كوسوۋا مۇستەقىللىق ھەركىتى ھالقىلىق باسقۇچتا
2007.12.13

ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باشچىلىقىدا تەشكىللەنگەن، كوسوۋا مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ھەيئىتىنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى بۇ يىل 10 - دېكابىر كۈنى ئاياقلاشتى. مەزكۇر ھەيئەتنىڭ كوسوۋا مەسىلىسىدىكى ئىككى تەرەپنى كېلىشتۈرۈش غەيرىتى نەتىجە بەرمىدى. نۆۋەتتە، كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى ئەڭ قەتئىي مەيداندا تۇرۇپ قوللاۋاتقان دۆلەت ئامېرىكا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كوسوۋا مۇزاكىرىسىنى يەنىمۇ سوزۇشنىڭ ھاجىتى يوق، قارار دەرھال بېرىلىشى كېرەك.
رۇسىيە ۋە خىتاي كوسوۋا مۇستەقىللىقىغە قارشى
رۇسىيە ۋە خىتاي كوسوۋا مۇستەقىللىقىغە قارشى مەيداندا. ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 27 دۆلەتتىن 22 سى كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى قوللاش تەرەپدارى، ئەمما، بۇلار مۇستەقىللىق باياناتىنىڭ دەرھال ئېلان قىلىنىشىغا قارشى؛ مۇزاكىرە يەنە بىر مەزگىل داۋام قىلىشى، مۈمكىن قەدەر تەرەپلەرنىڭ تولۇق قوشۇلۇشى بىلەن ئېلان قىلىنىشى كېرەك. ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى گرېتسىيە، ئىسپانىيە، رومانىيە قاتارلىق 5 دۆلەت كوسوۋا مۇستەقىللىقىغە قىزغىن پوزىتسىيىدە ئەمەس.
ئۇلارنىڭ قارىشىچە، كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى بۆلۈنۈش ھەرىكەتلىرىنى جاسارەتلەندۈرۈپ قويۇش خەۋپى بار. ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى ئالدىمىزدىكى ھەپتە يەنى 19 -دېكابىر كۈنى، كوسوۋا مەسىلىسى مۇزاكىرە ھەيئىتىنىڭ دوكلاتىنى كۆزدىن كۆچۈرمەكچى. بۇنىڭ بىلەن كوسوۋالىقلارنىڭ ئالدىدا بىر تاللاش يولى تۇرماقتا، بىرى، سېربىيىنىڭ ماقۇللۇقى ۋە خەلقئارا كۈچلەرنىڭ تەستىقىنى كۈتمەستىنلا مۇستەقىللىقىنى جاكارلاش، يەنە بىرى بولسا، خەلقئارا بىلەن ھەمكارلىشىپ، يەنە بىر مەزگىل پۇرسەت كۈتۈش.
كوسوۋا تارىختىن بۇيان سېربىيىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى بولغان ئەمەس

مانا بۇ تارىخىي پۇرسەتتە كوسوۋا مۇستەقىللىق مەسىلىسى دۇنيا جامائەت پىكرىنىڭ مۇھىم تېمىسىغا ئايلاندى. بۇ تېمىدا يېزىلغان ماقالىلەردىن بىرى ئالبان پروفېسسور ئەسەت ستاۋىلچنىڭ " كوسوۋا ھەقىقىتى" سەرلەۋھىلىك ماقالىسى بولۇپ، مەزكۇر ماقالە، كوسوۋا مۇستەقىللىقى مۇزاكىرىسىدىكى مۇھىم تالاش-تارتىشلىق مەسىلىلەرگە ئىزاھات بەرگەن.
سېربىيىنىڭ كوسوۋا مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى، كوسوۋا سېربىيىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى، كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى قوللاش سېربىيىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئىنكار قىلىش. بۇ، خەلقئارا قانۇنغا، جۈملىدىن ب د ت شەرتنامىسىغا خىلاپ. سېربىيىنىڭ بۇ ئىدىيىسىگە پروفېسسور ئەسەت ستاۋىلىچى مۇنداق رەددىيە بەرگەن: "ئالدى بىلەن سېربىيىنىڭ كوسوۋا ئۈستىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى قانۇنىي ئەمەس. چۈنكى، كوسوۋا، خەلق ئاۋازى ئارقىلىق سېربىيىگە قوشۇلغان ئەمەس، بەلكى قورال كۈچى ئارقىلىق بېسىۋېلىنغان."
كوسوۋا تارىختىن بۇيان سېربىيىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى بولغان ئەمەس، پەقەت 1912 - يىلى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى پارچىلىنىشقا باشلىغاندا، تەلەيسىزلىك بىلەن سېربىيە ئاسارىتىگە قالغان.
ئەسەت ستاۋىلىچى، كوسوۋا مۇستەقىللىق ئىدىيىسىنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە، كوسوۋا ۋە سىرىبلار ئارىسىدىكى توقۇنۇش تارىخىنى كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، تارىخ ئىككى مىللەتنىڭ باراۋەر ياشىيالمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بولغان. ئەسەت ستاۋىلىچنىڭ بىلدۈرگىنىدەك، كوسوۋا ئالبانلىرىنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتى 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باشلانغان بولسىمۇ، ئۇلار ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى پارچىلانغاندا سېربىيىنىڭ قولىغا قالغان. يۇگوسلاۋىيە فېدېراتسىيىسى قۇرۇلغاندا بېرىلگەن ئاپتونومىيە ھوقۇقى 1989 - يىلى سېربىيە تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، مىللىي توقۇنۇش ئەۋجىگە چىققان. توقۇنۇش ئاخىرى ناتو ئارمىيىسىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن توختىتىلغان.
