كوسوۋا خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىدە توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى. بىر مىللەتنىڭ مۇستەقىللىققە ئېرىشىشى ئۈچۈن، ب د ت ۋە خەلقئارا ھوقۇقتا بېسىپ ئۆتۈشى كېرەكلىك بولغان پۈتۈن قانۇنىي جەريانلارنى غەلىبىلىك بېسىپ ئۆتكەن، ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن كوسوۋا خەلقىنىڭ ئۆز مۇستەقىل دۆلىتىگە ئىگە بولۇش ئارزۇسى، يېقىندا ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇلغاندا، بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىرى بولغان رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ قارشى چىقىشى بىلەن ھازىرچە سۇغا چىلاشتى.
رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ كوسوۋا خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسىغا قارشى چىقىشى، خەلقئارا مەتبۇئاتتا، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ نېمە ئۈچۈن، ب د ت نىزامنامىسى ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا مۇۋاپىق بولغان ھەمدە كوسوۋا خەلقىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنىڭ بىردىن - بىر ئارزۇسى بولغان كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىغا قارشى چىقىۋاتقانلىقى شۇنىڭدەك ئۆزىنى ئىسلام دۇنياسىنىڭ قوغدىغۇچىسى دەپ ئاتاۋاتقان ئىراننىڭ، نوپۇسىنىڭ %90 پىرسەنتى مۇسۇلمان بولغان كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقى مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ مەيدانىدا تۇرۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا خەۋەر ۋە مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىنماقتا.
كانادادا چىقىدىغان " ۋېنىپەگ سەن گېزىتى" نىڭ 23- دېكابىردىكى سانىدا ئىد فويەر تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىر مۇلاھىزىدە، رۇسىيە، خىتاي ۋە ئىراننىڭ كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرۇش سەۋەبلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. فويەرنىڭ مۇلاھىزىسىدە تەكىتلىشىچە، رۇسىيە ئاساسەن ئىككى سەۋەبتىن كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىغا قارشى چىقماقتا ئىكەن. بىرىنچىدىن، كوسوۋانىڭ، رۇسلارنىڭ ئرىقدىشى ھېسابلانغان سېربلارنىڭ كونتروللۇقىدىن چىقىپ كېتىشىنى خالىمايدىكەن. ئىككىنچىدىن، مۇسۇلمان بىر خەلق بولغان كوسوۋادىكى ئالبانلارنىڭ ئۆز مۇستەقىل دۆلىتىگە ساھىب بولۇشىنىڭ، رۇسىيىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى چېچەنلەر قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋىتىدىغانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىكەن.
مۇلاھىزىسىدە، خىتاينىڭ كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرۇش سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختالغان فويەر مۇنداق دەيدۇ : "خىتاي كوسوۋانىڭ مۇستەقىل بىر دۆلەت بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ، مول نېفىت ۋە تەبئىي گاز زاپىسىغا ئىگە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇستەقىل بىر شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىگە يامان بىر ئۈلگە يارىتىپ بېرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا."
فويەرنىڭ مۇلاھىزىسىدە بايان قىلىشىچە، رۇسىيە، خىتاي ۋە سېربىيىنىڭ كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىغا قارشى چىقىشىنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشىنىش قېيىن ئەمەس. لېكىن ئۆزىنى ئىسلام دۇنياسىنىڭ قوغدىغۇچىسى، پەلەستىنلىكلەرنىڭ باش پاناھسى دەپ كۆرسىتىۋاتقان ھەمدە ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلەۋاتقان ئىراننىڭ ئۇيغۇرلار ۋە چېچەنلەر مەسىلىسىدە خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ پوزىتسىيىسىنى قوللاۋاتقانلىقى شۇنىڭدەك، نوپۇسىنىڭ 90 پىرسەنتى مۇسۇلمان بولغان كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقى مەسىلىسىدە جىم تۇرۇۋېلىشى، ئەجەپلىنەرلىك بىر ھادىسە ھېسابلىنىدىكەن.
فويەرنىڭ مۇلاھىزىسىدە تەكىتلىشىچە، ئىراننىڭ بۇنداق بىر مەيداندا تۇرۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ ئىران بىلەن غەرب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى يادرو ئىختىلاپىدا، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئىراننى قوللاۋاتقانلىقى ئىكەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە، خىتاي ۋە ئىراننىڭ كوسوۋا مەسىلىسىدىكى مەيدانى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن خەلقئارا ھوقۇق پرىنسىپلىرىنى قانداق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ جانلىق مىسالى ھېسابلىنىدىكەن. (ئۆمەر قانات)