شىمالىي كورىيىنىڭ باشقۇرىلىدىغان بومبا سىنىقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا


2005.05.02
NKMissile200.jpg
1992-يىلى شىمالىي كورىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراددىن بىر كۆرۈنۈش. AFP

ياپونىيە ۋە غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شىمالىي كورىيە يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەن كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، بومبا ياپونىيە دېڭىزىغا چۈشكەن. مەزكۇر يەردىن پاراخوتنى نىشان قىلىپ قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ مۇساپىسى 100 كىلومېتىردىن 150 كىلومېتىرغىچە كېلىدىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاق ساراي ئىش بېجىرىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ئاندىرو كارد يەكشەنبە كۈنى بۇ ئۇچۇرنى مۇئەييەنلەشتۇرۈپ، " قارىماققا ئېنىقكى، شىمالىي كورىيە قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان" دەپ بىلدۈردى.

دۆلەتلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان قارىشى

رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىمالىي كورىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقى خەۋىرى، ئەتراپتىكى خوشنا دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى تارتقان. چۈنكى بۇ قېتىمقى سىناق، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى پيوڭياڭنىڭ ئاتوم بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا يۈزلەنگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرىۋاتقان بىر پەيتتە ئېلىپ بېرىلغان.

ئەمما ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيە دائىرىلىرى شىمالىي كورىيىنىڭ بۇ قېتىمقى باشقۇرىلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئېتىبارسىز كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا.

ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى شىمالىي كورىيىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ھەربىي مەشىقىنىڭ بىر قىسمى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ، سىناقنىڭ ياپونىيىگە ھېچقانداق تەھدىد ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. جەنۇبىي كورىيە دائىرىلىرى بۇ قېتىم سىناق قىلىنغان باشقۇرىلىدىغان بومبىنىڭ يادرو ئوق ئۇچى ئېلىپ يۈرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىراق ئامېرىكا ئەمەلدارى ئاندىرو كارد بولسا، " مېنىڭ قارىشىمچە، شىمالىي كورىيىنىڭ مەقسىتى خەلقئارا جەمئىيەتنى قورقۇتۇش. ئۇلار باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقچى" دېدى.

شىمالىي كورىيە ئۆزىنى ئىنتايىن بىخەتەر ھېسابلاۋاتىدۇ

شىمالىي كورىيە ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتتە، ئامېرىكا ئۆزلىرىگە ھۇجۇم قىلالمايدۇ دېگەن قاراشقا بەك ئىشلىنىۋاتىدۇ……. ئۇ ئۆزىنى ئىنتايىن بىخەتەر ھىسابلاۋاتىدۇ.

بىر قىسىم ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىمالىي كورىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىشى، خەلقئاراغا شىمالىي كورىيىنىڭ ھەربىي كۈچىنى نامايەن قىلىپ، بولۇپمۇ ئامېرىكا ئەگەر شىمالىي كورىيىگە بولغان بېسىمنى بەك كۈچەيتىۋەتسە، شىمالىي كورىيىنىڭ ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرغىدەك بەلگىلىك ھەربىي كۈچىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

ئامېرىكا تولەيدو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت پروفېسسورى راۋ بۇگۇڭ شىمالىي كورىيىنىڭ بۇ قەدىمى، ئامېرىكا پيوڭياڭغا ھوجۇم قىلالمايدۇ دېگەن ھۆكۈم ئاساسىدا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

"شىمالىي كورىيە ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتتە، ئامېرىكا ئۆزلىرىگە ھۇجۇم قىلالمايدۇ دېگەن قاراشقا بەك ئىشىنىۋاتىدۇ. ھازىرقى شارائىتتا، ئامېرىكىنىڭ خۇددى كوسوۋاغا ۋە ياكى ئىراققا ھۇجۇم قىلغاندەك شىمالىي كورىيىگە ھوجۇم قىلىش ئىمكانىيىتى بارمۇ؟ شىمالىي كورىيەنىڭ قارىشىچە، بۇنداق ئىمكانىيەت يوق. ئۇ ئۆزىنى ئىنتايىن بىخەتەر ھىسابلاۋاتىدۇ".