10% نى ئىگىلەيدىغان سىرىبلار نوپۇسى پىلانلىق ھالدا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن
ئەسەت ستاۋىلىچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كوسوۋا مۇستەقىللىق ئىدىيىسىنىڭ يەنە بىر ئاساسى، ئالبانلارنىڭ ئېتنىك كىملىكىدۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۈگۈن كوسوۋا نوپۇسىنىڭ %90 ىنى ئالبانلار تەشكىل قىلىدۇ، 10% نى ئىگىلەيدىغان سېربلار نوپۇسى پىلانلىق ھالدا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن نوپۇس.
كوسوۋادا ئاساسلىق نوپۇسنى تەشكىل قىلىدىغان ئالبانلار ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە.
ھازىر ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە، نوپۇس جەھەتتىن كوسوۋا ئالبانلىرىنىڭ نوپۇسىغا يەنى نوپۇسى 2 مىليونغا يەتمەيدىغان 58 دۆلەت بار. تېررىتورىيە جەھەتتىن كوسوۋا تېررىتورىيىسىگە يەتمەيدىغان دۆلەتتىن 34 ى بار. ئەگەر، ئەگەر ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەرگە چېقىلماسلىق خەلقئارا قانۇندىكى مۇتلەق شەرت بولىدىغان ئىش بولسا، ب د ت ئۆزىگە يېڭى ئەزا قوبۇل قىلماسلىقى كېرەك ئىدى، ئەمما 1992 - يىلىدىن 2002 - يىلىغىچە، ب د ت غا يېڭىدىن 34 ئەزا قېتىلدى.
ئەسەت ستاۋىلىچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سابىق يۇگوسلاۋىيە فېدىراتسىيىسىنىڭ ئاساسىي قانۇنىمۇ، كوسوۋانى سېربىيىنىڭ بىر پارچىسى دەپ تونۇغان ئەمەس، شۇڭا كوسوۋاغا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلگەن. كوسوۋاغا بېرىلگەن ئاپتونومىيە ھوقۇقى كوسوۋالىقلارنىڭ ئېتنىك كىملىكى ۋە تېررىتورىيە چېگرىسىنىڭ سېربىيىدىن ئايرىم تونۇلغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر.
كوسوۋادىكى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ بىرىنچى شۇئارى كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى دەرھال ئېلان قىلىش
پروفېسسور ئەسەت ستاۋىلىچى، بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئەندىشىسىنىڭ ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئىزاھلاپ مۇنداق دېگەن: كوسوۋا مەسىلىسى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى بۆلۈنۈش ھەرىكەتلىرىدىن پەرقلىق. مەسىلەن، ياۋروپادىكى، شوتلاندىيىلىكلەر، باسكلار ۋە كاتولىنلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتتە قىرغىنچىلىققا يولۇققىنى يوق، ھەتتا زۇلۇمغىمۇ ئۇچرىغىنى يوق. شۇڭا كوسوۋا مۇستەقىللىقى تىنچ ياشاۋاتقان مىللەتلەرنى بۆلۈنۈشكە چاقىرىش رولىنى ئوينىمايدۇ. كوسوۋا بىلەن سېربىيە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت، ھىندونېزىيە بىلەن شەرقى تىمور، مالايشىيا بىلەن سىنگاپور، ئېفىئوپىيە بىلەن ئېرىترىنا ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئوخشايدۇ. ئۇلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت قورال بىلەن مەجبۇرىي شەكىللەنگەن مۇناسىۋەت ئىدى، ئاخىرىدا خاتىمە بېرىلدى. كوسوۋا بىلەن سېربىيىنىڭ پۈتۈنلىكىمۇ شۇنداق شەكىللەنگەن ۋە خاتىمە بېرىلىشى كېرەك.
كوسوۋا ئالبانلىرى بۈگۈن، مۇستەقىللىق ئارزۇسىدا بىردەكلىككە ئىگە. شۇڭلاشقا، كوسوۋادىكى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ تەشۋىقات رىقابىتىدىكى بىرىنچى شۇئار، كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى دەرھال ئېلان قىلىش. شۇڭا ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ 19 - دېكابىردىكى مۇزاكىرىسىنىڭ قارارىدىن كېيىن، كوسوۋا خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدە قەدەمنى قانداق باسىدىغانلىقى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. (شۆھرەت ھوشۇر)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى ئۆز خەلقىنى باستۇرسا، نېمە ئۈچۈن دۇنيا خىتاينى ئەيىبلەيدۇ؟
- ئۈرۈمچىدىكى ساقچى - ئەدىلىيە مەكتىپىدە توقۇنۇش يۈز بەردى
- 'شىنجاڭ' ساقچى-ئەدلىيە مەكتىپىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشنىڭ تۈپ سەۋەبى
- پاكىستاندىكى خىتاي ئىشچىلىرى نېمە ئۈچۈن ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ ؟
- كوسوۋا مەسىلىسى ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇرلار
- خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەردى
- ئاخىرقى پارچىلىنىش - قارا تاغ جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقى
- ساقچىلار گۇاڭجۇنىڭ ياۋتەي بازىرىدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى ئۇرۇپ تارقىتىۋەتتى
- گۇاڭدوڭدا ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرا ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇش
- خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قوراللىق باستۇرۇشىدا ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ سانى ئاشماقتا
- گۇيلىندە ھەربىيلەر ئادەم ئۇرۇپ، مىڭلىغان پۇقرالارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى
- ئىچكى موڭغۇلدا 2000 دەك كەنت ئاھالىسى ساقچىلار بىلەن قاتتىق توقۇنۇشقان
- گۇئاڭجۇدىكى توقۇنۇشتا يارىلانغان كىشىلەر ساقچى ئەمەس