"كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بىر چوڭ ئىش، چۈنكى بۇ ئىنسانىيەتنىڭ 17 - ۋە 19 - ئەسىرلەر ئارىسىدا دۇنيادا، دۆلەت چىگرىسى مۇقەددەستۇر ۋە دەخلىسىزدۇر پرىنسىپى ھۆكۈمران ئىدى. كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقى بۈگۈن دۇنيادا مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى مۇقەددەستۇر ۋە دەخلىسىزدۇر پرىنسىپىنىڭ چەتكە قېقىلمايۋاتقانلىقىنىڭ ئىنكاسى". كوسوۋا مۇستەقىللىقى ھەققىدە يۇقىرىقىلارنى بايان قىلغان خىتاي دېموكراتچىلىرىدىن ياڭ شياۋكەي، كوسوۋا مۇستەقىللىقىنىڭ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە كۈچلۈك دۆلەتلەر تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىشىنى ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىنكاسى دەپ قارايدۇ. ئەمما بۇ قاراش، خىتاي دېموكىراتچىلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئورتاق ئەمەس.
ۋۇ فەن: " كوسوۋانىڭ ئەھۋالى ئالاھىدە"
ھازىر كالىفورنىيىدە ياشاۋاتقان خىتاي دېموكراتچىسى ۋۇ فەن، كوسوۋانىڭ ئالاھىدە ئەھۋالغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى قوللاش لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ. ۋۇفەننىڭ گېپىنىڭ ئورامىدىن مەلۇمكى، ئۇ كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى قوللايدۇ، ئەمما بۇنىڭ دۇنيادىكى بولۇپمۇ خىتايدىكى باشقا مىللەتلەرگە ئۈلگە بولۇپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. ئۇ تىلغا ئالغان كوسوۋانىڭ ئالاھىدە ئەھۋالى ئىككى تۈرلۈك، بىرى: ئالبانلارنىڭ كوسوۋادا مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىكەنلىكى؛ يەنە بىرى بولسا، ئالبانلار بىلەن سىرىبلار ئارىسىدا مەدەنىيەت جەھەتتىن تامامەن پەرقلىنىدىغان ئايرىم ئىككى مىللەت ئىكەنلىكى.
بىز ئۇنىڭغا، خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى مەدەنىيەت پەرقىنىڭ كوسوۋالىقلار بىلەن سىرىبلار ئارىسىدىكى پەرقتىن نەچچە ھەسسە چوڭ ئىكەنلىكىنى ئەسلەتكىنىمىزدە، ئۇ مۇنداق دېدى: " ئەلۋەتتە، كوسوۋا مەسىلىسى بىلەن شىنجاڭ مەسىلىسىنىڭ ئوخشايدىغان ۋە ئوخشىمايدىغان يەرلىرى بار، شۇڭا بىز، خىتايدا فېدېراتسىيە تۈزۈمىنى تەشەببۇس قىلىۋاتىمىز. فېدېراتسىيە تۈزۈمى خىتايدىكى مىللىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدۇ دەپ قارايمىز".
مۇستەملىكىچىلىكنى داۋاملاشتۇرۇش بىلىپ تۇرۇپ مەغلۇبىيەت يولىنى تاللىغانلىق
نۆۋەتتە ئاۋسترالىيىدە ياشاۋاتقان خىتاي پروفېسسور ۋە ئاكتىپ سىياسىي ئۆكتىچى يۈەن خۇڭبىڭ مۇنداق دەيدۇ: سېربىيە سابىق يۇگوسىلاۋىيىنىڭ قالدۇقى، يوگوسلاۋىيىدىكى مىللەتلەرنىڭ بىر دۆلەت بولۇپ تەشكىللىنىشى قانۇنىي يول بىلەن بولمىغان، زوراۋانلىق بىلەن بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن يۇگوسلاۋىيە پارچىلاندى، ئۇنىڭ قالدۇقى سېرىبىيىمۇ پارچىلاندى. سېربىيىنىڭ پارچىلىنىشىنى ھېچكىم كەلتۈرۈپ چىقارمىدى ۋە ھېچكىممۇ توسۇۋالالمايدۇ. ئۇ پەقەت جەمئىيەت تەرەققىياتنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى.
