كوسوۋا مەسىلىسى ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇرلار


2007.02.13

1990 ‏- يىللاردا، يوگۇسلاۋىيە سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر بىرلىكى سېربلارنى قوللاپ كوسوۋادىكى ئالبانلارغا قارىتا مىللىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەندىن كېيىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدىسى تەشكىلاتى (ناتو) يوگۇسلاۋىيىگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوللانغان بىر خەلقئارالىق چوڭ ۋەقە بولۇپ ئۆتكەنلىكى كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلگىنى يوق. ئەينى ۋقىتتا، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ناتو قىسىملىرى يوگۇسلاۋىيىگە 1999 ‏- يىلى 3 ‏- ئاينىڭ 24 ‏- كۈنىدىن 6 ‏- ئاينىڭ 10 ‏- كۈنىگىچە بولغان 78 كۈن ئىچىدە يۇقىرى تېخنىكىلىق ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، سېربىيە قىسىملىرىنى كوسوۋادىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر قىلدى. شۇ ئۇرۇشتا خىتاي جاسۇسلىرى بېرگلاد شەھىرىدە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ناتو قىسىملىرىغا قارشى يۇشۇرۇن ھەرىكەت قىلغاندا، خىتاينىڭ ئەلچىخانىسىغىمۇ بومبا چۈشكەن ئىدى. ناتونىڭ شۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇمى ئارقىلىق يوگۇسلاۋىيە كوسوۋادىن ئەسكەر چېكىندۈرگەندىن كېيىن، كوسوۋا ب د ت نىڭ ۋاكالىتەن ئىدارە قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئىدى. يوگۇسلاۋىيە سوتسىالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر بىرلىكىنىڭ پارتىيە رەئىسى مىلوسوۋېچ ئۇرۇش جىنايەتچىسى دېگەن جىنايەت بىلەن سوتقا تارتىلدى. ناتو شۇ قېتىمقى ئۇرۇش ئارقىلىق ئالبان مۇسۇلمانلىرىنى سېربلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىقىدىن قۇتقازدى. شۇنىڭدىن كېيىن كوسوۋانىڭ مۇستەقىل بولۇش ياكى كوسوۋانىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى توسۇش ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىش داۋاملىشىپ كەلدى. ئەمدى سەككىز يىل ئۆتكەندىن كېيىن، كوسوۋا مەسىلىسى يەنە قايتىدىن خەلقئارا سەھنىگە چىقتى. ئەينى يىللاردىكى كوسوۋا مەسىلىسى كوسوۋادىكى ئالبانلارنىڭ سېربلارنىڭ مىللىي قىرغىنچىلىقىدىن قۇتۇلۇش مەسىلىسى ئىدى. ھازىرقى كوسوۋا مەسىلىسى بولسا، كوسوۋانىڭ مۇستەقىل بولۇشى ياكى كوسوۋانى مۇستەقىل بولغۇزماسلىق مەسىلىسى بولۇپ قالدى.

خىتاي بىلەن رۇسىيە ئىزچىل ھالدا سېربىيىنى قوللىسا، ئامېرىكا كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللاپ كەلمەكتە

1999 ‏- يىل 3 ‏- ئايدىن 6 ‏- ئايغىچە بولغان 78 كۈن ئىچىدە ناتو يوگۇسلاۋىيىنى ھاۋادىن بومبىلىغان كوسوۋا ئۇرۇشىدا، يوگۇسلاۋىيە قىسىملىرى كوسوۋادىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، ب د ت نىڭ 1244 ‏- نۇمۇرلۇق قارارىغا ئاساسەن، كوسوۋا ب د ت نىڭ ۋاكالىتەن ئىدارە قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنىگە ھازىر سەكىز يىل بولۇپ قالدى. مۇشۇ سەككىز يىلدىن بۇيان سېربىيە ھۆكۈمىتى يەنىلا ئىزچىل تۈردە خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ ب د ت دىكى رەت قىلىش ھوقۇقىغا تايىنىپ كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى توسۇپ كېلىۋاتىدۇ. ھەتتا ئامېرىكىنىڭ گۇەنتانامو لاگىرىدىكى بەش ئۇيغۇرنى ئالبانىيە قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ئالبانىيىگە ئەگەر بۇ بەش ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمىسە، خىتاي كوسوۋادىكى ئالبانلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئالبانىيىگە بېسىم ئىشلەتتى. ئەمما ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىرلىكى ئىزچىل ھالدا كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللاپ كەلمەكتە.

ياۋروپا بىرلىكى ئەمدى سېربىيىگە يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەش توغرىسىدا ئېنىق سېگنال بەردى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن ئايدا ب د ت نىڭ ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى تەكشۈرگۈچى باش ئەمەلدارى ياۋروپا بىرلىكىنىڭ سېربىيە بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئەمدى ياۋروپا بىرلىكىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى 12 ‏- فېۋرال كۈنى ئاچقان يىغىنىدا سېربىيىگە 'سېربىيىدە يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللىنىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا، ئەمدى ياۋروپا بىرلىكى سېربىيىنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلىشىشكە تەييار ' دەپ ئېنىق سېگنال بەرگەن. شۇنداقلا يەنە، سېربىيە رەھبەرلىرى ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى تەكشۈرىدىغان خىزمەتچىلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىشى لازىملىقىنى كۆرسەتكەن.

ب د ت نىڭ كوسوۋادا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى كوسوۋا مەسىلىسىنى بىرتەرەپ قىلىش لايىھىسىنى يوللىغان

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ سوفىيەدىن خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت نىڭ كوسوۋادا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مارتتى ئاختىسارى ئۆتكەن ئايدا كوسوۋا مەسىلىسىنى بىرتەرەپ قىلىش ھەققىدىكى لايىھىيىىسنى يوللىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا كوسوۋاغا ئاساسىي قانۇن تۈزۈش، خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا ئەزا بولۇش ھوقۇقى بېرىلىشى كېرەك، دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ لايىھە سېربىيە ۋە كوسوۋاغىمۇ ئەۋەتىپ بېرىلگەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ سوفىيىدىن خەۋەر قىلىشىچە، بولغارىيە بىلەن گرىتسىيە پرېزىدېنتلىرى بولغارىيىدە ئۇچراشقاندا، بالقان رايونىدا كوسوۋادەك بىر مىللىي دۆلەتنىڭ پەيدا بولۇشىنى خالىمايدىغانلىقى بىلدۈرگەن. بۇ لايىھىگە سېربىيە ۋە كوسوۋادىكى سېربلار قەتئىي قارشى تۇرماقتا. ئەمما كوسوۋادىكى ئالبانلارنىڭ 99% ى بۇ لايىھىنى قىزغىن قوللىماقتا. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.