بېيجىڭدا كىشىلىك ھوقۇق مۇھاكىمە يىغىنى جەريانىدا، ھەربى ھالەت ئېلىپ بېرىلماقتا


2006.11.24
kishilik-hoquq-korgezmisi-2.jpg
بىر بىخەتەرلىك ساقچىسى 17 – نويابىر كۈنى بېيجىڭ باشلانغان كىشىلىك ھوقۇق كۆرگەزمىسىدە. 10 كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ كۆرگەزمىدە 700 دىن ئارتۇق رەسىم، 250 دىن ئارتۇق ھۆججەت ۋە 300 دىن ئارتۇق كىتاب قويۇلغان. AFP

17 ‏- نويابىردىن 26 ‏- نويابىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق كۆرگەزمىسى جەريانىدا، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنىمۇ ئۆتكۈزۈلمەكتە. رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇنلا، يەنى كۆرگەزمىنىڭ باشلىنىشى بىلەنلا نۇرغۇنلىغان ساقچىلار كۆرگەزمە زالىدا كىشىلەرنىڭ ھەر بىر سۆز- ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ، سەللا قارشى پىكىر بەرگۈچىلەرنىڭ پېيىغا چۈشۈپ، ئۇلارنى تۇتقۇن قىلغان. مانا ئەمدى مۇھاكىمە يىغىنى باشلىنىش بىلەن، بېيجىڭ شەھىرى رەسمىي ھەربى ھالەتتە بولۇپ، ساقچىلار سانى تېخىمۇ كۆپىيىشكە باشلىغان.

ئەرزدارلارنىڭ ئىرادىسى

رادىئومىزنىڭ ئىگىلىگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر بېيجىڭغا كېلىپ نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مۇھاكىمە يىغىنىغا ۋەكىل ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ساقچىلارنىڭ تەھدىتىگە بوي بەرمەي، "تۇتۇپ كېتىلسەكمۇ مەيلى، نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتىمىزنى توختاتمايمىز" دەپ يول ئۈستىدە لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، شۇئار توۋلاپ نارازىلىق بىلدۈرمەكتە. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان ئەرزچىلەر ساقچىلار تەرىپىدىن ماجيالۇغا ئاپىرىپ قاماپ قويۇلماقتا.

رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، بېيجىڭدىكى ھەربىي ھالەت پەيشەنبە كۈنىدىن باشلانغان بولۇپ، ساقچىلار ھەر قەدەمدە بىر پوستتا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، يېڭىدىن كەلگەن ئادەمنىڭ ھەممىسىنى دېگىدەك بىر ‏- بىرلەپ سوراق قىلىدىكەن.

قاتمۇقات نازارەت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق كۆرگەزمىسى

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان نى يۈلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېيجىڭدىكى ئەرز قىلغۇچىلار نەچچە كۈندىن بۇيان بېيجىڭدىكى كۆرگەزمىخانا ئالدىدا تەقەززالىق بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن كۆرگەزمە ۋە يىغىنغا ئەۋەتىلىدىغان ۋەكىلنى كۈتۈپ تۇرماقتا ئىكەن. لېكىن ئۇلار ھەر كۈنى ئەتىگەن بۇ يەرگە كېلىشى بىلەنلا، ساقچىلار تەرىپىدىن قوغلىۋېتىلىدىكەن:

"قاتمۇ -قات قورشاۋ ئاستىدا، ساقچى ماشىنىسىنىڭ ئۆزىدىنلا 13 ئى بولۇپ، ساقچىلار خۇددى ئاسماندىن ياققاندەك ھەممىلا جايدا پەيدا بولدى. نۇرغۇنلىغان ئەرز قىلغۇچىلار ساقچىلارنىڭ قاتتىق نازارەت ئاستىدا قالدى. مەسىلەن، ليۇ ئەنجۈن، ۋاڭ شۈئېشىن، زاۋ شۇلىن ۋە گاۋ يۈچىن قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ساقچىلار تۇتۇپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلگەن ئەرز قىلغۇچىلار سانى ئاز دېگەندە 1000 دىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇلار تاڭ سەھەردىلا بۇ يەرگە يېتىپ كەلدى. لېكىن ساقچىلار كىشىلەرنى كۆرگەزمەخانىغا يېقىنلاشتۇرمايۋاتىدۇ".

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جۇۋلى ئىسىملىق بىر ئەرزدار ساقچىلارنىڭ خالىغانچە ئادەم تۇتۇۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلىپ "ياققا يۇرتتىن كەلگەنلەر ئارىسىدا، ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغانلار ئاز دېگەندە 400 دىن ئارتۇق بولۇپ، ساقچىلار ئۇلارنى 4 چوڭ ماشىنىغا بېسىپ ئېلىپ كەتتى. قالغانلارمۇ پۈتۈنلەي ساقچىلارنىڭ قاتتىق نازارىتى ئاستىدا قالدى" دەپ بىلدۈردى.

ئاممىغا تاقالغان كۆرگەزمە

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان جۇۋلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى كۆرگەزمىنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ ئاممىغا ئېچىشتىن توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى شۇنداقلا، مەزكۇر كۆرگەزمىنى پەقەت مەركىزى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ھەرقايسى كومىتېت رەھبەرلىرىنىڭ كۆرىشىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، بېيجىڭدىكى كۆرگەزمەخانا ئەتراپىدىكى ساقچىلارنىڭ ھەممىسى دېگىدەك قوراللىق ئىكەن. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان جۇۋ لى خانىم مەزكۇر جايدىكى ئەرز قىلغۇچىلارنىڭ ساقچىلارنىڭ توسۇشىغا بوي بەرمەي، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى كېلىشى بىلەنلا ئالدىن تەييارلاپ قويغان لوزۇنكىلىرىنى چىقىرىپ، قارشىلىق بىلدۈرۈش شۇئارلىرىنى توۋلىماقچى بولۇۋاتانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە " بىز بۈگۈن ھەممىدىن ۋاز كېچىپ، بېشىمىزغا نېمە كەلسە شۇنى كۆرەيلى دەۋاتىمىز. لوزۇنكىنى چىقارغاندىن كېيىن، ئۇلار بىزنى يا قولغا ئالىدۇ، ياكى بولمىسا ئاپىرىپلا تۈرمىگە تاشلايدۇ. شۇنداقتىمۇ بىزنىڭ پەرۋايىمىز پەلەك. ھەممىمىزدە دېگىدەك تۈرلۈك لوزۇنكىلار بار. ۋاقتى كەلگەندە ئىككىلەنمەي چىقارماقچىمىز" دەپ بىلدۈردى.

رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، بېيجىڭدىكى كۆرگەزمەخانا يولى ئۈستىدىكى قارشىلىق بىلدۈرگۈچىلەر ئالىي دەرىجىلىك پىكاپلارنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن، لوزۇنكىلىرىنى چىقىرىپ، " بىزگە كىشىلىك ھوقۇق لازىم" دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشقا باشلىغان. بۇنى كۆرگەن ساقچىلار خەلققە ئېتىلىپ، ئۇلارنى ئۇرۇشقا باشلىغان ھەمدە لوزۇنكا چىقىرىپ، شۇئار توۋلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى دېگىدەك ماجيالۇغا ئەكەتكەن. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.