" تېررورچى" باش مىنىستىرنىڭ كۈرەش مۇساپىسى


2008.01.11

Kosovo-HashiT-UN-200.jpg
ھاشىم تاچى ب د ت نىڭ كوسوۋودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جوئاچىم رۇككەر بىلەن بىرگە. AFP Photo

كوسوۋا ئەسلىدە سابىق يۇگوسلاۋىيە فېدىراتسىيىسىنىڭ سىربىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى بىر ئاپتونوم رايون بولۇپ، سابىق يۇگوسلاۋىيە پرېزىدېنتى سلوبادان مىلوسوۋىچ، 1989 ‏- يىلى، كوسوۋانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي ئورنىنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كېيىن، كوسوۋا مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئاشكارا مەيدانغا چىقتى. تۈرلۈك ئەگرى-توقاي يوللارنى باشتىن كەچۈرگەن بۇ ھەرىكەت، ئاخىرى ھاشىم تاچىغا ئوخشاش سىياسىي كىملىكى تالاش-تارتىشقا تېما بولغان بىر باش مىنىستىرنى ۋۇجۇدقا چىقاردى.

ھاشىم تاچىنىڭ قىسقىچە تارىخى

ھاشىم تاچى ئۇنىۋېرسىتېتتىكى يىللىرىدا، ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1993 ‏- شىۋىتسارىيىگە بېرىپ مۇھاجىرەتتىكى كوسوۋا مىللىي ھەرىكىتىگە قېتىلغان. ئۇ دەسلەپ ماركىسىزم نەزەرىيىسىنى يېتەكچى قىلغان كوسوۋا خەلق ھەرىكىتى تەشكىلاتىدا مۇھىم ۋەزىپە ئالغان.

1989 ‏-يىلى، پروفېسسور ئىبراھىم رۇگوۋا باشچىلىقىدا باشلانغان تىنچلىق شەكلىدىكى كوسوۋا مۇستەقىللىق ھەرىكىتى كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجە قازىنالمىغاندىن كېيىن1995 ‏- يىلى قوراللىق قارشىلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان كوسوۋا ئازادلىق تەشكىلاتى مەيدانغا چىققان. بۇ چاغدا، ھاشىم تاچى، كوسوۋا ئازاتلىق تەشكىلاتىغا قېتىلىپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىقتىساد توپلاش، قورال-ياراق تەييارلاش ۋە ئەسكەر يېتىشتۈرۈش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان. ئۇ بۇ ۋەزىپىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، كوسوۋاغا يوشۇرۇن كىرىپ، كوسوۋادىكى مافىيە گۇرۇپپىلىرىغا قېتىلغان ۋە بۇ گۇرۇپپىلار ئىچىدە، قورال، ئاپتوموبىل ۋە بېنزىن ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان.

ھاشىم تاچى قوراللىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە ئۆزى بىۋاستە قاتناشقان

Kos-HashiT-President-200.jpg
ھاشىم تاچى كوسوۋونىڭ پرېزىدېنتى فاتمىرت سەجدىيۇ بىلەن پارلامېنت يىغىنىدا. AFP Photo

كوسوۋا ئازادلىق تەشكىلاتى بەلگىلىك ماددىي ئاساسىنى تۇرغۇزغاندىن كېيىن، قوراللىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە ئۆزى بىۋاستە قاتناشقان. ئۇ 1996 ‏-يىلى 6 ‏- ئاينىڭ 17 - كۈنى، سەبداشلىرى بىلەن بىرلىكتە، كوسوۋادا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر سىرب ساقچى ئاپتوموبىلىنى ئوققا تۇتقان. بۇ سەۋەبتىن، سىربىيە ساقچى دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان. ھاشىم تاچى ئالبانىيىگە قېچىپ چىقىپ خەتەردىن قۇتۇلغان. ئارقىدىن يەنە مۇۋاپىق پۇرسەتتە كوسوۋاغا يوشۇرۇنچە كىرىپ، قوراللىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلغان. ئۇ يېتەكچىلىك قىلغان تەشكىلات 1997 ‏-يىلى يانۋاردا، پىرىستىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرىنىڭ ئاپتوموبىلىغا بومبا قويغان؛ بۇ چاغدا كوسوۋا مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى تېنچلىق شەكلىدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان، كوسوۋا دېموكراتىك ئىتتىپاقى، كوسوۋا ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان ۋە بۇ ھەرىكەتلەرنى سىرب ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ياساپ چىققان ئويۇنى دەپ ئېلان قىلغان.

