دېھقانلارنىڭ قوللىرىدىكى كەتمەن-گۈرجەكلەرنى كۆرۈپ ئەندىشىگە چۈشكەن دائىرىلەر، تۇتقۇنلاردىن ئىككى نەپىرىنى دەرھال قويۇپ بەرگەن؛ قالغان ئۈچ نەپىرىنىمۇ دېھقانلار بىلەن تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشتۈرگەن؛ ئەمما ئەتىسىدىن باشلاپ، بۇلارنى ئىسيانچىلار دەپ قاراپ سوراق ۋە سۈرۈشتە قىلىشقا باشلىغان.
كۇچانىڭ ئاغۇ يېزىسىدا تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى سەۋەبلىك تېرىلغۇ يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئاھالىلەرنىڭ يەر تۆلەم ماجىراسى داۋاملاشماقتا. ئۆتكەن ئايدا ئۇلارنىڭ 3 نەپەر ۋەكىلى كۇچادىن كەلگەن دائىرىلەر بىلەن بېيجىڭدا ئۆز-ئارا ئاغزاكى كېلىشكەن.
كېلىشىم بويىچە دائىرىلەر بۇزۇلغان يەرلەرگە مو بېشىغا 7000 يۈەندىن تولۇقلىما پۇل بېرىشكە قېتىلغان. ئۇلار بېيجىڭدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، تولۇقلىما تۆلەم پۇلى بىر قىسىم ئاھالىلەرگە بېرىلگەن بولسىمۇ، يەنە بىر قىسمىغا بېرىلمىگەن. بۇنىڭ بىلەن يېزىدىكى ئاھالىلەر يەنە بەش نەپەر ۋەكىلىنى بېيجىڭغا ئەرز قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن.
ئۆتكەن ھەپتە كۇچادىن يەنە 9 كىشىلىك بىر ھەيئەت بېيجىڭغا بېرىپ، بۇ بەش نەپەر دەۋاگەرنى تۇتۇپ ئەكەلگەن ۋە كۇچادىكى بىر سولاقخانىغا قاماپ قويغان. ۋەكىللىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغان ئاھالىلەر دۈشەنبە كۈنى ئاغۇ يېزىلىق ھۆكۈمەت ئالدىدا توپلىشىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۈگۈن تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتى ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى تەرىپىدىن چاقىرتىلغان. چاقىرتىلىشتا ئۇلارغا تەھدىت سېلىش مەقسەت قىلىنغانلىقى ۋە ياكى تۇتقۇنلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى ئويلاشقانلىقى ئېنىق ئەمەس.
ئاغۇ يېزىسىدىكى ئاھالىلەر ئالدى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان قېرىنداشلىرىنى قۇتقۇزىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە قالغان تۆلەم پۇلىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى، تېگىشلىك تۆلەم ھەققىنى قولىغا تولۇق ئالماي تۇرۇپ داۋادىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.