10 يىل بۇرۇنقى "تېررورىست" بۈگۈن باش مىنىستىر


2008.01.10

Kosovo-HashiTachi-200.jpg
1998 ‏- يىلى سىربىيە تەرىپىدىن تەررورىست دەپ ئېلان قىلىنغان ھاشىم تاچى، 9 ‏- يانۋار كۈنى كوسوۋانىڭ باش مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەندى. AFP Photo

9 ‏- يانۋار كۈنى كوسوۋا پارلامېنتى، كوسوۋا پارتىزانلىرىنىڭ سابىق باشلىغى ھاشىم تاچىنى باش مىنىستىرلىققا تەيىنلىدى. ھاشىم تاچى 1998 ‏- يىلى سىربىيە تەرىپىدىن تېررورىست ئېلان قىلىنغان، ئەينى چاغدا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ كوسوۋا ۋەكىلى روبېرت گېلباردمۇ ھاشىم تاچىنى تېررورىست دەپ ئەيىپلىگەن ئىدى. ھاشىم تاچى ۋەزىپىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى بىر قانچە ھەپتىلىكلا ۋاقىت مەسىلىسى دەپ بىلدۈرگەن ھەم بۇ توغرىدا ياۋروپا بىرلىكى بىلەن ئامېرىكىنىڭ مەسلىھەتىنى ھىچ قاچان نەزەردىن ساقىت قىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

ھاشىم تاچى: " مۇشۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مۇستەقىللىقىمىز ئەمەلگە ئېشىپ بولىدۇ"

ھاشىم تاچى سايلامدىن كېيىنكى سۆزىدە يەنە، سىربىيەنى مۇستەملىكىچىلىك نىيىتىدىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ۋاز كېچىشكە چاقىرغان؛ كوسوۋانى كوسوۋادىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ ۋەتىنىدۇر دەپ بىلدۈرگەن ھەم كوسوۋادىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ، جۈملىدىن سىرىبلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن، بۇنىڭ بىلەن تەڭ، ئۇرۇش مەزگىلىدە كوسوۋادىن چىقىپ كەتكەن سىرب كۆچمەنلىرىنى، كوسوۋاغا قايتىپ كېلىپ نورمال ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرغان.

121007-Kosovo-EU-Russia-200.jpg
2007 -يىلى 10 - دېكابىر كۈنى، ياۋروپا پارلامېنتى باش ئىشتابىدا يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىندا، EU نىڭ تاشقى ئىشلار باشلىقى سولانا ئەپەندى بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پىكىر ئالماشتۇرماقتا. AFT Photo

ھاشىم تاچى مۇخبىرلارنى قوبۇل قىلغان چېغىدا مۇستەقىللىق ئېلانىنىڭ ئېنىق ۋاقتىنى بىلدۈرۈشنى رەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: " غايىمىز مۇشۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا كوسوۋانى مۇستەقىل بىر دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ بولۇش. بىز خەلقىمىزنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسىنى مۈمكىن بولغان ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلگە ئاشۇرىمىز."

رادىكال قانات ئۈستۈن ئاۋازدا

ھاشىم تاچى، 1990 ‏-يىللارنىڭ ئوتتۇرىدا كوسوۋا ئازادلىق ئارمىيىسى دەپ ئاتالغان پارتىزانلار سېپىدە ئەسكىرىي ھەرىكەتكە قاتناشقان ۋە يېتەكچىلىك قىلغان؛ ناتو ئارمىيىسى كوسوۋادىكى سىربىيە ئارمىيىسىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغاندا، ھاشىم تاچى باشچىلىقىدىكى كوسوۋا ئازاتلىق تەشكىلاتى قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلغان. كوسوۋا، 1999 ‏- يىلى ب د ت نىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكەندىن كېيىن، ھاشىم تاچى كوسوۋا دېموكراتىك پارتىيىسىنى قۇرۇپ سىياسىي ھەرىكەتكە ئۆتكەن.