بۇ سەۋەبتىن، ھاشىم تاچى بىلەن ئىبراھىم رۇگوۋا تەرەپدارلىرى ئارىسىدىمۇ توقۇنۇش كېلىپ چىققان. سىرب ئارمىيىسى، 1998 ‏- يىلى فېۋرال ئېيىدا، ئۆلگەن ساقچىلىرىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن، كوسوۋا خەلقى ئۈستىدىن ئېغىر باستۇرۇش ئېلىپ بارغان. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ياۋروپا دۆلەتلىرى مەسىلىگە قول تىقىپ، 1999 ‏- يىلى فرانسىيىدە رامبولت تېنچلىق سۆھبىتى ئويۇشتۇرغان. تېنچلىق سۆھبىتىگە، كوسوۋا تەرەپتىن تېنچلىق قانىتى ۋەكىلى ئىبراھىم رۇگوۋا ئەمەس، رادىكال قاناتتىن ھاشىم تاچى تەكلىپ قىلىنغان. ھاشىم تاچى تېنچلىق سۆھبىتىگە قول قويۇشنى رەت قىلغان. بۇنىڭ بىلەن كوسوۋا ئازادلىق تەشكىلاتى بىلەن سىرب ئارمىيىسى ئارىسىدىكى توقۇنۇش يەنە بىر بالداق كەسكىنلەشكەن. بۇ چاغدا ھاشىم تاچى دۇنيادىكى بىر قىسىم ئىسلامىي تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان. ۋاشىنگتون ۋاقتى گېزىتىنىڭ 2001 ‏- يىلى 18 ‏- سىېنتەبىردىكى سانىدا كوسوۋا ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەلقائىدە تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى خەۋەر قىلىنغان.

ھاشىم تاچى تېررورچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن

ھاشىم تاچى قارشىلىق ھەرىكىتى داۋامىدا ئاساسلىقى ساقچى پونكىتلىرىغا، ھەربىي بازىلارغا ھۇجۇم قىلغان، يەنە بەزى چاغلاردا، سىرب كۆچمەنلىرىگىمۇ ھۇجۇم قىلغان. شۇڭا ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى، كوسوۋا ئازادلىق تەشكىلاتىنى شۇ يىللاردا تېررورچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. نۆۋەتتە سىربىيە ھۆكۈمىتى، ھاشىم تاچى ئۈستىدىن ئۇرۇش جىنايەتچىسى ئەيىبنامىسى بىلەن خەلقئارا سوتقا ئەرز سۇنغان.

Kosovo-namayish-200.jpg
2007 - يىلى 10 - دېكابىر كۈنى، مىڭلىغان كوسوۋولىق ئالبانلار ئامېرىكا ۋە كوسوۋو بايراقلىرى بىلەن كەڭ كۆلەمدە نامايىش ئېلىپ بېرىپ، كوسوۋو ھۆكۈمىتىنى دەرھال مۇستەقىللىق ئېلان قىلىش توغرىسىدا دەۋەت قىلدى. AFT Photo

