ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلغان ياپونىيە رەھبەرلىرى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىغا پسەنت قىلمىدى

1945 ‏- يىلى 8‏- ئاينىڭ 15 ‏- كۈنى ياپون مىلىتارىزمى ئامېرىكا قاتارلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ خىتاي ، كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ياپون مىللىتارىزمىنىڭ مۇستەملىكە قىلىشىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئىدى.

كويزۇمى ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلغان

بۈگۈن‏ - تارىختا يۈز بەرگەن مۇشۇ ۋەقەنىڭ 61 ‏يىللىق خاتىرە كۈنى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ توكيودىن خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن ياپونىيىنىڭ باش مىنىستىرى جۇنىشىرو كويزۇمى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان جەڭچىلەر دەپنە قىلىنغان ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلغان. بۇ كويزۇمى ئەپەندىنىڭ ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقىنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشى ئەمەس، ئۇ 2001 ‏- يىلى باش مىنىستىر بولۇپ سايلانغاندىن بۇيان ھەر يىلى بۇ قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىپ كەلمەكتە. بۇ قېتىم ئۇنىڭ بىلەن ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقىنى بىللە زىيارەت قىلغان يەنە، ياپونىيە قانۇن پالاتاسىنىڭ 50 تىن ئارتۇق ئەزاسى بار. كويزۇمى ئەپەندى ياپونىيە مىلىتارىزمى تەسلىم بولغانلىقىنىڭ 61 ‏-يىللىق خاتىرە كۈنىدە ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقىنى يەنە زىيارەت قىلىپ، ياپونىيە مىلىتارىزمى ئۇرۇش قوزغاپ ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە كەلتۈرگەن ئازاپ ‏- ئوقۇبەتلەر ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ جەرياندا ھاياتىدىن ئايرىلغان جەڭچىلەرگە ئىچ ئاغرىتىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

خىتاينىڭ ئىنكاسى

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېتىدە مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن بىر بايانات ئېلان قىلىپ، ياپونىيە باش مىنىستىرى جۇنىشىرو كويزۇمىنىڭ خىتاي خەلقىنىڭ ھېسىياتىغا پسەنت قىلماستىن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ 1 ‏- دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىمۇ دەپنە قىلىنغان ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىدا كويزۇمى ئەپەندىنى 'ياپون مىللىتارىزمىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى پىلانلىغان ۋە ئۇرۇشقا بىۋاستە قوماندانلىق قىلغان ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىگە تاۋاپ قىلىپ، بۇ ئارقىلىق خىتاي خەلقىنىڭ كۆڭلىگە دەشنام بەردى' دەپ ئەيىبلىگەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ توكيودىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ۋە كورىيە ھۆكۈمەتلىرى بۇنىڭدىن بۇرۇن ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزۇمىنى ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلىدۇ دەپ قاراپ، ئۆزىنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرىنى چاقىرىتىپ كېتىش شەكلى بىلەن بۇنىڭغا ئالدىن نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

ياپونىيە باش مىنىستىرى جۇنىشىرو كويزۇمى بۈگۈن 14 نەپەر ئۇرۇش جىنايەتچىسىنى ئۆز ئىچىگە 2 يېرىم مىليوندىن ئارتۇق جەڭچىنىڭ جەسىتى دەپنە قىلىنغان ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، كورىيە ئەلچىسى را جوڭئىل ۋە خىتاي ئەلچىسى كوڭ شۇەنيۇلار ياپونىيىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شوتارو ياچى ئەپەندىگە بىۋاستە نارازىلىق بىلدۈرگەن. راجوڭئىل 'كويزۇمى ئەپەندى كېلەر ئايدا ۋەزىپىسىدىن قېلىش ئالدىدا تۇرغاندا بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى رەنجىتتى، بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈردى' دېگەن.

خىتاي ئەلچىسى كوڭ شۇەنيۇ ' كويزۇمى تارىخ مەسىلىسىنى قايتا-قايتا كۆتۈرۈپ چىقىپ، بۇ ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئىشەنچىسىنى يوقاتتى، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيە بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ياپون رەھبەرلىرى بۇ قېتىم يەنە بىزگە سوغۇق سۇ چاچتى' دېگەن. ياپونىيىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شوتارو ياچى ئەپەندى ئۇلارغا 'كويزۇمىنىڭ ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىشى ياپون مىلىتارىزمى ۋە ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىدىن پەخىرلىنىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تىنچلىق ئۈچۈن' دەپ چۈشەندۈرگەن.

نارازىلىقلار

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي پۇقرالىرىدىن 30 نەچچە ئادەم بۈگۈن خوڭكوڭنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق كونسولخانىسىنىڭ ئالدىغا توپلىنىپ، ياپونىيىنىڭ باش مىنىستىرى كويزۇمىنى 'ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىگە تاۋاپ قىلدى' دەپ ئەيىبلەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن جەنۇبىي كورىيىنىڭ سىئۇل شەھىرىدە 2000 غا يېقىن ئادەم ياپونىيىنىڭ باش ئەلچىخانىسى ئالدىغا توپلىنىپ، ياپونىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىكىدىن ئازات بولغانلىقىنى خاتىرىلەپ نامايىش قىلغان. بېيجىڭدىمۇ بىر قىسىم كىشىلەر ياپونىيىنىڭ باش ئەلچىخانىسى ئالدىغا توپلىنىپ كويزۇمىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ شۇئار توۋلىغان.

'بوشۇن تور بېتى'دە ياپونىيىنىڭ باش مىنىستىرى جۇنىشىرو كويزۇمى قوشنا دۆلەتلەر نىڭ نارازىلىقىغا قىلچە پسەنت قىلماستىن، ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقىنى بىمالال زىيارەت قىلغان بۇ كۈننى 'خىتاينىڭ خەۋەر ۋە ئۇچۇرچىلىق تارىخىدىكى ئەڭ قاراڭغۇ بىركۈن' دەپ تەسۋىرلىگەن. (ۋەلى)