خىتايدىكى جەنۇبىي كورىيە دىپلوماتىنىڭ ئۆلۈمى دۆلىتىدە مۇنازىرە قوزغىدى


2007.08.23

جەنۇبىي كورىيىلىك بىر دىپلومات ئۆتكەن ئايدا بېيجىڭدىكى بىر دوختۇرخانىغا داۋالانغىلى بېرىپ ئۆلگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ دىپلوماتنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىگە ئائىت قانائەتلىنەرلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن. ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى يوشۇرۇشىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن. بۇ ۋەقە كورىيە مەتبۇئاتلىرىدا مۇنازىرە قوزغىغان بولۇپ، خىتاي بۇ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ئىنسان ھاياتىغا سەل قارىدى، دەپ ئەيىبلەنمەكتە.

كورىيە دىپلوماتىنىڭ ئۆلۈمىگە نىمە سەۋەبچى بولدى؟

جەنۇبىي كورىيىلىك دىپلومات ۋاڭ جۇڭ ئىلنىڭ يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىپ ئۆلۈش ۋەقەسى، خىتاي يېمەكلىكلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى دۇنيادا زور غۇل - غۇلا قوزغاۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەنلىكى تۈپەيلى، بۇ خىتاينىڭ يېمەكلىكلەر مەسىلىسىدىكى ئابرويىغا زەربە بېرىدىغان يەنە بىر ۋەقە بولۇپ قالدى.

ۋاڭ جۇڭئىل، بېيجىڭدىكى جەنۇبىي كورىيە ئەلچىخانىسىنىڭ سىياسىي ئىشلارغا جاۋابكار مەسئۇلى بولۇپ، ئورنى باش ئەلچىدىن قالسىلا 2- ئورۇندا تۇرىدىغان مۇھىم شەخسلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى جەنۇبىي كورىيە ئەلچىخانىسى ئەتراپىدىكى بىر يېمەكلىكلەر دۇكىنىدىن ساندىۋىچ ئېلىپ يېگەندىن كېيىن تۇيۇقسىزلا قۇسۇشقا باشلاپ، بېيجىڭدىكى چەت' ئەللىكلەرگە ئېچىۋېتىلگەن بىر دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان ۋە بۇ يەردە دوختۇر ئۇنىڭغا بىر ئوكۇلنى سېلىشى بىلەنلا جان ئۈزگەن. ۋاڭ جۇڭئىلنىڭ ئۆلۈمىگە ساندىۋىچ سەۋەبچى بولدىمۇ ياكى دوختۇرنىڭ ئوكۇلىمۇ ؟ بۇ مەسىلە بۈگۈنگە قەدەر يېشىلمىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان چىش پاستىسىنى يىغىۋالدى

بۇ ۋەقە خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان مەزگىلدە، بولۇپمۇ بالىلار ئويۇنچۇقى، چىش پاستىسى، ئەرمەك ھايۋانلار يېمەكلىكى ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، ماشىنا زاپچاسلىرى، كىيىم كېچەك ۋە ئىلمە توقۇلما ماللاردا مەسىلە بار، دەپ قارىلىۋاتقان ۋە بۇ مەھسۇلاتلار يىغىۋېلىنىۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەردى.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى غەرب دۆلەتلىرىنى خىتاي مەھسۇلاتلىرىدا كۆرۈلگەن سۈپەت جەھەتتىكى قىسمەن مەسىلىلەرنى كۆپتۈرۈۋېتىش بىلەن ئەيىبلەپ، خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ يۈزدە % 99 لاياقەتلىك، دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىتاي مەھسۇلاتلىرىدا سالامەتلىككە پايدىسىز ئامىللار بار، دەپ قارايدىغان دۆلەتلەرنىڭ كۆپىيىشىنى توسالمىدى.

ئاخىرقى كۈنلەردە بۇ دۆلەتلەر قاتارىغا قېتىلغان ئەللەرنىڭ بىرى سەئۇدى ئەرەبىستان بولۇپ، سەئۇدى ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى خىتاي ئېكسپورت قىلغان 7 تۈرلۈك چىش پاستىدا زەھەرلىك خىمىيىۋى ماددىلار بايقالغانلىقىنى ۋە بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ يىغىۋېلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

خىتاي دىپلوماتنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى يوشۇرۇۋاتامدۇ ؟

كورىيىلىك دىپلوماتنىڭ مۇشۇ مەزگىلدە ئۆلۈشى جەنۇبىي كورىيىدە زور غۇلا - غۇلا قوزغىلىشىغا سەۋەبچى بولدى. خىتاي كورىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ جەسەتنى ئوپېراتسىيە قىلىش ۋە ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈش تەلىپىگە ئاساسەن ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە ۋەدە بەرگەن ۋە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كېچىكتۈرمەي كورىيە تەرەپكە مەلۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر تەكشۈرۈش دوكلاتىنى كورىيە تەرەپكە تاپشۇرمىغانلىقىنى ۋە بۇ كورىيىلىك دىپلوماتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردە خىتاي ھۆكۈمىتى ۋاڭ جۇڭئىلنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى يوشۇرۇۋاتامدۇ، دەيدىغان گۇمان پەيدا قىلغانلىقىنى يازدى.