121007-Kosovo-namayish-200.jpg
2007 - يىلى 10 - دېكابىر كۈنى، مىڭلىغان كوسوۋولىق ئالبانلار ئامېرىكا ۋە كوسوۋو بايراقلىرى بىلەن كەڭ كۆلەمدە نامايىش ئېلىپ بېرىپ، كوسوۋو ھۆكۈمىتىنى دەرھال مۇستەقىللىق ئېلان قىلىش توغرىسىدا دەۋەت قىلدى. AFT Photo

بۇلتۇر 17 ‏- نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن كوسوۋا پارلامېنت سايلىمىدا، كوسوۋا مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدىكى رادىكال قانات ھېسابلانغان كوسوۋا دېموكراتىك پارتىيسى %34 ئاۋاز بىلەن پارلامېنتتىكى ۋەكىل سانى جەھەتتىن 1 ‏-ئورۇننى؛ مۆتىدىل قانات ھېسابلانغان دېموكراتىك ئىتتىپاق پارتىيىسى بولسا %22 ئاۋاز بىلەن ئىككىنجى ئورۇننى ئىگەللىگەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە كوسوۋا پرېزىدېنتى فاتمىر سەجدۇ، بۇلتۇر 19 ‏-نويابىر كۈنى ھاشىم تاچىغا ھۆكۈمەت كابىنتىنى قۇرۇپ چىقىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغان. ھاشىم تاچى قۇرۇپ چىققان 15 كىشىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت كابىنتى ۋە باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسى كوسوۋا پارلامېنتىنىڭ تۈنۈگۈنكى يىغىنىدا، 22 گە قارشى 85 ئاۋاز بىلەن تەستىقتىن ئۆتكەن. كوسوۋا بىرلەشمە ھۆكۈمەت كابىنتىدا رادىكال قانات 7 مىنىستىرلىكنى، مۆتىدىل قانات 7 مىنىستىرلىكنى، سىربلار بىر مىنىستىرلىكنى ئىگەللىگەن.

خىتاي قارشى مەيداندا

نۆۋەتتە كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى قەتئىي مەيداندا تۇرۇپ قوللاۋاتقان دۆلەت ئامېرىكا، ياۋروپا بىرلىكىدىكى دۆلەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى كوسوۋا مۇستەقىللىقىنىڭ قوللىغۇچىلىرى؛ پەقەت سىربىيە، روسىيە ۋە خىتاي قارشى مەيداندىكى توسالغۇلاردۇر.

ھاشىم تاچىنىڭ ئەسلىدىكى پىلانى بۇلتۇر 10 - دېكابىردا، مۇستەقىللىق ئېلان قىلىش بولۇپ، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئىزچىل ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە تەشەببۇسى بىلەن مۇستەقىللىق ئېلانىنى كېچىكتۈرۈپ كەلمەكتە. ھاشىم تاچىنىڭ نۆۋەتتىكى پىلانى، سىربىيەدە، بۇ يىل 3 ‏- فېۋرالدا ئۆتكۈزىلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنى كۈتۈش، ئەگەر، سىربىيەنىڭ يېڭى پرېزىدېنتى ، كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى قوبۇل قىلغان تەقدىردە، كوسوۋا مۇستەقىللىقى ھەققىدە سىربىيە بىلەن بىرلىكتە قوشما بايانات ئېلان قىلىش؛ ئەگەر يېڭى پرېزىدېنت قارشى تۇرغان ئەھۋالدا، مۇستەقىللىقنى ئۆز ئالدىغا يەنى بىر تەرەپلىمە ئېلان قىلىشتۇر.

بۇ يىل 39 ياشقا كىرگەن ھاشىم تاچى پىرىستىنا ئۇنىۋېرسىتېتىدا پەلسەپە ئوقۇغان ئاندىن شۋېتسارىيىدىكى زۇرىچ ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەلقارا مۇناسىۋەت كەسپىدە ئوقۇغان. كۆزەتكۈچىلەر، ھاشىم تاچىنىڭ سىياسىي ھاياتتىكى ئۇتۇقلىرىنى، ئۇنىڭ مىللىي ۋەزىيەت بىلەن خەلقارا ۋەزىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا دەڭسىيەلىگەنلىكىدە دەپ قاراشماقتا. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.