ناتو ئارمىيىسى كوسوۋادىن سىرب ئارمىيىسىنى سۈرۈپ چىقارغاندىن كېيىن، كوسوۋا دېموكراتىك پارتىيىسىنى قۇرۇپ سىياسىي ھەرىكەتكە ئۆتكەن ھاشىم تاچى ئۇرۇش يىللىرىدا ئارىسىدا ئېغىر ئىختىلاپلار بولغان، تىنچلىقپەرۋەر سىياسەتچى ئىبراھىم رۇگوۋا ۋە ئۇنىڭ پارتىيىسى بىلەن ھەمكارلىق شەكىللەندۈرگەن. گەرچە، كوسوۋا ۋەزىيىتىدىكى يۈكسىلىشنىڭ ئاساسلىق تۆھپىكارى رادىكال قانات بولسىمۇ، 2001 ‏-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، مۆتىدىل قانات ئۇتۇپ چىققاندا، ھاشىم تاچى سايلامنىڭ نەتىجىسىگە بويسۇنغان. ئارىدا 7 يىللىق دېموكراتىك كۈرەش ئارقىلىق كوسوۋا تەقدىرىنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدا باش مىنىستىرلىققا يۈكسەلگەن.

PBS مۇخبىرى 1999 ‏- يىلى ھاشىم تاچىنى زىيارەت قىلىپ، 'ئامېرىكا تېررورچى دەپ ئەيىبلىگەندە قانداق ھېسسىياتتا بولدىڭىز' دەپ سورىغىنىدا، ئۇ مۇنداق جاۋاب بەرگەن : "دۈشمىنىمىزلا ئەمەس، دوستىمىزمۇ، ھەتتا ئۆزىمىزدىنمۇ مېنى تېررورچى دېگەنلەر بولدى؛ ئەمما پىسەنت قىلمىدىم، چۈنكى، مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ تېررورلۇق ئەمەسلىكىگە ئىشەنگىنىم ئۈچۈن."

"مۇستەملىكىگە مۇپتىلا بولۇش دېمەك ئۆلۈم قىسمىتىگە مۇپتىلا بولۇش دېمەكتۇر"

مۇخبىر يەنە، سىز تىنچ شەكىلدە داۋاملىشىۋاتقان كوسوۋا مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى قوراللىق يولغا يېتەكلىدىڭىز، بۇنىڭ بىلەن خەلقىڭىزدىن كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قېنى تۆكۈلدى؛ بۇ سەۋەبتىن خەلق سىزنى ئەيىبكە بۇيرىمىدىمۇ؟ دەپ سورىغىنىدا، ئۇ مۇنداق جاۋاب بەرگەن: " مۇستەملىكىگە مۇپتىلا بولۇش دېمەك ئۆلۈم قىسمىتىگە مۇپتىلا بولۇش دېمەكتۇر. بىز خەلقىمىزنى قەدىرلىك بىر ئۆلۈم يولىغا يېتەكلىدۇق. خەلقىمىز بۇ نۇقتىنى چۈشەندى ۋە ئارقىمىزدىن ئەگەشتى."

ھاشىم تاچى سىياسىي كۈرىشىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا، ماركىسىزم نەزەرىيىسىنى ھەرىكىتىگە يېتەكچى قىلغان، مۇھاجىرەتتىكى يىللىرىدا بۈيۈك ئالبانىيە مىللەتچىلىكى نەزەرىيىسىنى يېتەكچى قىلغان، ئۇرۇش يىللىرىدا ئىسلام ئىدېئولوگىيىسىنى يېتەكچى قىلغان، ئەمدىكى تېنچلىق يىللىرىدا، دېموكراتىيە ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك نەزەرىيىسى بىلەن ھەرىكەت قىلماقتا. ئۇنىڭ كۈرەش مۇساپىسىنىڭ ئىدېئولوگىيە سىزىقىدا شۇنچە كۆپ ۋە چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولغان بولسىمۇ، باشتىن ئاخىر ئۆزگەرمىگەن بىر نەرسە بار. ئۇ بولسىمۇ كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىق غايىسى. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.