راۋ بوگۇڭنىڭ قارىشىچە، شىمالىي كورىيىنىڭ ئامېرىكا پيوڭياڭغا ھۇجۇم قىلمايدۇ دەپ قارىشىنىڭ بىر سەۋەبى ئامېرىكا ئۇرۇش ئوتىنىڭ جەنۇبىي كورىيىگە تۇتۇشۇپ كېتىشىنى خالىمايدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

" ئەگەر ئامېرىكا شىمالىي كورىيىگە ھۇجۇم قىلسا، شىمالىي كورىيە قوشۇن چىقىرىپ جەنۇبىي كورىيىگە ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن. بۇنداق شارائىتتا، ئالدى بىلەن جەنۇبىي كورىيە خەلقى ئاپەتكە ئۇچرايدۇ. ئامېرىكا بۇنداق ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى خالىمايدۇ. شۇڭا شىمالىي كورىيىگە ھۇجۇم قىلىش مەسىلىسىدە ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولىدۇ"

شىمالىي كورىيە "خىتاي بىزنى قوللايدۇ" دەپ قارايدۇ

راۋبوگۇڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەنە بىر سەۋەب شىمالىي كورىيە خىتاينى ئۆزىنىڭ " ئامېرىكىنىڭ بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇشى" نى قوللايدۇ دەپ قارايدىكەن.

شىمالىي كورىيە خىتاينىڭ مەيدانىنىمۇ ئېنىق ئىگىلىۋالغان. خىتاي شىمالىي كورىيىنى قوللاشقا مۇھتاج. چۈنكى شىمالىي كورىيە خىتاينىڭ ئارقا ھويلىسى، يەنى خىتاي ئۈچۈن بىر مۇداپىئە توسىقى.

" شىمالىي كورىيە خىتاينىڭ مەيدانىنىمۇ ئېنىق ئىگىلىۋالغان. خىتاي شىمالىي كورىيىنى قوللاشقا مۇھتاج. چۈنكى شىمالىي كورىيە خىتاينىڭ ئارقا ھويلىسى، يەنى خىتاي ئۈچۈن بىر مۇداپىئە توسىقى. ئەگەر شىمالىي كورىيە بىتچىت بولسا، ئۇ ھالدا خىتاي بىۋاستە ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ تەسىر دائىرىسىنىڭ ئارىسىدا قالىدۇ. بۇ خىتايغا ئىنتايىن پايدىسىز".

شىمالىي كۆرىيىنىڭ بۇ سىنىقى تىنچلىققا تەھدىد

گەرچە، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيىلەر شىمالىي كورىيىنىڭ بۇ قېتىمقى باشقۇرىلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەھمىيەتسىز كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكا ۋېيك فورست ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت پروفېسسورى لى ۋېيچىن شىمالىي كورىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ شەرقىي ئاسىيا رايونىنىڭ تىنچلىقىغا يوشۇرۇن تەھدىد ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

" شىمالىي كورىيە بەزى ۋاقىتتا ئويۇننى قائىدىسى بويىچە ئوينىمايدۇ. بۇ دېگەنلىك، بەزىدە شىمالىي كورىيە ئەقىلگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ. ئەگەر شىمالىي كورىيە توساتتىن ئەقىلسىز ئىشلارنى قىلىپ قالسا، ئۇ ھالدا ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە يىتىدىغان خىيىم-خەتەرمۇ يۇقىرى بولىدۇ. ئەگەر ياپونىيە شىمالىي كورىيىنىڭ بىرەر ھەربىي ھەرىكىتىگە جىددى قاراپ، ئۆزىنىڭ ھەربىي ھازىرلىقىنى كۈچەيتسە، ئۇ ھالدا خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەر بۇنى خىتايغا قارىتىلغان دەپ خاتا چۈشىنىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا ۋەزىيەتنى كونترول قىلماق تەس بولىدۇ".

شىمالىي كورىيە بۇ يىل يانۋاردا، پيوڭياڭنىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدە ئۆتكۈزىلىۋاتقان ئالتە تەرەپ سۆھبىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنىڭ يادرو كۈچىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. فېۋرالدا بولسا، ئۆزىنىڭ يادرو قورالغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئالتە تەرەپ سۆھبىتىگە قاتنىشىۋاتقان، ئامېرىكا، رۇسىيە، ياپونىيە، خىتاي ۋە جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمەتلىرى تىنچلىق بىلەن شىمالىي كورىيىنى يادروسىزلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق شىمالىي كورىيىنىڭ تۈنجى ئاتوم سىنىقىغا تەييارلىق كۆرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن بىشارەت بېرىدىغان سىگناللار، بۇ ھۆكۈمەتلەرنى ئەندىشىگە سالماقتا. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.