كارىبىيان دېڭىزىدىكى ئەڭ چوڭ ئارال دۆلىتى بولغان كۇبادا، دۆلەت رەئىسى فېدەل كاسترو دۆلەتنىڭ ھوقۇقىنى ئۆزىنىڭ ئۇكىسى رائۇل كاستروغا بىۋاستە ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خەلقئارادا، بولۇپمۇ ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ بۇنىڭغا بولغان ئىنكاسىدا كەسكىن قارىمۇ-قارشىلىق كېلىپ چىقتى. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ ھەقتە ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇۋاتقان كىشىلەر يەنىلا باشقا دۆلەتلەردە تۇرۇۋاتقان كۇبالىقلاردىن ئىبارەت بولدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فېدەل كاسترونىڭ سالامەتلىكى سەۋەبىدىن نېمە ئۆزگۈرۈش بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قېيىن. چۈنكى كۇبادا يەنىلا ناھايىتى ئاز سانلىق ئادەمنىڭ مۇستەبىتلىكى داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇ قېتىم ھوقۇقنى رائۇل كاستروغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش پەقەت ئادەم ئالماشقانلىقتىن ئىبارەت بولۇشىمۇ مۇمكىن.
دۆلەتنىڭ ھوقۇقىنى ئۆزىنىڭ ئۇكىسى رائۇل كاستروغا بىۋاستە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 3 - ئاۋغۇست كۈنى ھاۋانادىن خەۋەر قىلىشىچە، كۇبانىڭ 80 ياشلىق كوممۇنىست رەھبىرى فېدەل كاسترو كېسەل كارىۋىتىدا يېتىپ تۇرۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن كۇبادا كوللېكتىپ رەھبەرلىك شەكلى قوللۇنۇشنى ئورۇنلاشتۇرغان. گەرچە ئۇ كۇبادا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان سىياسىي بيۇرودىكى 5 نەپەر 'ئىشەنچىلىك يولداش' نىڭ نامىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما دۆلەتنىڭ پرېزىدېنلىقى ۋە كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىنى بىۋاستە ئۆزىنىڭ 75 ياشلىق ئۇكىسى رائۇل كاستروغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان.
خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، كۇبادا بۇ قېتىم يۈز بەرگەن ھوقۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىشنىڭ جەريانى ھازىرغا قەدەر جەمئىيەتكە ئۇچۇق-يۇرۇق ئەمەس. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ھاۋانادىن بايان قىلىشىچە، كۇبادا 80 ياشلىق فېدەل كاسترونىڭ كېسەل بولغانلىقى بىلەن جەمئىيەتتە بىر چوڭ جىددىيلىك پەيدا بولغان. 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، فېدەل كاسترو ئۆزىنىڭ ئۇكىسىغا بىۋاستە ھوقۇق ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، كۇبانىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرى 'دۆلەتنى قوغداشقا تەييار تۇرۇش' ، 'جاھانگىرلىكنىڭ تەھدىتىدىن ساقلىنىش' ، 'خەلقنىڭ قانۇنسىز ھالدا باشقا ئاراللارغا قېچىشىىنىڭ ئالدىنى ئېلىش' دېگەن سۆزلەرنى تەكىتلەشكە باشلىغان. 50 مىڭ كىشىلىك قوراللىق قىسىم بىلەن بۇ دۆلەتنى قاتتىق كونترول قىلىپ تۇرىۋاتقان كۇبا كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمى شارائىتىدا، كۇبادا ھازىر بۇنىڭدىن باشقا خەۋەر ياكى ئوخشىمىغان پىكىر مەۋجۇت ئەمەس.
ئامېرىكىنىڭ ئىنكاسى
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش فېدەل كاسترونىڭ دۆلەت ھوقۇقىنى بىۋاستە ئۆزىنىڭ ئۇكىسىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى 'كۇبا خەلقنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىش، ئۆزنىڭ يېتەكچىلىرىنى ئۆزلىرى ئەركىن سايلاش ئارزۇسىغا دەخل-تەرز قىلغانلىق' دەپ تەنقىدلىگەن. شۇنداقلا ، كۇبا خەلقىنى دېموكراتىك ئۆزگۈرۈشكە چاقىرغان ۋە كۇبا خەلقىغە ھەر جەھەتتىن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. جورجى بۇش سۆزىدە 'كۇبا خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ ھۆكۈمىتىنى ئۆزى سايلاش ھوقۇقى بار' دەپ تەكىتلىگەن. كۇبا تېلىۋىزىيىلىرى بۇنىڭغا جاۋابەن بۇرۇن كوچىلاردا خەلقنى ئورۇنلاشتۇرۇپ سۆزلىتىپ، تەييارلاپ چىققان خەلقىنىڭ فېدەل كاسترونى ئارزۇ قىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۇكىسىغىمۇ ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان كونا ھۆججەتلىك فىلىملەرنى قايتىدىن قويۇشقا باشلىغان.
خىتاينىڭ ئىنكاسى
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 4 - ئاۋغۇست كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئامېرىكىنىڭ كۇبا مەسىلىسىگە قارىتا تۇتقان پوزىتسىيىسىگە قارشى ھالدا بايانات ئېلان قىلىپ، 'ئامېرىكا باشقا دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقى كېرەك، كۇبانىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى كۇبا خەلقى ئۆزى بەلگىلەيدۇ' دەپ تەكىتلىگەن. شۇنداقلا يەنە 'بىزنىڭ دۆلەت رەئىسىمىز خۇجىنتاۋ نىڭ 2004 - يىلىدىكى كۇبا زىيارىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان ئىدى، بۇ قېتىم فېدەل كاسترو كېسەل بولۇپ قالغاندا يەنە ئۇنىڭغا سەمىمىي سالام يوللىدى' دېگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ مەيئامى شتاتىدا تۇرىۋاتقان كۇبا مۇھاجىرلىرى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، بۇنىڭدىن 40 يىل بۇرۇن ئاكىسى فېدەل كاسترو بىلەن سىياسىي كۆز قارىشى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن كۇبادىن چىقىپ كەتكەن، ئەمما ھازىرغا قەدەر ئاكىسى بىلەن تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ قويمىغان ھۇئاننىتا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، فېدەل كاسترو ئۈچەي يوللىرى قانىغانلىقتىن ئوپېراتسىيە قىلىنغان. ھازىر كاسترونىڭ كېسىلى ناھايىتى ئېغىر ئىكەن. ھازىر بۇ خانىم تەڭرىنىڭ رائۇل كاسترونىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بېرىپ كۇبادا يېڭىدىن دېموكراتىيە بەرپا قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلماقتا. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، كاسترونىڭ ھوقۇق ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، ھازىر ئامېرىكىنىڭ مەيئامى شىتاتىدا تۇرىۋاتقان كۇبالىقلار ئۆزلىرىنىڭ كۇبادا مۇستەبىتلىك ئاخىرلىشىپ دېموكراتىيە تىكلىنىشكە بولغان ئۈمىد -ئارزۇ ۋە ھازىرقى ئۆزگۈرۈشكە بولغان خوشاللىقىنى ھەرخىل شەكىل بىلەن ئىپادىلىمەكتە. (ۋەلى)