ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارا كۆرگەزمىدە

0:00 / 0:00
korgezme-turkiye-200.jpg
كۆرگەزمىدىن كۆرۈنۈش

تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدىكى بىر باغچىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 1 - نۆۋەتلىك خەلقئارا ئاناتولىيە مەدەنىيەتلەر كۆرگەزمىسى 29 - ئۆكتەبىرگىچە داۋاملىشىدۇ.

كۆرگەزمىدە تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلىرىدىن كەلگەن يۈزلەرچە ئورۇن ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى تونۇشتۇرماقتا. كۆرگەزمىدە ئۇيغۇرلارمۇ ئايرىم بۆلۈم ئاچقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا خاس سوغا سالام، مىللىي چالغۇ ئەسۋاپلار، كىيىم - كېچەك ۋە گېزىت جورناللارنى كۆرگەزمىگە قويدى.

كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنىڭ ئىچىدە يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەبئىي بايلىقى، ئەسەرى - ئەتىقىلەر، كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكى قاتارلىق مەزمۇنلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەرنى كۆرگەزمىگە قويدى.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.