كانادانىڭ كۇبەك شىتاتىنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسى يەنە ئوتتۇرىغا چىقماقتا
2005.10.31
كانادانىڭ فرانسۇز تىلىدا سۆزلىشىدىغان كۇبەك شىتاتىنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى تۇنجى قەتىم ھەلقنىڭ ئاۋازىغا قويغىنىغا دەل 10 يىل بولغان كۈنلەردە، كانادا مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتە مۇنازىرە باشلاندى. خەلقنىڭ رايىنى سىناش نەتىجىلىرىگە قارىغاندا مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلغۇچىلار ئالدىنقى يىللارغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ئاشقان.
كۇبەك مۇستەقىلچىلىرى بولسا10 يىللىق سۈكۈتتىن كېيىن ،ھازىرقى ۋەزىيەتنى ئۆزىگە پايدىلىق دەپ قاراپ، يېڭىباشتىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشنى ئويلاشماقتا. بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەخمەت تۇرسۇندىن ئاڭلاڭ.
©
2005 Radio Free Asia