دىپلومات دوختۇرخانىنى خاتا تاللىۋالغان

كورىيە جامائەت پىكىرى، خىتاينى بۇ ۋەقەدە ئىنسان ھاياتىغا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان رەھىم - شەپقەتسىز دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى، دەپ ئەيىبلىمەكتە. جەنۇبىي كورىيىدە چىقىدىغان " چاۋشيەن" گېزىتىدىكى بىر ماقالىدا، "بېيجىڭدىكى جەنۇبىي كورىيە ئەلچىخانىسى ۋاڭ جۇڭئىلنىڭ ئۆلۈمىگە داۋالاش جەريانىدىكى سەۋەنلىك سەۋەبچى بولغان بولۇشى مۇمكىن،" دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە "بىمارغا سېلىنغان ئوكۇلدا مەسىلە بار،" دەپ گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لېكىن "چاۋشيەن" گېزىتىدىكى ماقالىدە ئەسكەرتىشىچە، جەنۇبىي كورىيە تەرەپ ۋاڭ جۇڭئىلنىڭ ئۆلۈمىگە داۋالاش جەريانىدىكى سەۋەنلىك سەۋەبچى بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويسا، خىتاي ئەمەلدارى ۋاڭ جۇڭئىلنىڭ دوختۇرخانىنى خاتا تاللىۋالغانلىقىنى ۋە شۇ سەۋەبلىك بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "ئۇ سەۋىيىسى تۆۋەن كىچىك دوختۇرخانىغا نېمە ئۈچۈن بارىدۇ ؟ بۇنىڭغا پۈتۈنلەي ئۇنىڭ ئۆزى جاۋابكار بولۇشى كېرەك،" دەپ جاۋاب بەرگەن. لېكىن خەۋەرلەردە بۇ دوختۇرخانا بېيجىڭدىكى دائىم چەتئەللىكلەرنى داۋالايدىغان داۋالاش ھەققى ناھايىتى يۇقىرى دوختۇرخانىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغانلىقىى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خىتاي ئىنسان ھاياتىنى ئەرزىمەس، دەيدىغان دۆلەت، دەپ ئەيىپلەندى

جەنۇبىي كورىيىدە چىقىدىغان چوڭ گېزىتلەردىن "كورىيە" گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى باش ماقالىسىدە، خىتاي ۋە خىتايلار پۇل ئۈچۈن ئىنسان ھاياتىنى بىر تىيىنگە ئەرزىمەس، دەپ قارايدىغان كىشىلەر، دەپ تەنقىد قىلىندى. باش ماقالىدە مۇنداق دەيدۇ، "كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە خىتاي ۋە خىتايلار پۇلنىڭ ئالدىدا ئىنسان ھاياتى ئەرزىمەس، دەيدىغان كىشىلەر، دەپ قارىلىدۇ.

لېكىن بۇ دۇنيادا دۆلەت دوللىلىرىنىڭ كۆپلىكى، سۈنئىي ھەمرا قويۇپ بېرەلىگەنلىكى ئۈچۈنلا 1 - دەرىجىلىك دۆلەت ھېسابلانمايدۇ. ئەگەر چەتئەللىكلەر خىتايغا بېرىپ دوختۇرخانىغا كۆرۈنسە بۇنىڭ بەدىلى ئۆلۈم بولسا، كىشىلەرنىڭ خىتاينى دۇنيادىكى يېتەكچى دۆلەت، دەپ ئاتىغۇسى كېلەمدۇ ؟ ئەگەر ئادالەت ۋە ھاياتلىقنى قىممەتلىك دەيدىغان بىر مىللىي ئاڭنى ھازىرلىيالمىغان، ئالدامچىلىقنى جازالىمايدىغان قانۇنسىز جەمئىيەت سىستېمىسىنى، دۆلەتنىڭ قانچىلىك چوڭ بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىي نەزەر، زامانىۋى دۆلەت دېمەك تەس.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا جەنۇبىي كورىيە دىپلوماتىنىڭ ئۆلۈمىگە 4 ھەپتىدەك بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋاڭ جۇڭئىلنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى توغرىسىدا جەنۇبىي كورىيە بىلەن تەپسىلى سۆھبەت ئېلىپ بېرىشكە بوي بەرمەي كەلمەكتە ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.