تۈرك دۇنياسى زەپەر قۇرۇلتىيىدا شەرقىي تۈركىستان كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

0:00 / 0:00
zeper-qurulteyi1.jpg
چېدىردىن بىر كۆرۈنۈش

تۈركىيىنىڭ ئەرجىيەس تېغى ئېتىكىدە ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈرك دۇنياسى زەپەر قۇرۇلتىيىنىڭ 16- قېتىملىق يىغىلىشى باشلاندى. تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ئالىپ ئارسلان تۈركەش باشلاپ بەرگەن مەزكۇر قۇرۇلتايغا ھەر يىلى 8 – ئايدا تۈركىيىنىڭ قەيسىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار قاتنىشىپ ۋە چېدىر تىكىپ، كۆرگەزمە ئېچىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسىنى ئاڭلىتىپ كەلمەكتە.

بۇ يىل 200 مىڭ ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان بۇ يىغىلىشقا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقى تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى قاتناشتى. جەمىيەت چوڭ شەرقى تۈركىستان چېدىرى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىنى بۇ يەرگە كەلگەن زىيارەتچىلەرگە تونۇتتى.

شەرقى تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى رەئىسى سەيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ جەمئىيەتنىڭ 6 يىلدىن بېرى بۇ قۇرۇلتايغا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى، ھەر قېتىمدا شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى قۇرۇلتاينىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.