كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىق ئېلان قىلغانلىقى ھەققىدىكى جىدەللەر
2008.02.18
2008- يىلى 17- فېۋرال كۈنى كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ كۆپ سانلىقى تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىنغان بولسىمۇ، بىلگىرات، موسكۋا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بولدى. نېمىلا بولمىسۇن كوسوۋا خەلقى مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىپ، خوشاللىق تەنتەنىسى قىلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان"ئەل رىياد" گېزىتىنىڭ 2008- يىلى 18- فېۋرال سانىدا تونۇلغان ئەرەب يازغۇچىسى ئىبراھىم ئابباسنىڭ قەلىمى بىلەن" كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقى بالقان رايونلىرىنىمۇ قوزغاپ قويامدۇ؟" دېگەن تېمىدا بىر ماقالا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ يېزىلغان:" 1998- يىلى سىربلار بىلەن كوسوۋالىقلار ئوتتۇرىسىدا قاتتىق ئۇرۇش يۈز بېرىپ، 1999- يىلى شىمالى ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتى ئارىغا كىرىپ ئۇرۇشنى توختاتقان ۋە خەلقئارا تىنچلىق ساقلاش كۈچلىرى كوسوۋاغا تارقالغاندىن كېيىن، كوسوۋا بىلگىرات ھۆكۈمىتىدىن يېرىم مۇستەقىل ھالىغا كەلگەن ئىدى.
بىلگىرات ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشىغا جان جەھلى بىلەن قارشى تۇرۇپ كەلگەن بولسا، بىر تەرەپتىن رۇسىيە كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشىغا قاتتىق قارىشى تۇرۇپ كەلمەكتە. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن مۇندىن بۇرۇن ئېلان قىلىنغان باياناتتا: كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشى رۇسىيىنىڭ قول ئاستىدا تۇرىۋاتقان "جەنۇبى ئۇسىتىيە" بىلەن "ئابخازىيە" رايونلىرى مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. باياناتتا، "بۇ دېگەنلىك كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقى رۇسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭمۇ مۇستەقىللىق دەۋا قىلىشىغا يول ئاچىدۇ، دېگەنلىكتۇر. بۇ ھەر قانداق بىر مۇستەملىكىچىنىڭ قورقۇدىغان مەسىلىسىدۇر. ئەمما رۇسىيىنىڭ ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش مۇستەملىكىچى دۆلەتلەرنىڭ قول ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭمۇ باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش مۇستەقىل ياشاش ھەققى باردۇر. كوسوۋا ھۆكۈمىتى 17- فېۋرال كۈنى مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغىنىدىن كېيىن، بېلگراد ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ئامېرىكىغا قارشى نارازىلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما رۇسىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى جىددى يىغىن چاقىرىشقا تەكلىپ قىلدى،" دېيىلگەن.
دۇبەينىڭ " ئەل ئەرەبىيە" تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ كوسوۋا پايتەختىدىكى مۇخبىرى مۇنداق دېدى:" بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 1999- يىلى سىربلارنىڭ كوسوۋادىن چىقىپ كېتىشى ۋە كوسوۋا مەسىلىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارار قىلىشىغا تاپشۇرۇش ھەققىدە چىقارغان 1244- نومۇرلۇق قارارىدا كوسوۋا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سىياسىي چارە تەدبىرگە چاقىرغان بولسىمۇ، كوسوۋا مەسىلىسىنى پۈتۈنلەي ھەل قىلىش يولىدا ئېنىق بىر نەرسە دېيىلمىگەن ئىدى. ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر مەزكۇر قارارنىڭ كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشقا يېتەرلىك ئىكەنلىكىگە قانائەتلەنمەكتە. موسكۋا بىلەن بىلگىرات ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشىنى قانۇنسىز دەپ قاراشتا ئاساسلانغان سۆزى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1999- يىلى چىقارغان 1244- نومۇرلۇق قارارىدا كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقى تىلغا ئېلىنمىغان. شۇ سەۋەبتىن بۇ مەسىلە ھەر تەرەپنىڭ ئورتاق كېڭىشى بىلەن ھەل قىلىنىشى لازىم دەيدۇ. ئەمما كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىغۇچى كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر دەيدۇكى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر قارارى كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئوچۇق تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، سەككىز چوڭ دۆلەتنىڭ مىنىستىرلار كېڭىشى ئىتتىپاقلاشقان ئاساسلىق پرىنسىپلارغا يۆلىنىدۇ. كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكى ئۈچۈن بۇ قارارنى ئاساس قىلىشقا بولىدۇ. بۇ كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىگە يېتەرلىك دېگەنلىك." ( ئۆمەرجان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقى بىر - بىرلەپ ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشمەكتە
- خىتاي بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالامدۇ؟
- " تېررورچى" باش مىنىستىرنىڭ كۈرەش مۇساپىسى
- 10 يىل بۇرۇنقى "تېررورىست" بۈگۈن باش مىنىستىر
- ۋاڭ لىشوڭنىڭ نەزىرىدىكى ساختا راي سىناش دوكلاتى
- رۇسىيە، خىتاي ۋە ئىران كوسوۋا مەسىلىسىدە خەلقئارا قانۇن ۋە پرىنسىپلارنى دەپسەندە قىلماقتا
- كوسوۋا مۇستەقىللىق ھەركىتى ھالقىلىق باسقۇچتا
- تەيۋەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرەلەمدۇ؟
- خوڭكوڭ سۇمرۇغ تېلېۋىزىيە تور بېتىدە، ھۆسەيىن جېلىل قاتارلىق ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرى ھەققىدە ماقالە
- چېن شۈيبيەن: ھاياتلىقىمدا تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى كۆرەلىشىم مۇمكىن
- مۇشۇ ئەسىردىكى يېڭى دۆلەت- شەرقىي تىموردا ئىككىنچى قېتىملىق پرېزىدېنت سايلىمى بولۇۋاتىدۇ
- بېشكەكتە بىر ئۇيغۇر ئۆزىگە ئوت قويۇپ ھاياتىدىن ئايرىلدى
- كوسوۋا مەسىلىسى ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇرلار