلتاي مەركىزىدە تۈرك دۇنياسى كونسېرت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى