ئافغانىستاندا تالىبانلار تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان 21 نەپەر پۇقراسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىشىنى قەتئىي رەت قىلغان جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمىتى، تالىبانلار بىلەن بىۋاستە ئالاقە قۇرغان بولۇپ، يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، تالىبانلار بىلەن سۆھبەت ئورنىنى بەلگىلەش ئۈچۈن تىرىشماقتا.
جۈمە كۈنى تېلېفون ئارقىلىق جەنۇبىي كورىيىنىڭ باش ئەلچىسى كاڭ سۇڭزۇ بىلەن كۆرۆشكەنلىكىنى تەكىتلىگەن تالىبانلارنىڭ باياناتچىسى يۇسوف ئەخمەدى، "جەنۇبىي كورىيە باش ئەلچىسى، گۆرۈگە ئېلىنغان جەنۇبىي كورىيىلىكلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تۈرمىدىكى تالىبان پائالىيەتچىلىرىنى قويۇپ بېرىش مەسىلىسىدە ئافغانىستان ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى قايىل قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى" دەپ كۆرسەتتى.
دەسلەپتە تالىبانلار سۆھبەتنىڭ ئافغانىستان ھۆكۈمىتى كونتروللىقىدىكى رايوندا ئېلىپ بېرلىشىغا قارشى چىققان ئىدى. لېكىن جۈمە كۈنى تالىبانلارنىڭ باياناتچىسى،" ئەگەر ب د ت نىڭ ئافغانىستاندىكى ئىشخانىسى جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان سۆھبەتكە قاتنىشىدىغان تالىبان ۋەكىللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىسا، تالىبانلار سۆھبەتنىڭ ھۆكۈمەت كونتروللىقىدىكى رايوندا ئۆتكۈزۈلىشىنى قوبۇل قىلىدۇ" دېدى.
جەنۇبىي كورىيىدىكى بىر خىرستىئان گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى بولغان 16 سى قىز ۋە ئاياللاردىن تەشىكىل تاپقان 23 نەپەر جەنۇبىي كورىيە پۇقراسى 19- ئىيۇل كۈنى ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىي رايونىدا تالىبانلار تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان ئىدى.
ئافغانىستان ھۆكۈمىتى تالىبانلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلماقتا
تالىبانلار، گۆرۈگە ئېلىنغان جەنۇبىي كورىيە پۇقرالىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئافغانىستان ھۆكۈمىتىدىن تۈرمىدىكى تالىبان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا. لېكىن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى تالىبانلارنىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلماقتا. ئافغانىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تالىبانلارنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىش، ئۇلارنى تېخىمۇ جاسارەتلەندۈرۈپ، گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىشى مۇمكىن، دېيىشمەكتە.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، تالىبانلارنىڭ تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلماسلىق ۋە ئۇلار بىلەن گۆرۈگە ئېلىنغان كورىيە پۇقرالىرى مەسىلىسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزمەسلىك توغرىسىدا ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلەتمەكتە.
ئەمما ، گۆرۈگە ئېلىنغان جەنۇبىي كورىيە پۇقرالىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ناچار ئىكەنلىكى ۋە ئافغان ھۆكۈمىتى تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن تالىبانلارنىڭ گۆرۈگە ئېلىنغانلارنىڭ ئىككىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ھەم جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمىتىنى ھەمدە خەلقئارا جامائەتنى ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ.
" تالىبانلارغا مۇمكىن بولغان پۈتۈن بېسىمنى ئىشلىتىش كېرەك"
پەيشەنبە كۈنى 40 ئەتراپىدا ئاممىۋىي تەشكىلات ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن، گۆرۈگە ئېلىنغان جەنۇبىي كورىيە پۇقرالىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، جەنۇبىي كورىيىگە ۋاكالىتەن تالىبانلار بىلەن بىۋاستە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
گۆرۈگە ئېلىنغان پۇقرالىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىشىغا قارشى چىققان جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمىتى، بۇ مەسىلىنى سۆھبەت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىگە ياردەم بېرىشى ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلەتمەكتە. لېكىن ، ئافغانىستاننى زىيارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ياردەمچى مىنستىرى رىچارد باۋچەر، گۆرۈگە ئېلىنغان جەنۇبىي كورىيە پۇقرالىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تالىبانلارغا مۇمكىن بولغان پۈتۈن بېسىمنى ئىشلىتىش كېرەك. گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئېلىنىدىغان تەدبىرلەرنىڭ ھەربىي ھەرىكەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىندا ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەلىرى، تالىبانلار ھاكىمىيىتى گۇمران بولۇپ 6 يىلغا يېقىن بىر ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئافغانىستاندا بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىڭ تېخى بىر تەرەپ بولمىغانلىقىنى، ئەكسىچە، ۋەزىيەتنىڭ كۈنسېرى جىددىيلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. (ئۆمەر قانات)
