ئۇيغۇرلارنىڭ كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقى ھەققىدىكى ئىنكاسلىرى


2008.02.18

Kosovo-bayraq-200.jpg
كوسوۋالىقلار كوچىدا مۇستەقىللىقنى قاينام - تاشقىنلىق ئىچىدە تەنتەنە قىلماقتا. AFP Photo

تۈنۈگۈن مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان كوسوۋا 2 مىليون نوپۇسقا ئىگە، خىتاينىڭ ئېغىر باستۇرۇشلىرىغا قارىماي، مۇستەقىللىق كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار بولسا، كوسوۋالىقلاردىن ئاز دېگەندە 7-8 ھەسسە ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە. كوسوۋا تېررىتورىيىسى 10887 كۋادرات كىلومېتىر، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەر كۆلىمى بولسا 1 مىليون 600 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، كوسوۋا يەر كۆلىمىنىڭ ئاز دېگەندە 150 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ. يەنى كوسوۋا يەر كۆلىمى جەھەتتىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر ناھىيىسىگە ئاران تەڭ كېلىشى مۇمكىن.

كوسوۋا مۇستەقىللىقىدىن خىتاي خاپا، ئۇيغۇرلار خوش

كوسوۋا 100 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلغان بولسىمۇ، تارىختا كوسوۋا دەپ بىر دۆلەت قۇرۇپ باققان ئەمەس؛ ئۇيغۇرلار بولسا تارىختا ئونلىغان سەلتەنەتلىك دۆلەت قۇرغاندىن باشقا تېخى 1930 ‏- ۋە 1940- يىللاردىلا، قىسقىغىنە 10 يىل ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان، ئىككىنچى دۆلىتى بەش يىل ھاكىمىيەت سۈرگەن. كوسوۋالىقلار تۈنۈگۈنگە قەدەر سېربىيە تەرىپىدىن بۆلگۈنچى ئاتالغان، تېررورچى دەپ ئەيىبلەنگەن، ئۇيغۇرلارمۇ بۈگۈن خىتاي تەرىپىدىن بۆلگۈنچى ئاتىلىۋاتىدۇ ۋە تېررورچى دەپ ئەيىبلىنىۋاتىدۇ.

كوسوۋا ئالبانلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى سېلىشتۇرمىنىڭ يۇقىرىقىدەك نۇقتىلىرى، بۈگۈن كوسوۋا مۇستەقىللىقىنىڭ خىتاينى خاپا قىلىپ ئۇيغۇرلارنى خۇش قىلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىر قىسمىدۇر. شۇڭا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، كوسوۋا مۇستەقىللىقىدىن قاتتىق ئەندىشىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇستەقىل كوسوۋا دۆلىتىنى تەبرىكلىدى.

Kosovo-usul1-200.jpg
كوسوۋالىقلار كوچىدا مۇستەقىللىقنى ئۇسۇل بىلەن تەنتەنە قىلماقتا. AFP Photo

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەد توختى ئەپەندى كوسوۋا مۇستەقىللىقىنىڭ، دۇنيادىكى مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بارلىق مىللەتلەرگە ئىلھام بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇ يەنە، كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقى دۇنيادا ھەر ۋاقىت ھەربىي كۇچ جەھەتتىن ئۈستۈنلۈككە ئىگە تەرەپنىڭلا ئەمەس، ھەقىقەت تەرەپدارلىرىنىڭمۇ غەلىبە قىلىش ئىمكانىيىتىنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى كۆرسەتتى.

مۇھەممەت توختى يەنە، خىتاي تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە غەربنى ئىسلام دۈشمىنى قىلىپ كۆرسىتىپ كەلگەنلىكىنى، بۇ ئارقىلىق، ئۇيغۇر خەلقىنى سىياسىي تەقدىرىدىن ئۈمىدسىزلەندۈرمەكچى بولغانلىقىنى، كوسوۋا مۇستەقىللىقىنىڭ خىتاي تەشۋىقاتىغا نىسبەتەنمۇ بىر زەربە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، كوسوۋا مۇستەقىللىقىنىڭ كوسوۋالىقلارنىڭ مىللىي ئازاتلىق كۈرىشى بىلەن خەلقئارا دىپلوماتىك كۈرىشىنى بىرلەشتۈرۈش نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، كوسوۋا مۇستەقىللىقىنىڭ كوسوۋالىقلارنىڭ مىللىي ئازاتلىق كۈرىشى بىلەن خەلقئارا دىپلوماتىك كۈرىشىنى بىرلەشتۈرۈش نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق ئۈچۈن كوسوۋالىقلاردىن كۆپ بەدەل تۆلىدى

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، كوسوۋا مۇستەقىللىقىنىڭ كوسوۋالىقلارنىڭ مىللىي ئازاتلىق كۈرىشى بىلەن خەلقئارا دىپلوماتىك كۈرىشىنى بىرلەشتۈرۈش نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق ئۈچۈن كوسوۋالىقلاردىن كۆپ بەدەل تۆلىدى

تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، كوسوۋا مۇستەقىللىقى، كوسوۋالىقلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇشىدىن باشقا خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۇلارغا ئوڭ كەلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرى كوسوۋالىقلارنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ، ئەمما تارىخىي تەلەيسىزلىك يەنى خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئوڭۇشسىزلىق سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلار ئۆتكەن ئەسىردە قۇرغان ئىككى قېتىملىق دۆلىتىنى ساقلاپ قالالمىغان.

ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەت مەنپەئەت مۇناسىۋىتىدۇر. مەنپەئەت مۇناسىۋەتلىرىمۇ ئۆزگەرمەيدىغان نەرسە ئەمەس، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى مەنپەئەت توقۇنۇشى كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگىنىدەك، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى مەنپەئەت توقۇنۇشىمۇ، ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە پايدىلىق شارائىتلار نى يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.