يۈەن خۇڭبىڭنىڭ قارىشىچە، سابىق يۇگوسلاۋىيە دۆلىتىدىكى مىللەتلەرنىڭ بىرلىكى تەبئىي بىرلىك ئەمەس، سۈنئىي بىرلىك بولغان. شۇڭا بالقان رايونى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرگە سەھنە بولدى. بوسىنىيىدە يۈز بەرگەن ئېتنىك قىرغىنچىلىق بۇنىڭ مىسالى. ئىنسانىيەت بۇ پاجىئەلەردىن ساۋاق ئېلىشى كېرەك: تارىخنى ياخشى تەتقىق قىلغان ۋە ئۇزاق كېلەچەكنى كۆرەلىگەن كىشىلەر بىلەلەيدۇكى، مۇستەملىكىچىلىك ياخشى نەرسە ئەمەس، ئۇ مۇستەملىكىچىگە ۋاقىتلىق نەپ ئەكەلگىنى بىلەن، ئاقىۋەتتە ئاچچىق بەدەل تۆلىتىدۇ، ئۇ بەدەلنى ئۆزلىرى تۆلىمىسىمۇ، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى تۆلەيدۇ. شۇڭا مۇستەملىكىچىلىكنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىش تەبىئەتنىڭ قانۇنلىرىغا قارشى جەڭ ئېلان قىلغانلىق، بىلىپ تۇرۇپ مەغلۇبىيەت يولىنى تاللىغانلىق.
خىتاي مىللىتىمۇ مۇستەملىكە ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ
بىز يۈەن خوڭبىڭدىن، سابىق يۇگوسلاۋىيە فېدىراتسىيىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ بىرلىكىنى سۈنئىي بىرلىك دېدىڭىز ۋە ئۇ دۆلەتنىڭ قۇرۇلمىسىنى قانۇنسىز قۇرۇلۇش دېدىڭىز، ئۇنداقتا، نۆۋەتتىكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆپ مىللەتلىك تەركىپىنىمۇ قانۇنسىز يەنى زورلۇق بىلەن شەكىللەنگەن دەپ قارامسىز دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق دېدى: ئەلۋەتتە، ھازىر خىتايدىكى باشقا مىللەتلەرلا ئەمەس، خىتاي مىللىتىمۇ مۇستەملىكە ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ.
خىتاي مىللىتىنى ئىشغال قىلغىنى يات مىللەت ئەمەس، يات نەزەرىيە. ئىنسانىيەتنى بىر قانچە ئون يىل پالاكەتكە ئۇچراتقان ماركىسىزم نەزەرىيىسى ھازىر خىتايدا يولغا قويۇغلۇق. بۇ نەزەرىيىنى خىتاي خەلقى توغرا دەپ قوبۇل قىلغان ئەمەس، ھۆكۈمەت مەجبۇرىي قوبۇل قىلدۇرغان. خىتاي مىللىتى ماركىسىزمدىن ئىبارەت ئىدېئولوگىيىلىك مۇستەملىكىچىدىن قۇتۇلغاندا، باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ مۇستەملىكىچىلىكتىن قۇتۇلۇشىغا يول ئېچىلىدۇ.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، دېموكراتىيىنى خىتاي مىللىتىنىڭ ھېچ بىر پارتىيە -گۇرۇھى خاتا دېمەيدۇ، ئەمما ئۇنى خىتاي ئۈچۈن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە پايدىلىقمۇ -زىيانلىقمۇ دېگەن نۇقتىدىلا ئىختىلاپ مەۋجۇت. دېموكراتىيىنى خىتاي ئۈچۈن زىيانلىق دەپ قارىغۇچىلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئەندىشىسى خىتاينىڭ پارچىلىنىپ كېتىش ئېھتىمالىدۇر. (شۆھرەت ھوشۇر)