ئاخىرى مۇرادىغا يەتكەن كوسوۋا (1)
2008.02.20

17-فېۋرال كۈنى كوسوۋا مۇستەقىللىق ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەركىن، دېموكراتىك ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى ھەمدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىگە 192 پارچە مەكتۇپ يوللاپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. 18-فېۋرالدىن ئېتىبارەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا مۇتلەق كۆپ قىسىم دۆلەتلەر شۇنىڭدەك تۈركىيە، ئافغانىستان قاتارلىق بىر قىسىم مۇسۇلمان مەملىكەتلىرى كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
ئۇنداقتا كوسوۋا مەسىلىسى قانداق كېلىپ چىقتى؟ كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەش تارىخى قانداق دېگەن سوئالنىڭ قويۇلۇشى تەبىئىي.
كوسوۋا نەدە؟
كوسوۋا جۇمھۇرىيىتى بالقان يېرىم ئارىلىدىكى سېربىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ جەنۇب تەرىپى ئالبانىيە ۋە ماكېدونىيە بىلەن چېگرىداش بولۇپ، يەر مەيدانى 10 مىڭ 887 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى ئىككى مىليوندىن ئارتۇق بولۇپ، مەزكۇر دۆلەتتە %90 نى ئىگىلىگەن مۇسۇلمان ئالبانلاردىن باشقا يەنە نوپۇسى %10 گە يەتمەيدىغان سېربلار، كرودىيىلىكلەر، تۈركلەر ھەم قارا تاغلىقلار ياشايدۇ.
كوسوۋا جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى بولۇپ، سابىق يۇگوسلاۋىيە ۋە كېيىنكى سېربىيە ھۆكۈمىنىڭ سىياسىتى تۈپەيلىدىن بۇ جاي يوگوسلاۋىيىدىكى جۈملىدىن ياۋروپادىكى ئەڭ كەمبەغەل يەرگە ئايلىنىپ قالغان شۇنىڭدەك ئالبانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى يېزا-قىشلاقلارغا ئورۇنلاشقان بولۇپ، ئىقتىسادىي ھاياتى شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن سېربلارغا قارىغاندا تۆۋەن بولغان.
كوسوۋانىڭ قىسقىچە تارىخى تەرەققىيات جەريانى
مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5-4-ئەسىرلەردە كوسوۋادا ئالبانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەجدادلىرى ياشىغان بولۇپ، كۆپلىگەن تارىخچىلارنىڭ قارىشىچە، كوسوۋا ئالبانلارنىڭ ئانا تۇپرىقىدۇر. ئەمما، مىلادىدىن كېيىنكى 6-7-ئەسىرلەردە سلاۋىيان مىللەتلىرى بالقان يېرىم ئارىلىغا كىرىپ ئورۇنلىشىپ، چارۋىچىلىق بىلەن ياشايدىغان ئالبانلارنىڭ ئەجدادلىرىنى ئۆز جايلىرىدىن قوغلاپ، ئەتراپتىكى تاغلىق رايونلارغا ھەيدىۋەتكەن ھەمدە 9-ئەسىرگە كەلگەندە سلاۋىيانلارنىڭ سېرب قەبىلىسى بۇ جايدا ئۆز دۆلىتىنى قۇرغان. 14-ئەسىرگە كەلگەندە سېربلارنىڭ مەزكۇر دۆلىتى ئەڭ قۇدرەتلىك باسقۇچقا كىرگەن بولۇپ، سېربلار كوسوۋانى سىياسىي مەركەز قىلغان ھالدا ئەتراپتىكى ماكېدونىيە، گرېتسىيە قاتارلىق جايلارغىچە كېڭەيگەن.
كوسوۋا 15-ئەسىردىن كېيىن ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ تەۋەلىكىدە بولغان. 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كوسوۋا سېربلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا چۈشۈپ قېلىپ، سېربلار كۆپ ساندىكى تۈرك ۋە ئالبانلارنى كوسوۋادىن قوغلاپ چىقارغان. يۇگوسلاۋىيە دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، كوسوۋادىكى سېربلارنىڭ سانى ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن 1941-يىلى، 100 مىڭدىن ئارتۇق سېرب بۇ يەردىن كۆچۈپ كېتىپ، ئۇلارنىڭ سانى يەنە ئازلاپ كەتكەن. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇرلارنىڭ كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقى ھەققىدىكى ئىنكاسلىرى
- كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىق ئېلان قىلغانلىقى ھەققىدىكى جىدەللەر
- كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقى بىر - بىرلەپ ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشمەكتە
- رۇسىيە، خىتاي ۋە ئىران كوسوۋا مەسىلىسىدە خەلقئارا قانۇن ۋە پرىنسىپلارنى دەپسەندە قىلماقتا
- كوسوۋا مۇستەقىللىق ھەركىتى ھالقىلىق باسقۇچتا
- ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرى
- كوسوۋا مەسىلىسى ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇرلار