
تۈركىيىنىڭ قەيسىرى شەھىرىدىكى دۇنيا تىجارەت مەركىزىدە، يېزا ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىق يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يەرمەنكىدە شەرقىي تۇركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنى ۋە ئۆتمۈشى تېمىسىدا كۆرگەزمە ئاچتى.
يەرمەنكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قەيسىرى ۋالىسى ئوسمان گۈنەش ئەپەندى سوز قىلغان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان ۋە تۈركلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ قىممىتىنى بىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
بۇ يەرمەنكە ھەققىدە سۇئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن شەرقىي تۇركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندى تۈركىيىدە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا شەرقىي تۇركىستان ھەققىدىكى ئىلمى يىغىنلارنى ئۆتكۈزۇپلا قالماستىن، تۈركىيىدىكى باشقا ساھەلەردىكى كىشىلەرگىمۇ شەرقىي تۇركىستان ھەققىدە مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن بۇ خىل يەرمەنكىلەرگە قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ يەرمەنكىنىڭ شەرقىي تۇركىستان كۆرگەزمە بۆلمىسىگە چۈشەندۈرگۈچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ۋارىسجان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كۆرگەزمە ھەققىدە توختالدى.
بۇ كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلىۋاتقان تاماشىبىنلارمۇ ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىنىگ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك كۆرگەزمە بۆلۈمچىسىنى تاسادىپەن كۆرگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاننى بۇرۇن ئاڭلىغانلىقىنى، بىراق تەپسىلى بىلمەيدىغانلىقىنى، بۇ قېتىم شەرقىي تۈركسىتان ھەققىدىكى كۆرگەزمىنى كۆرگەنلىكىنى ۋە ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىنىڭ زۇلۇم تارتىۋاتقانلىقى، ئىسكەنجىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنىدىن خەۋەردار بولغانلقىنى ئېيتتى.